نىمە ئۈچۈن بوۋاقنى تىك كۆتۈرسەك يىغلىمايدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9139:ئادەم ئۆگەندى

     ياش ئاتا-ئانىلار ھەمىشە بوۋاقلارنى ياتقۇزۇپ قويسا يىغلاپ،تىك تۇتۇپ تۇرسا يېغىدىن توختايدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچرايدۇ، بۇزادى نىمە ئۈچۈن؟

     بىرىنچىدىن ،بوۋاقلارنىڭمۇ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بار بۇلۇپ،تىك تۇتۇپ تۇرغان ۋاقتىمىز خۇددى بوۋاقنىڭ ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى ھالىتىگە ئوخشايدۇ،شۇڭلاشقا بوۋاقتا بىر خىل تۇنۇش بولغان ھىسيات پەيدا بۇلۇپ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلىدۇ.بۇ يەردە ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىمىز بوۋاقنى تىك كۆتۈرۈش ھالىتى : بىر قولىمىزنىڭ ئالقىنى ۋە بىلەك قىسمىدا بوۋاقنىڭ ئارقا بوينى،ئارقامىڭىسى ۋە دۈمچىسىنىڭ بىر قىسمىنى تىرەپ تۇرىمىز،بۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىدا بالىنىڭ ئىڭەك سۆڭىكى قىسمىنى يۆلەپ تۇتىمىز؛يەنە بىر قولىمىز ۋە بىلىكىمىزدە بوۋاقنىڭ پەللىكى ۋە دۈمچە قىسمىنى كۆتۈرىمىز،بوۋاقنىڭ ئىككى قولىنى بىرگە قىلىپ تۈگۈلۈپ تۇرغاندەك ھالەتكە ئەكەلسەك،خۇددى بالىياتقۇ ئۇنى چىڭ ئوراپ تۇرغانغا ئوخشاش بۇلىدۇ؛ئەگەر مۇشۇ ھالەتتە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ بوۋاقنىڭ پەللىكىنى مىدىرلىتىپ قويساق ،بوۋاق ناھايىتى خوشال بۇلۇپ كىتىدۇ.

   ئىككىنچىدىن ،ياتقان ۋە تىك تۇرغان ۋاقىتتىكى كۆرۈنگەن شەيئىلەرنىڭ سىزىم ئەزالىرىغا بىرىدىغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ.ئادەمنىڭ فىزىلوگىيىلىك تۇغما قابىلىيىتىدىن قارىغاندا ،بوۋاقلار ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە شەيئىلەرگە تۈز قاراشنى بەكرەك ياخشى كۈرىدۇ.

   ئۈچىنچىدىن،بوۋاقنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ھالەتتە بوۋاق ئۇخلىسا،بوۋاقنىڭ بېشى ئانىسىنىڭ مۈرىسىگە قويۇلغان بۇلۇپ،بۇنىڭدا بوۋاق بىلەن ئانىسىنىڭ بەدىنى تېخىمۇ يېقىن ھالەتتە تۇرىدۇ،بوۋاق بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلىدۇ.

تۆۋەندە بىز بالىلارنى تىك كۆتۈرۈپ بەرسەك قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بارلىقىنى كۈرۈپ باقايلى:

    1.     بوۋاقلار سۈت ئەمگەن ۋاقتىدا ئاسانلا ھاۋا قوشۇپ سۈمۈرۋالىدىغان بۇلۇپ، بۇ سەۋەبلىك بوۋاقتا ئەمگەن سۈتنى قۇسۇۋىتىدىغان،ئاشقازان ھەزىم يوللىرىدا تەتۈر ئېقىم پەيدا بۇلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.شۇڭلاشقا بوۋاقنى 30-20مىنۇت تىك كۆتۈرۈپ بەرسەك،ھاۋانى چىقىرۋەتكىلى بۇلىدۇ،بوۋاقنىڭ ئازابلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ.

    2.     بوۋاقلاردا ھەمىشە ئۈچەيلىرى تولغاپ ئاغرىپ،توختىماي يىغلايدىغان ئەھۋاللار كۈرلىدىغان بۇلۇپ،بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنى تىك كۆتۈرۈپ بەرسەك ناھايىتى ياخشى بەزلەش بۇلىدۇ.

    3.     تىك كۆتۈرگەن ۋاقتىمىزدا بوۋاق بىلەن كۆزنى ئۇدۇل ئۇچراشتۇرۇشقا بۇلىدىغان بۇلۇپ ، ئانا-بالا كۆزلىرى ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بوۋاق باشقا بىر نوقتىدىن ئەتراپنى كۆزىتەلەيدۇ، بۇنىڭ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسى بار.

بۇۋاق قانچىلىك بولغاندا تىك كۆتۈرۈشكە بۇلىدۇ؟

كۆتۈرۈش ھالىتى توغرا بولسىلا،يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىمۇ تىك كۆتۈرۈشكە بۇلىدۇ.

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:未经许可抄袭转载者必究相关责任!

 

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号