مىۋە شەربىتىنىڭ ئىنىقلىمىسى
ئامرىكا يىمەكلىك ۋە دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق بىكىتكەن : ئەگەر مەھسۇلات ماركىىسىدا مىۋە شەربىتى دەپ ئېلىنغان بولسا ، ئۇنداقتا بۇ مەھسۇلات چوقۇم %100مىۋە شەربىتى بۇلۇش كىرەك ؛ قويۇقلاشتۇرۇلغان مىۋە شەربىتىدىن تەڭشەلگەن مىۋە شەربەت ئىچىملىكلىرى چوقۇم قۇيۇقلاشتۇرۇلغان مىۋە شەربىتىدىن تەڭشەلگەن دەپ ئەسكەرتىش ؛ ئەگەر مىۋە شەربىتىنىڭ قۇيۇقلۇقى %100دىن تۆۋەن بولسا ، چوقۇم مىۋە شەربىتىنىڭ ئىگىلىگەن مىقدارىنى ئەسكەرتىش ، ھەمدە مەھسۇلات نامى تەسۋىرلەش خارەكتىرلىك ( مەسىلەن ئىچىملىكى دىگەنگە ئوخشاش ) ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كىرەك .
ئادەتتە مىۋە شەربىتى ئىچىملىكى ، مىۋەشەربىتى تەركىبى قىسمى %99-%10گىچە بولغان ، ھەمدە تاتلىق تەم دورىسى ، پۇراقلىق ماتىريال ، ۋىتامىن س ۋە كالتسىي قاتارلىق قۇشۇندىلار قوشۇلغان ئىچىملىكلەرنى كۆرسىتىدىغان بۇلۇپ ، قوشۇلغان بۇ ماددىلار چوقۇم مەھسۇلات ماركىسىدا بىرمۇ بىر ئىزاھلىنىشى كىرەك .

ئۇزۇن مۇددەت مىۋە شەربىتى ئىستىمال قىلىشنىڭ بالىلارغا بولغان زىيىنى
1. مىۋە شەربىتى بالىلارنى قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ
مىۋە شىكىرى بەدەننىڭ مىس ماددىسىنى سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بۇلۇپ ، مىسنىڭ كەمچىللىكى بولسا قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ، قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئېينىشتىيىن مىدىتسىنا مەركىزى 100دىن ئارتۇق قان ئازلىق كىسىلى بار بالىلارغا قايتا كۆزىتىش خارەكتىرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا ،بۇلارنىڭ ئىچىدىكى %80دىن يۇقىرى نىسبەتتىكى بالىلارنىڭ مىۋە شەربىتى ئىچىش ئادىتى بارلىغىنى بايقىغان .
2. سۈنئى ئۇسۇلدا تەييارلانغان رەڭ ماددىسى ، ئەقلى ئىقتىدارنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
مەيلى مىۋە تەملىك ئىچىملىكلەر بولسۇن ياكى تۆۋەن قۇيۇقلۇقتىكى مىۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرى بولسۇن ، ھەممىسىدە سۈنئى ئۇسۇلدا يىتىشتۈرۈلگەن رەڭ ماددىسى ئىشىلىتىلىدۇ ؛ چۈنكى ئۇچۇق رەڭلىك كەلگەن بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار ئىستىمالچىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمى جەھەتتە ، ئىچىملىك بىلەن مىۋە-چىۋىلەرنى باغلىنىشلىق كۆرسىتىدۇ ؛ شۇڭلاشقا ئىچىملىك تەركىبىدىكى مىۋە شەربىتىنىڭ مىقدارى ئىچىملىكنى مىۋە رەڭگىگە ئوخشاش ھەرخىل ئۇچۇق رەڭلىك قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاز بولغان ۋاقىتتا، ئەرزان باھادىكى سۈنئى ئۇسۇلدا يىتىشتۈرۈلگەن رەڭ ماددىسى ئىشلىتىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر .
تەتقىقاتچىلار 100نەپەر بالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، سۈنئى ئۇسۇلدا تەييارلانغان رەڭ ماددىسىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىغىنى بايقىغان . دائىم مىۋە شەربىتى ئىچىپ ، سۇنى ئاز ئىچىدىغان بالىلاردا ئىشتىھاسى تۇتۇلىدىغان ، كۆپ مىدىرلايدىغان ، مىجەزى غەلىتە ، بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بوي ئىگىزلىكى يىتەرلىك بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۈرۈلىدىكەن .

3. بالىلارنىڭ ئاسانلا سەمىرىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىدۇ
سۇ –مىۋە شەربىتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى قىسمى ، ئۇنىڭدىن قالسا كاربون سۇ بىرىكمە ماددىلىرى بۇلۇپ ، بۇ كاربون سۇ بىرىكمە ماددىلىرىنىڭ قويۇقلۇقى ( kcal/mL0.44 ) g%11دىن g%(0.64kcal/mL)16گىچە ئوخشاش بولمىغان مىقداردا بۇلىدۇ ؛ ئاساسلىقى قومۇش شېكىرى ، مېۋە قەنتى، گلۇكوزا ۋە تاغ نەشپۈت شېكىرى ئىسپىرتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئاناسۈتى ۋە بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس ئۆلچەملىك تەڭشەلگەن كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى كاربون سۇ بىرىكمە ماددىلىرىنىڭ قويۇقلۇقى g%7 بۇلىدۇ ؛ بىر ئىستاكان يىڭى ئاپلىسىن شەربىتىنىڭ تەركىبىدە 112كالورى ، ئالما شەربىتىدە 114 كالورى ، ئۈزۈم شەربىتىدە 152 كالورى ئىسسىقلىق بار . ئوخشاش مىقداردىكى كوكا كولانىڭ تەركىبىدە 97 كالورى ، پېپسى كولاسىنىڭ تەركىبىدە 100كالورى ئىسسىقلىق بۇلىدۇ .
ئادەتتە ئادەم بىر تال ئالما يسىلا قورساق تويۇپ قالغاندەك ھىس قىلىدۇ ، ئەمما 4 ئالمىدىن ئاندىن ناھايىتى ئاز مىقداردا ئالما شەربىتى سىقىپ چىقىرىشقا بۇلىدۇ ، بۇنىڭدا چىققان شەربەتنىڭ ھەممىنى ئىچىۋەتسەكمۇ تويۇش ھىس قىلمايمىز ؛ ئەمما دەل مۇشۇ بىر ئىستاكان ئالما شەربىتى تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى بىر ئالمىنىڭكىگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ بۇلىدۇ ؛ مىۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرى تېخىمۇ مۇشۇنداق بۇلىدىغان بۇلۇپ ، كۆپ قىسىم مىۋە شەربىتى ئىچىملىكلىرىگە تېخى شىكەر قوشۇلىدۇ . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە ، ھازىر خەلقئارادا مىۋە شەربىتى ۋە مىۋە شەربىتىگە ئىچىملىكلىرىگە ئالاقىدار تەتقىقاتلار كۆپ بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى بالىلارنىڭ 2تىپتىكى قەنت سىيىش كىسىلىنىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان .

4. بالىلارنى ئاسانلا تاتلىق يىمەكلىككە خۇمار قىلىپ قويىدۇ
بەزى مۇتەخەسسىسلەر كۆپ مىقداردا تاتلىق ئىچىملىك ئىچىشنىڭ بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا تاتلىق يىمەكلىككە ئامراق قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ . گوللاندىيەدىكى 2004-يىلدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات تۈرىدە بايقىلىشىچە ، 8ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلار قەنت تەركىبى بولغان ئاپلىسىن شەربىتىنى 8كۈن ئۈزۈلدۈرمەي ئىچكەندىن كىيىن تاتلىق ئىچىملىكلەرگە خۇمار بۇلۇپ قالىدىكەن ، ئۇلار ئاپلىسىن شەربىتىنىڭ تاتلىق تەمىگە ئادەتلىنىپ قالغانلىق سەۋەبلىك ، ئىچىدىغان مىقدارىمۇ تېخىمۇ كۆپ بولغان .

دوستانە تەكلىپ :
بوۋاق 6 ئايلىق بۇلۇشتىن ئىلگىرى ، ئانا سۈتى ئۇلارغا قارىتا بىردىنبىر ئۇزۇقلۇق مەنبەسى بۇلۇش كىرەك ؛ ئانا سۈتى ئىمىتەلمەيدىغان ياكى ئىمىتمەسلىكنى تاللىغان بوۋاقلارغا قارىتا ، بوۋاقلار ئۈچۈن مەخسۇس تەڭشەلگەن سۈت پاراشۇكىنى ئۇزۇقلۇق مەنبەسى قىلساق بۇلىدۇ ، باشقا ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈش ھاجەتسىز ؛ 6 ئايلىقتىن چوڭ بىر ياشتىن كىچىك بوۋاقلار مىۋە مىۋە شەربىتى ئىچىشتە ئىھتىيات قىلىشى لازىم ؛ 1 ياشتىن ئاشقان بالىلارغا مىۋە شەربىتىنى تاماقتىكى ئۇسسۇلۇق ياكى ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىڭ بىر قىسمى قاتارىدا بەرسەك بۇلىدۇ ، ئەمما بوتولكىغا قۇيۇپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىمىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ ؛ 6-1ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ھەركۈنلۈك ئىچىدىغان مىۋە شەربىتىنىڭ مىقدارى ياش بۆلىكىگە قاراپ 100-150مىللىگىرام ئەتراپىدا بۇلۇشى ۋە بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى ، 18-7ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ياش بۆلىكىگە قاراپ 300-200مىللىگىرام ئەتراپىدا بۇلۇشى ۋە بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم .
ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!
友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام
دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب
بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى
ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال
بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号