بالىلار ئوينايدىغان رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنىدا ، ئۇلارنى ئەقىللىق قىلىدىغان مەخپىيەتلىك يۇشۇرۇنغان
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 9869:قېتىم كورۇلدى

    مۇبادا ، بالىلارغا چوقۇم ئېلىپ بىرىش زۈرۈر بولغان ئويۇنچۇقلار تىزىمى تۈزۈشكە توغرا كەلسە ، بۇنىڭ ئىچىدە كەم قالسا بولمايدىغان ئويۇنچۇق، رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقىدۇر . سىز بۇ ئويۇنچۇقنى ھەرگىز بوش چاغلاپ قالماڭ ، رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنىنىڭ بالىلارغا بولغان پايدىسى كۆپ بۇلۇپ ، بىر قول بىلەن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ :

 

l       رەسىم كىرىشتۈرگەندىكى رەسىم پارچىلىرىنى تاللاش ، ئورنىغا قويۇش  بالىلارنىڭ بارماقلىرىنىڭ چىۋەر بۇلۇش ئىقتىدارى ۋە كۆز بىلەن قولىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدۇ ؛

l       بالىلارنىڭ كۆزىتىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، رەڭ، شەكىل ۋە بوشلۇق مۇناسىۋىتىگە بولغان سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىدۇ ؛

l       بالىلارنىڭ سەۋرچانلىقى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى يىتىلدۈرىدۇ ؛

l       رەسىم كىرىشتۈرگەندە داۋاملىق خاتا كىرىشتۈرۈپ سالىدۇ ، بۇ قايتا قايتا سىناش جەريانى بالىلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزىشىغا ياردىمى بۇلىدۇ ؛

l       بالىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ؛

l       بالىلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇقۇم ۋە ساۋاتلارنى ئۈگىنىشىگە ياردىمى بۇلىدۇ؛ مەسىلەن رەڭ ، شەكىل ، ھايۋانات ، قاتناش قوراللىرى دىگەنگە ئوخشاش ؛

l       قايتا قايتا كىرىشتۈرۈپ بۇزۇش جەريانى بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .

    بەزى ئانىلار " رەسىم كىرىشتۈرۈش شۇنداق قىيىن تۇرسا ، بالىلار ئويناشنى ئەسلا بىلمەيدۇ " ۋەياكى " مىنىڭ بالامنىڭ سەۋرچانلىقى ياخشى ئەمەس ، ھەمىشە بىر نەچچە پارچە كىرىشتۈرۈپلا ، ۋاز كىچىپ بولدى قىلىدۇ " دەپ ئەنسىرىشى مۇمكىن ؛ رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنىدا " تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇش " تاكتىكىسى قوللىنىش زۈرۈر بۇلۇپ ، سىز باشلىنىشتىلا بالىڭىزغا پارچە سانى كۆپ ، ئۆزى كىچىك ئەمما مۇرەككەپ ئارقا كۈرنۈش تەسۋىرى بار رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقى ئېلىپ بەرسىڭىز ، بالىلار ئەلۋەتتە ئوينىيالمايدۇ !

   بۇ ھەقتە بىز  تۆۋەندە ئازراق تەكلىۋىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز :

     6-12ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا ، ئەڭ ياخشىسى تۇتقىسى بار ،كۆپۈپ چىققان قىسمى بار ۋە ياكى يان تەرەپلىرىدە ئېرىقچىلىرى بار چوڭ پارچىلىق رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقى تاللاپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ ، بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ تۇتۇشىغا ئاسان بۇلىدۇ . بۇندىن باشقا ئىمكان قەدەر شەكلى ئىنىق كەلگەن ، رەڭلىرى ئۇچۇق بولغان ، پارچە سانى ئاز بولغانلىرىنى تاللاپ بىرىشىڭىز كىرەك .

    1-2ياشقىچە بولغان بالىلارغا تاق پارچىلىك رەسىم كىرىشتۈرۈش ئويۇنچۇقىدىن باشلىسىڭىز بۇلىدۇ ، مەزمۇن جەھەتتە گىئومىتىرىيىلىك شەكىل رەسىملىرى ، ھايۋانات ، مىۋە-چىۋە ، قاتناش قورالى قاتارلىقلارنىڭ مۇكەممەل شەكلىنى كىرىشتۈرىدىغانلىرىنى تاللىسىڭىز بۇلىدۇ .

     2-3ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ئاساسەن ، كىرىشتۈرىدىغان رەسىمنىڭ پارچە سانى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى تەدرىجى ئاشۇرسىڭىز بۇلىدۇ .

 

 

ئەسكەرتىش : تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتور ھوقۇقى شىنجاڭ تەمزات مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىگە تەۋە بۇلۇپ، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەرنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ!

友情提示:作品版权归新疆塔穆扎提文化传播有限公司所有,抄袭转载者必究法律责任!

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号