نېمىشقا ھازىر جىق بالىلار راك كېسىلى بولۇپ قالىدۇ؟
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 14696:ئادەم ئۆگەندى

 بالا ئۇ بىر سوۋغات، ئائىلىگە بەخىت ھەم خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بىز شۇنداق ئوماق، پەرىشتىدەك بالىلارنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىپ، بىمار كىيىمىنى كىيۋالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ چېھرىدە بۇرۇنقىدەك خوشاللىقنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلار دەل راك بولۇپ قالغان بالىلار. ئىستاسىتكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2000-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرى ئۆرلىگەن، ھەر يىلى 2.8 پىرسەنتلىك سۈرئەت بىلەن ئاشقان. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 10 مىڭ بالا ئارىسىدا بىر بالا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن.

نېمىشقا راك كېسىلى ئۇلارغا چاپلىشىۋالىدۇ؟ نېمىشقا نۇرغۇن بالىلار راك كېسىلى سەۋەبلىك چېھرىدىكى كۈلكىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ؟ تۆۋەندە بىز بالىلاردىكى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تىپىك سەۋەبلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. ئاتا-ئانىلار بالا بېقىش جەريانىدا چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك.

بىرىنچىسى، گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى

بالىلاردىكى راك كېسىلىنىڭ كۆپىنچىسى ھامىلە ۋاقتىدا شەكىللەنگەن ئۆسمىدىن بولغان بولىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، كۆپىنچىسىدە تۇغما بولىدۇ، ئۇلار تۇغۇلىدىغان ۋاقتىدا گېندا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولسا شۇنداق بولۇپ قالىدۇ. گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىگە ئىككى نەرسە سەۋەب بولىدۇ:بىرى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېرسىيىتىدىكى كېسەللىككە بالا ۋارىسلىق قىلىپ قالىدۇ. ئاتا-ئانىسى راك كېسىلى بولۇپ قالغان بولسا، گەرچە بالىغا راكنى بىۋاستە ئېرسىيەت قىلىپ قالدۇرمىسىمۇ، لېكىن ئۇرۇق ھۈجەيرىسى ۋە تۇخۇم ھۈجەيرىسىدىن ھاسىل بولغان گېن ۋە خروموسۇم ئارقىلىق كېيىنكى بىر ئەۋلادقا ئېرسىيەت قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، يەنە بىر سەۋەب ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ھامىلىدە تۇيۇقسىز گېن ئۆزگىرىش بولۇپ قالىدۇ، ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مىكروبتىن زەھەرلىنىش، ئىئون رادىئاتسىيەسى، خېمىيىلىك دورا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىدا يامان سۈپەتلىك ئۆسىمىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشىدىكى مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچىسى، مۇھىت ئامىلى

بالىلار «ئىككىنچى قول تاماكا» نىڭ ئەڭ زور زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، تاماكا چېكىش چوڭلارغا زىيانلىق بولۇپلا قالماستىن بالىغىمۇ ئىنتايىن زىيانلىق. 30 پىرسەنتكە يېقىن راك كېسىلى سەۋەبى ھەر خىل شەكىلدىكى تاماكا بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن ئىكەن، باشقىلار چەككەن تاماكىدىن زىيانلانغانلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىر بولغان، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ زەھەر تارقىتىش ئىقتىدارى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ئەڭ ئاسان زىيانلىنىدىكەن، تاماكا ئىسىدىن زىيانلانغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن. تەتقىقاتتىن كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن، كاربون ئىككى ئوكسىد ۋە سىئانىد قاتارلىق ماددىلار بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، ئاق قان كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى ۋە مېڭىدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى ناھايىتى مۇھىم، مەسىلەن:بالىلار بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان بېزەك ماتىرىياللار بار مۇھىتتا چوڭ بولسا، ئۇلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئاشىدىكەن. ئۆي ئىچىگە قىلىنغان بېزەكلەر فورمالدېگىد قويۇپ بېرىدىغان بولۇپ، فورمالدېگىد ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيە سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ بالىلاردا ئاق قان كېسىلى ۋە راك كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. بالىلارنىڭ ئېممۇنىت ئىقتىدارى ئاجىز بولغاچقا ئاسانلا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ئۈچىنچىسى، يېمەكلىك ئامىلى

جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆستى. بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمۇ موللىشىپ كەتتى، ئىنچىكىلەشتى. ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىغا ئەڭ ياخشىسىنى ئېلىپ بەرگۈسى كېلىدۇ، بالا نېمە يەيمەن دېسە شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ. لېكىن ھازىرقى بالىلار مايلىق يېمەكلىكلەرنى، غەربچە يېمەكلىكلەرنى، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلار بالىلارنىڭ بەدىنىدە مايلارنىڭ يېغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭغا چېنىقماسلىق قوشۇلۇپ، بالىلارنىڭ بەدەن سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاسانلا سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سېمىزلىك بالىلارنىڭ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسىلى قىلىپ قويىدۇ، ھەمدە ئۆسمە پەيدا بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

تۆتىنچىسى:دورا ئامىلى

يېڭى تۇغۇلغان بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق بولمىغان دورىلارنى ئىستىمال قىلسا ياكى ئانتىبىئوتىك (抗生素) قاتارلىق دورىلارنى زىيادە ئىستىمال قىلسا، شۇنداقلا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىسىنىڭ دورىلارنى كەلسە-كەلمەس ئىشلەتكەنلىكى بالىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا راك بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.

ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ۋە بولماقچى بولىۋاتقانلار! بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىڭلار. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئانا سالامەتلىكىگە دىققەت قىلسۇن، ھامىلدارلىق تەكشۈرتۈشنى ياخشى قىلدۇرسۇن. ھامىلىنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى ئىگىلەپ، سۈپەتلىك تۇغۇپ، سۈپەتلىك تەربىيلەش ھەممىدىن مۇھىم. ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەندە چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىشى كېرەك. سەل قاراپ، خالىغانچە مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەپ، ساغلاملىققا، ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بالىغا چوقۇم بىخەتەر ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتى بېرىش كېرەك، شۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن خاتىرجەم بولالايمىز.

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى

ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号