10 خىل پايدىسىز ئانا-بالىلار بۇيۇملىرى
8 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 11374:قېتىم كورۇلدى

 بۇ بىر ئانىنىڭ بالا بېقىش جەريانىدا ھېس قىلغان تەجىربىلىرى ئىكەن. مۇتلەق توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن.

ئونىنچىسى:بوۋاقلارنىڭ تۇتاش كىيىمى، دەل كېلىدىغىنى ئالمىسا بولمايدۇ، كىچىك كېلىپ قالسا ئەسلا كىيگۈزگىلى بولمايدۇ، بالىنىڭ ئۆسۈشىگىمۇ پايدىسىز، بالا سەل چوڭ بولغاندا كېسىۋېتىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.

توققۇزىنچىسى: ھەشەمەتلىك بوۋاقلار ھارۋىسى، قارىماققا بەكلا ھەشەمەتلىك بولۇپ، ئادەمنىڭ ئالغۇسى كېلىدۇ، لېكىن تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمامسىز، كېيىن سىز يالغۇز سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قالسىڭىز، بالىڭىز ئولتۇرۇشنى خالىمىسا سىز بىر قولىڭىزدا بالىنى يەنە بىر قولىڭىزدا بۇ ئېغىر ھارۋىنى ئىتتىرىپ ماڭسىڭىز، نېمىدىگەن جاپالىق.

قورساق تېڭىش بەلبېغى، ئولتۇرسا كۆكرەككە تاقىشىۋاتقان، ماڭسا ئورنى يۆتكىلىپ كېتىۋاتقان، تاماق يېسىڭىزمۇ بىئارام قىلىۋاتقان. بولدىلا ئىشلەتمەيلى ئاشۇ نەرسىنى.

يەتتىنچىسى:ئېمىزگە قۇتىسىنى دېزىنفىكسىيەلىگۈچ، ئىشلىتىشمۇ، يۇيۇشمۇ قولايسىز، ئەڭ ياخشىسى قايناقسۇدىلا دېزىنفىكسىيە قىلغانغا يەتمەيدۇ.

ئالتىنچىسى:لاتا قىسقۇچ، سۇ سۈمۈرمەيدۇ، بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرى ھەممىسى ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىر قېتىم ئىشلەتسىلا قانداقلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.

بەشىنچىسى:سۈت ئىسسىتقۇچ، ئادەتتە سۈت نورمال تېمپىراتۇرىدا ساقلىنىش مۇددىتى 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، دېمەك سۈتنى سۈت ئىسسىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويغاندا سۈپىتى ئۆزگىرىپ قالىدۇ. يەنە كېلىپ سوغۇق سۈتنى قىززىتىش سۈرئىتى بەك ئاستا، قايناقسۇ بىلەن ئىسستىقانغا يەتمەيدۇ.

تۆتىنچىسى: قولدا سۈت تارتىش ئۈسكۈنىسى، بۇنىڭ بىلەن سۈتنى تارتىپ بولالماي قولىڭىزنىڭ پېيى تارتىشىپ قالىدۇ، توكلۇق سۈت تارتقۇنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۈچىنچىسى: قىرىق ئىچىدە ئىشلىتىدىغان داكىلىق چىش چوتكىسى، بۇنى بىر قاپ ئېلىپ، پەقەت بىر تاللا ئىشلەتتىم، پەقەت پاكىز يۇغىلى بولمايدىكەن. ئەڭ ياخشىسى يەنىلا يۇمشاق قىللىق چوتكىنى ئىشلەتكەنگە يەتمەيدۇ.

ئىككىنچسى: بۇرۇن قاقىچىنى تارتىش ئۈسكۈنىسى، بالا بەك ئارامسىزلىنىدۇ ھەم ماسلىشىپ بەرگىلى ئۇنىمايدۇ، ھەر قېتىم ناھايىتى ئۇزۇندا ئاندىن ئېلىپ بولغىلى بولىدۇ. ئادەتتە بالىنىڭ بۇرۇن قاقىچىنى ئاستا مىجىپ سۈرتىۋەتسىلا بولىدۇ، بالىنىڭ بۇرنىدا قاقاچ بولسا ئۇنچىۋالا قىينىلىپمۇ كەتمەيدۇ، سىزنىڭ مەجبۇرلاش كېسىلىڭىز بولمىسىلا.

بىرىنچىسى: ئەر بولغۇچى، بۇنى بەك تەپسىلىي دەپ كەتمىسەممۇ بىلسىلەر ھەقىچان.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号