ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا ئامال بار يانفون بەرمەڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر دۆلىتىمىزدىكى تۆۋەن ياش مەزگىلىدىكىلەردىكى يېراقنى كۆرەلمەس كۆز مەسىلىسى بىرقەدەر ئېغىر ئىكەن. بۇندىن باشقا يەنە، ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىلمى  ئۇسۇلدا ئىشلەتمەسلىك، يېراقنى كۆرەلمەس كۆز كىسەللىكى كۆپ كۆرىلىشنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار، ئىمكان قەدەر كومپىيوتىر ۋە يانفون ئىشلەتمەسلىكى، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلارنىڭ ئالدىدا ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىمكان قەدەر ئاز ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.
   تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەردىكى يېراقنى كۆرەلمەسلىك كىسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %53.6 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 6ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ گىرىپتار بولۇش نىسبىتى%14.5، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %36ن، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ %71.6، تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىىرىنىڭ %81 ئىكەن.
   دۆلەتلىك سەھىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان "2019-يىللىق بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر يېراقنى كۆرەلمەسلىك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىق تەربىيەسى يادرولۇق ئۇچۇرى"دا كۆرسىتىلىشىچە، 0ياشتىن 6ياشقىچە بولغان ئارىلىق، بالىلارنىڭ كۆرۈش سىزىمىنىڭ يىتىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.
   يادرولۇق ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، يانفون، كومپىيوتىر، تېلىۋىزۇر قاتارلىق ئېلىكتىرونلۇق ئېكرانلارغا ئۇزۇن ۋاقىت قاراپ تۇرۇش ياكى بەك يېقىن ئارىلىقتىن تىكىلىپ قاراش، يېراقنى كۆرەلمەس كۆزنى پەيدا قىلىدىغان ئاسالىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا، ئالتە ياشتىن تۆۋەن بالىلار، ئىمكان قەدەر يانفون ۋە كومپىيوتىرغا ئۇچراشماسلىقى، ئاتا-ئانىلارمۇ بالىسىنىڭ ئالدىدا ئىلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىمكان بار ئاز ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.
   بۇندىن باشقا، بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش جەريانىدىكى كۆزىنى داۋاملىق ئىشلىتىش ۋاقتى 40مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ھەمدە كۈندۈزلىرى ئۆي سىرتى پائالىيەتلىرىگە يىتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەك ئىكەن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号