بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكى قارا تىزىملىكى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 11397:قېتىم كورۇلدى
  بوۋاق ئالتە ئايلىققا توشقاندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا قوشۇمچە تاماق قوشۇپ يىگۈزۈش باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ھەرخىل قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تەييارلاش ئۇسۇللىرى ئانىلارنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ. بىراق، بوۋاققا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى تاللاپ يىگۈزۈشتە قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ؛ چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى تېخى يۇمران بولغاچقا، يىمەكلىكنى ئىنتايىن بەك تاللايدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى يىمەكلىكلەر، بوۋاق بىر ياشقا توشۇشتىن ئاۋال ئۇنىڭغا تاماق ئۈستىلىگە چىقسا بولمايدۇ.
تۇخۇم ئېقى
   تۇخۇم ئېقى تەركىبىدىكى ئاقسىللارنىڭ مولىكۇلالىرى نىسبەتەن كىچىك بولۇپ، بەزىدە ئۈچەي دىۋارىدىن ئۆتۈپ، بىۋاستە بوۋاقنىڭ قېنىغا ئۆتۈپ كىتىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ سىرتتىن كەلگەن ئاقسىل مولىكۇلالىرىغا قارىتا رىئاكسىيە قىلىشىنى پەيدا قىلىپ، ھۆل تەمرەتكە قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىماپ تەركىبى يۇقىرى بولغان بېلىق
   بەزى بېلىق تۈرلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دېڭىز بېلىقى گۆشىنىڭ سىماپ تەركىبى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقنىڭ نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بوۋاققا بېلىق گۆشىدىن تائام تەييارلىغاندا، ئىمكان بار جۇغى چوڭ بېلىقلارنى تاللىماسلىق كىرەك.
مىۋە شەربىتى
   بوۋاقلارغا مىۋە شەربىتى بىرىشكە بولماسلىقتىكى سەۋەپ، بىرىنچىدىن مىۋە شەربىتى زىيادە تاتلىق بولغاچقا، بوۋاقلار ئىچكەندىن كىيىن قايناقسۇ ئىچىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قېلىپ، چىشىنى ئاسانلا قۇرت يەپ كىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مىۋىنى سىقىپ شەربەت چىقارغاندا، ئەسلىدىكى تالا ماددىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، ئەسلىدە ھەزىم قىلىشقا ياردەملىشىدىن بۇ تالا ماددىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، قەنت تۈرىدىكى ماددىلار يامانلىشىپ كىتىدۇ.
ئىقتىدارلىق قۇۋۋەت ئىچملىكلىرى
   ئىقتىدارلىق قۇۋۋەت ئىچىملىكلىرى(مەسىلەن قىزىل كالا ئىچىملىكى دىگەنلەرگە ئوخشاش) تەركىبىدە زور مىقداردا ئىلىكتىرولىت بار بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ مىتابولىزىم ئىقتىدارى ۋە چىقىرىش ئىقتىدارى تېخى بۇ خىلدىكى مىقدارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارى ئاسانلا زىيانلىق تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
خۇرۇچ ماتىرياللىرى
   بوۋاقلار بىر ياشقا توشۇشتىن ئىلگىرى، بارلىق يىمەكلىكلىرىگە ھېچقانداق خۇرۇچ ماتىريالى قوشماسلىق كىرەك؛ تېتىتىقۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بوۋاقلارنىڭ قېنىدىكى سىنىكنىڭ ئىشلىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۇز قوبۇل قىلىش كۆپ بولۇپ كەتسە، بوۋاقنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىغا بېسىم شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
شاكلات
   بىرياشلا ئەمەس، سەككىز ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ھەممىسى شاكلات يىمەسلىكى كىرەك. ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان كۆپ قىسىم شاكلاتلارنىڭ تەركىبىدە تەتۈر ياغلار بار بولۇپ، بۇ خىل ماددىنى ئۇزۇن ۋاقىت بەدەنگە قۇبۇل قىلغاندا، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر
   قاتتىق پوستلۇق مىۋىلەر، ئىزچىل تۈردە ئاسان رىئاكسىيە قوزغايدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە؛ بۇندىن باشقا، بالىلارنىڭ يۇتقۇنچاق كەڭلىكى ئىنتايىن تار بولۇپ، قاتتىق پوستلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش جەريانىدا سەللا دىققەت قىلمىغاندا، بالىلارنىڭ يۇتقۇنچاق يولىغا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇلارنىڭ نەپەسلىنەلمەي قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号