بالىلار دىيابېت بىمارلىرى قانداق مېۋە يېسە ياخشى
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 11467:ئادەم ئۆگەندى

 1. ئالما: 

 

تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، بەزى سورتلىرىنىڭ سەل چۈچۈمەل ، يۈرەك قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈك پەيدا قىلىش، يۆتەل توختىتىش، ئاشقازان ۋە تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، بىئاراملىقنى تۈگىتىش، ئىسسىقنى تارقىتىش، مەستلىكنى يېشىش قاتارلىق ئۈنۈمى بار . بەدەننىڭ ئالما تەركىبىدىكى قەنتنى سۈمۈرۈشى ئاستا ھەم تەكشى بولغاچقا، قان شېكىرىنى، بولۇپمۇ تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلىگەچكە دىيابېت كېسەللىكىدە بىر قەدەر ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . 

 2 . نەشپۈت: 

 

تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، ئازراق چۈچۈمەل. ھۆللۈك پەيدا قىلىش، ئۆپكىنى سىلىقلاش، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، يۈرەكنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، بەلغەم بوشىتىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلنى توختىتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار . ئاساسلىقى قىزىتمىلىق چاڭقاش ، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، بەلغەم كۆپ بولۇش، كىچىك بالىلاردىكى قۇرۇق ئىسسىق، كېكىردەك ئاغرىپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، كۆز قىزىرىپ ئىششىش، قەۋزىيەت، كىچىك تەرەت ئاز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. 

3. شاپتۇل: 

 

شاپتۇلنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق، چۈچۈمەل. شاپتۇل تەركىبىدە مول بولغان گىلۇكوزا ۋە فىرۇكتوزا بولغاچقا تاتلىق ھەم شىرنىلىك، ھۆللۈك پەيدا قىلىش، ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەزىمنى ياخشىلاش، قان پەيدا قىلىش، تېرىنى سىلىقلاش قاتارلىق ئۈنۈمى بار. ئاساسلىقى ئۈچەيگە ھۆللۈك يېتىشمەسلىكتىن بولغان قەۋزىيەت، خۇن چىگىلىش، زەئىپلىكتىن بولغان يۆتەل، قان ئۇيۇپ قېلىش، سوغۇق تەرلەش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدۇ. شاپتۇل يېلىمىدا چاي دەملەپ ئىچسە دىيابېت ۋە يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
4. ئاپېلسىن: 

 

 

تەبىئىتى سوغۇق ، تەمى چۈچۈمەل. ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ھۆللۈك پەيدا قىلىش، بەلغەم بوشىتىش، ئىشتىھا ئېچىش، تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئۈنۈمى بار. ئاساسلىقى قىزىتما سەۋەبلىك كۆپ تەرلەش ، بەدەن قىزىپ تەرلەش، ئېغىز قۇرغاقلىشىش، يۆتەل ۋە بەلغەملىك زىققا، مەيدە سىقىلىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. 
5. ئاق تۇرۇچ: 

 

تەبىئىتى سوغۇق، تەمى تاتلىق، سەل چۈچۈمەل. بەلغەم يوقىتىش، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، تاماق سىڭدۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى قايتۇرۇش قاتارلىق رولى بار. ئاساسلىقى ئاشقازان كېسىلى، تاماق سىڭمەسلىك، ئاستا خاراكتېرلىك يۆتەل، بەلغەم كۆپ بولۇش، دەم سىقىلىش، يۇتقۇنچاق قىچىشىپ ئاغرىش، ئىسسىق ئۆتۈپ ئۇسساش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ. ئاق تۇرۇچنىڭ تەركىبىدىكى ئاپېلسىن ئاۋرانىتامارىننىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. 
ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تۇرۇچ يېڭى مېۋە شەربىتى تەركىبىدە يەنە ئىنسۇلىنغا ئوخشايدىغان تەركىب بولغاچقا قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش رولىغا ئىگە. دىيابېت، يۈرەك، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دائىم يېسە بولىدىغان ئەڭ ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ. 
6. لىجى: 

 

 

تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى تاتلىق، ئازراق چۈچۈمەل. تالنى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى قوغداش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، زەھەر قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈنۈمگە ئىگە. ئاساسلىقى تال ئاجىزلاپ ئىچ سۈرۈش توختىماسلىق، ھېق تۇتۇش، قان زەئىپلىكتىن قان كېتىش، كىچىك بالىلاردىكى سۈيدۈك تۇتالماسلىق، چاشقان يارىسى،چىيقان كۆپ چىقىش، چېچەك ئەسۋىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. 
7 . گىلاس: 

 

تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى تاتلىق. قۇۋۋەت تولۇقلاش، تال ۋە ئاشقازان ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، كۆپ تەرلەش، يەل تارقىتىپ، ئەسۋىنى سىرتقا تەپتۈرۈش، زەھەر قايتۇرۇش، تېرىگە جۇلا بېرىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئاساسلىقى تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق، پالەچ، پۇت-قول ئۇيۇشۇش، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، بەل - دۈمبە ئاغرىش، ئۈششۈك يارىسى، قان ئازلىق كېسىلى، كۆيۈك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ . ئۇنىڭ تەركىبىدە مېۋە يېلىمى بولغاچقا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىپ، دىيابېت كېسىلىنى داۋالاش رولى بار. 

8. مىرىكا: 

 

تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل، تەمى تاتلىق. ھۆللۈك پەيدا قىلىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ تاماق سىڭدۈرۈش رولىغا ئىگە. ئاساسلىقى بەلغەم بوشىتىش ، كۆڭلى ئېلىشىشنى توختىتىش، تولغاق، خولېرا، ئاشقازان - ئۈچەي ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟

بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ ئادەتتە بەش جىڭ، ئالتە، يەتتە جىڭ، سەككىز جىڭ تۇغۇلىدىغانلارمۇ بار؛ ئ

تۇغۇتتا ئەگەشمە كىسەللىك قالغان قالمىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز

ئاياللار تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، بىرەر ئەگەشمە كىسەللىك قېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياخشى كۈتۈنۈشى لا

بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ

ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号