يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا بۇ يىمەكلىكلەرنى ئالدىراپ يىگۈزمەڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6039:قېتىم كورۇلدى
     ئادەتتە، بوۋاق تۆت ئايلىققا توشقاندىن كىيىن، ئۇلار ئۈچۈن يەنە بىر خىل مەزگىل باشلانغان ھىسابلىنىدۇ. يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە، سۈت پاراشوكى ئىمىتىپ باققان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، تۆت ئايلىق بولغاندىن باشلاپ قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈش باشلىنىدۇ؛ ئانا سۈتى ئىمىتىپ باققان بوۋاقلارغا نىسبەتەن ئالتە ئايلىق بولغاندىن كىيىن، ئاندىن قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزۈشنى باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئالدىنقى تۈردىكى بوۋاقلارغا نىسبەتەن، قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى قوشۇپ يىگۈزۈشنى باشلاشمۇ، بىر خىل مۇھىم ساۋات ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر قوشقان يىمەكلىكلەر مۇۋاپىق بولمىسا، بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يىڭى ئانا بولغۇچىلار، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك.
    بەزى ئاتا-ئانىلار، بوۋىقىغا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى بىرىشكە باشلىغاندىن كىيىنلا، ئۇلارغا ھەر خىل تائاملارنى يىگۈزۈپ سىناپ بېقىشنى ئويلايدۇ. بىراق، بۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى بوۋاقلانىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى تېخى تولۇق يىتىلىپ بولالمىغان؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭ ئالدىدا بوۋاق پەقەت سۈت پاراشوكىدىلا ئۇزۇقلىنىدۇ. شۇڭا، يىڭىدىن قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى بىرىشنى باشلىغان ۋاقىتتا، شورۋىگۈرۈچ، بۇلىماق قاتارلىق ئاددى تائاملاردىن باشلاش كىرەك.
   گۆش، تۇخۇم، كاۋاپ قاتارلىق تەس ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئالدىراپ قوشماسلىق كىرەك. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا بوۋاقلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيى تېخىچە يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولغاچقا، پەقەت ئۇماچ، بۇلىماق قاتارلىق ئەڭ ئاددى بولغان يىمەكلىكلەرنىلا ھەزىم قىلالايدۇ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئاندىن باشقا يىمەكلىكلەرنى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپكە قاراپ تەرتىپلىك ھالدا تەدرىجى قوشۇپ يىگۈزسەك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، باشلىنىشتا، ئۇماچ ۋە بۇلىماق دىگەنلەرنىمۇ بىراقلا كۆپ يىگۈزىۋىتىشكە بولمايدۇ.
   نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار، بالىغا شورۋىگۈرۈچ ياكى ئۇماچ قاتارلىق قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىگۈزگەندە، ئەگەر تەم تېتىتقۇ ماتىرياللىرى قوشمىسا، بوۋاققا تېتىمسىز بىلىنىپ يىيىشكە ئۇنىمايدۇ دەپ قارايدۇ ھەمدە بالىغا قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلىغاندا، ھەمىشە تۇز قاتارلىق تەم تەڭشەش ماتىرياللىرىنى قوشۇپ تەييارلايدۇ. بىراق، ئەمدى ئالتە ئايلىق ئەتراپىدا بولغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، ئۇلارنىڭ بۆرىكى يىتىلىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ئاساسلىق ئۇزۇقى بولغان سۈت پاراشوكى تەركىبىدىمۇ ناترىي ماددىسى ئاز ئەمەس. شۇڭا ئەگەر بۇنچىلىك چوڭلۇقتىكى بوۋاقلارنىڭ تامىقىغا يەنە تۇز قوشۇپ بەرسەك، ئۇلارنىڭ بۆرىكىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۋىتىپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号