بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە زىيانلىق ئۈچ خىل قىلمىش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5844:قېتىم كورۇلدى
    بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەھەتتە، ئانىلار ئەڭ جاپا تارتىدۇ؛ بوۋاقلارنىڭ يېشى كىچىك، بەدىنىدىكى سۆڭەكلىرى تېخى تۇلۇق قېتىپ بولالمىغان بولغاچقا، ئانىلار بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندا، قەۋەتلەپ دىققەت قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بوۋاقلارنىڭ كىيىنلىك ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە زىيان يىتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرى جەھەتتىمۇ دىققەت قىلىش لازىم.
    ئادەتتە، بوۋاقلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بوۋاقنى ئۇزۇن ۋاقىت قۇچىقىدا كۆتۈرۋالماسلىق
    ئادەمدىكى نۇرغۇنلىغان ناچار ئادەتلەر، ئادەتتە بالىلىق چاغلىرىدا يىتىلىپ قالىدۇ؛ بوۋاق ئەمدى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، چوڭلار ئۇنىڭغا زىيادە ئامراقلىق كۆرسىتىدىغان بولغاچقا، ھەمىشە بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ كۆتۈرۋىلىشقا ئامراق كىلىدۇ. بىراق بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بوۋاق قۇچاققا كۆنۈپ قالىدىغان بولۇپ، ئۇخلىغان ۋاقىتتىمۇ قۇچاققا ئېلىپ كۆتۈرمىسە ئۇخلىمايدىغان بولىۋالىدۇ.
كەچتە ئۇخلىغان ۋاقىتتا چىراقنى ياندۇرۇپ قويماسلىق
    نۇرغۇن ئانىلار، كىچىلىرى بالىسىغا قاراشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئۇخلىغان ۋاقتىدا چىراقنى ئۆچۈرمەي ئۇخلايدۇ؛ بىراق، بۇ خىل قىلمىش بالىنى يامان ئادەتلەندۈرۈپ قويىدۇ. چۈنكى، يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ كۈندە ئۇخلايدىغان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، ئەگەر بىز ھەمىشە چىراقنى ئۆچۈرمەي ياندۇرۇپ قويساق، بالىغا كۈندۈز ھەددىدىن ئارتۇقتەك خاتا تۇيغۇ بىرىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ كىيىنچە ياخشى بولغان ئۇخلاش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشكە پايدىسىز بولىدۇ.
بوۋاقنى كىندىكىنى خالىغانچە كوچىلىماسلىق
    بەزى ئانىلار بوۋىقىنى يۇيۇندۇرغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كىندىكىنىڭ مەينەت بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاپ، قوللىرىدا كوچىلاپ پاكىزلىۋەتمەكچى بولىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قىلمىش قەتئى خاتا. چۈنكى، بوۋاق تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان بولغاچقا، بەدەن سۈپىتىمۇ نىسبەتەن ناچار كىلىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ كىندىكىگە ئورنىغان، بىز مەينەت دەپ قارىغان نەرسىلەرنى كوچىلاپ چىقىرۋەتسەك، بوۋاققا ئاسانلا سۇغۇق ئۆتۈپ قېلىپ، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. بۇندىن باشقا، ئەگەر تېخى تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بوۋاق بولسا، ئۇلارنىڭ كىندىكى تېخى مۇكەممەل يىتىلىپ بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ كىندىكىنى قولىمىزدا كوچىلاپ تاتىلىساق، بەزىبىر ياللۇغلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىشى مۇمكىن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号