بوۋاق بالىلار كەچلىكى سائەت نەچچىدە ئۇخلىسا ئەڭ ياخشى
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5689:ئادەم ئۆگەندى
    تۇرمۇشتا، بەزى بالىلار كەچ سائەت 8بولمايلا ئۇخلاپ قالىدۇ؛ ئەمما يەنە بەزى بالىلار بولسا، يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىغىلى ئۇنىماي، بەزىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن تاڭ سۈزۈلگىچە "كۈرەش" قىلىپ چىقىدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟
كەچلىرى بەك كىيىن ئۇخلىسا، چوڭلار ۋە بالىلار ئوخشاشلا چىدىيالمايدۇ
    بوۋاقلار ئۇخلىغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارنى چارچىمىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ؛ ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولۇپ، بوۋاقلار بەزىدە قانچىكى بەك چارچاپ كەتكەنسىرى، شۇنچە ئۇيقۇسى كەلمەي قالىدۇ. چۈنكى كىچىك بوۋاقلار تېخى ئۆزلىكىدىن ئۇيقۇغا كىرەلمەيدىغان بولغاچقا، چوڭلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تۇتقانلىق سىگنالىنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنى بەزلەپ ئۇخلىتىپ قويۇشقا ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
   ئەگەر سىز بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى تۇتقانلىق سىگنالىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ قالسىڭىزلا، ئۇلارنىڭ كىيىنكى قېتىملىق ئۇيقۇسى كىلىش ۋاقتىنى كۈتمەي ئامالىڭىز يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنتايىن كەچ بولۇپ كەتسىمۇ ئۇخلىمايدىغان بوۋاقلار، ئۇيقۇسى كەلمىگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى چوڭلار ئۇلارنى بەزلەپ ئۇخلىتىش پەيتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇيقۇسى كەلگەن پۇرسەتنى ئۆتكىزىۋەتسىڭىز، ئۇلار ئارىلىقتا يەنە ئويناپ تېخىمۇ چارچايدۇ، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ كىيىنكى قېتىملىق ئۇيقۇسى تۇتىدىغان ۋاقىتتا ئۇخلىمىقى تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.
 
    بوۋاقلارنى بەزلەپ ئۇخلىتىش پەيتىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ قالساق، كۆپىنچە، بوۋاقلارنىڭ كىيىنكى ئۇخلاش ۋاقتىدا ئىنتايىن چارچاش ھالىتىگە كىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار، يىغلاپ خاپا قىلىدۇ.  شۇڭلاشقا، ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى قانچە كىيىن بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى شۇنچە ناچار بولىدۇ ھەم تولا ئويغىنىپ كىتىدۇ، ھەتتا ئەتىگىنىمۇ سەھەر تۇرۇپ كىتىدىغان بولۇپ، نورمال ئارام ئېلىش ئادىتى قالايمىقانلىشىپ كىتىدۇ.
    ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا، بوۋاقنىڭ روھى ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا يەنە تېخى بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە ۋە چوڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بوۋاقلار كەچلىرى سائەت نەچچىدە ئۇخلىسا كەچ قالغان بولىدۇ؟
     سىزنىڭ بوۋىقىڭىزنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى كىيىنمۇ ئەمەس؟ بۇنى سىز، تۆۋەندىكى مەزمۇن بويىچە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

    بوۋاقلارنى ئۇخلىتىشتىكى بۇ تەۋسىيىلىك ۋاقىتلار، سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ بۇرۇنمىكەن؟
    دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، يۇقارقى جەدۋەلدىكى ئۇخلاشقا تىگىشلىك ۋاقتى، پەقەت پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ، چوقۇم شۇنچىلىك ۋاقىت ئۇخلىشى كىرەك دىگەنلىك ئەمەس. پەقەت بوۋاقلارنىڭ روھى ھالىت ياخشى بولسا، يىتىلىشىمۇ جايىدا بولسا، قىسقىراق ياكى ئۇزۇنراق بولۇپ قالغاننىڭ كۆپ مەسىلىسى يوق.
    كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ئەگەر بوۋاقنىڭ كۈندۈزلۈك ئۇيقۇسى يىتەرلىك بولغان بولسا، كەچلىك ئۇخلاش ۋاقتى ئازدۇر-كۆپتۇر ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ قالسا، ھېچۋەقەسى يوق، ئاتا-ئانىلار ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ.

بوۋاق بالىلار كەچلىكى سائەت نەچچىدە ئۇخلىسا ئەڭ ياخشى

تۇرمۇشتا، بەزى بالىلار كەچ سائەت 8بولمايلا ئۇخلاپ قالىدۇ؛ ئەمما يەنە بەزى بالىلار بولسا، يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىغىلى ئۇنىماي، بەزىدە ئاتا-

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ھامىلە زەھىرىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان ھازىرقى زاماندا، چىرايلىقلىق دەرىجىسىمۇ چوقۇم باشلىنىش نوقتىسىدىن باشلاپلا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىشى ك

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号