ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇزۇقلۇقنى قانداق تۇلۇقلاش كىرەك
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6760:قېتىم كورۇلدى
    كۆپ قىسىم ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ھەر تۈرلۈك ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ۋە قۇۋۋەت تۇلۇقلۇش بۇيۇملىرىنى ياغدۇرۋىتىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ قورسىقىدا يىڭى بىر ھاياتلىق كۆپەيگەنلىكتىن، ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇق، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ بولىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدارلىقنىڭ قايسى مەزگىللىرىدە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا ئەڭ ئىھتىياجلىق بولىمىز؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى بىلمەكچى بولساق، ئانا تېنىنىڭ ھامىلدارلىق ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى ئۇزۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىنى چۈشىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ؛ بۇلارنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز تۆۋەندىكىلەردە بولسۇن!
ھامىلدارلىق  دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش قىممىتى نىسبەتەن كىچىك بولىدۇ
     ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشى ئۇنچە تىز بولۇپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ مەزگىلدە ئىھتىياجلىق بولىدىغان ئۇزۇقلۇقمۇ ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ.
    بۇ مەزگىلدە، ھامىيلىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولىدىغان بولغاچقا، ھامىلدار ئاياللار، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئۇزۇقلىنىش ئادىتى ۋە مىقدارى بويىچىلا ئۇزۇقلانسا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلى، ھامىيلىدە ئاسانلا غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىش كۆرىلدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئاياللار فولىن كىسلاتاسى تۇلۇقلاشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش قىممىتى ئوتتۇرا ھال بولىدۇ
    ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى، ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىگە قارىغان كۆپ تىزلىشىدۇ، ئەمما ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىگە قارىغاندا يەنىلا نىسبەتەن ئاستا ھىسابلىنىدۇ. كونكىرتىنى ئېيتقاندا، ھامىلدارلىق ئوتتۇرا مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ سۆڭىكى يىتىلىشكە باشلايدىغان بولۇپ، ياغلارنىڭ يىتىلىش سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ مەزگىلدە، ھامىلدار ئاياللار ھامىلدارلىق دەسلەپكى مەزگىلىگە قارىغاندا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشنى كۈچەيتىشى كىرەك. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىيلىنىڭ سۆڭىكىنىڭ يىتىلىشىنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ مەزگىلدە ھامىلدار ئاياللار كالتسىي تۇلۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.
ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە، ھامىيلىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش قىممىتى ئەڭ چوڭ بولىدۇ
    ھامىلدار بولۇپ 6ئاي ئۆتكەندىن كىيىن ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلى يىتىپ كىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ھامىيلىنىڭ ئۆسۈشى، پۈتكۈل ھامىلدار مەزگىلى ئىچىدە ئەڭ تىز ھىسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ مەزگىل، ھامىلدار ئاياللار ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشقا قاتتىق ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەزگىل ھىسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاساسلىقى ھامىيلىنىڭ مىڭىسىنىڭ يىتىلىش مەزگىلى بولۇپ، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئەقلى-ئىقتىدارىنىڭ قانداق بولۇشى، بۇ مەزگىللىك يىتىلىشكە باغلىق بولىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەندە، سىز بەلكىم بۇ ۋاقىتتا ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنسىز؟
    ھامىلدار بولۇپ بالا تۇغۇش، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەيلى ھامىلدار بولۇشقا تەييارلىق كۆرۈش مەزگىلى بولسۇن ياكى ھامىلدارلىق مەزگىلى بولسۇن، ھەممە ۋاقىتتا ئالاقىدار ماتىرياللارنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئىنىق بولمىغان تەرەپلىرىنى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ مەسلىھەت ئېلىپ، ھامىلدارلىقنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدە ئۇزۇقلۇقنى قانداق تۇلۇقلاش ھەققىدە ئىنىق تۇنۇشقا ئىگە بولۇش كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن، قوساقتىكى بالا ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئۇزۇقلۇقنى تېخىمۇ ياخشى تۇلۇقلىيالايمىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号