بۇ ئۈچ خىلدىكى ھامىلدار ئاياللار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كىرەك
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7234:ئادەم ئۆگەندى
    ھامىلدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولۇش تىلغا ئېلىنسا، ھازىر بارغانسىرى كۆپلىگەن ئاياللار ئانا بولۇش شەرىپىگە ئىرىشەلمەي، ھامىلدار بولغاندىن كىيىن قورسىقىدىكى بالىسىنى سالامەت ساقلاپ قالالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنداق ئەھۋال، بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىنتايىن ئېغىر بىر زەربە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
   ھازىر بەزى ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن قورسىقىدىكى بالىسىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، بۇ ئەھۋال تۇغماس ئاياللارغا قارىغاندا بەكرەك ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. ھامىلدار بولۇپ پەرزەنتلىك بولۇش ئۈمىدى كۆرۈلگەندىن كىيىن، ئاخىرىدا بالىنى ساقلاپ قالالمىسا، ئاياللارغا جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ئېغىر ئازاپلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا، ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بالىسىنى ساقلاپ قېلىشى تەسكە توختايدۇ.
كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرگەن ئاياللار
    سۈنئى ئۇسۇلدا بالا چۈشۈرۈش ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بالا چۈشۈرۈش جەريانىدا، بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى ۋە بالىياتقۇ بوينىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھامىلدار بولۇشتا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بالا چۈشۈرۈش جەريانىدا بالىياتقۇ ئىچكى بوشلۇقىغا ۋىرۇسلار كىرىۋالسا، تۇخۇم تۇشۇش نەيچىسى ياللۇغىنى پەيدا قىلىپ تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇندىن باشقا، بالا چۈشۈرۈشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بەدەن سۈپىتىنى زەخمىگە ئۇچراتقاندا، قايتىدىن ھامىلدار بولۇش ۋە ھامىلدار بولغان تەقدىردىمۇ قوساقتىكى بالىنى سالامەت ساقلاپ قېلىش تەسكە توختايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقتىنچە بالا ئالماسلىقنى نىيەت قىلغان ئەر-خوتۇنلار، ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى ياخشى قوللىنىپ، خالىغانچە بالا چۈشۈرمەسلىكى لازىم.
پىروگېستىرون(黄酮体) تۆۋەن، كەم ماغدۇر ئاياللار
    ئاياللاردا قان ماغدۇر كەم بولسا، بۇ قان ئازلىق كىسىلىدىن دىرەك بىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا بەدەننىڭ قان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ناچار بولىدۇ؛ بىراق ھامىلدار ئاياللارغا نىسبەتەن، بەدەندىكى قان سۇيۇقلۇقى كۆپ بولغاندا، ئاندىن ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئاياللاردا ئەگەن قان ماغدۇر كەمچىل بولسا، ئۇلارنىڭ ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر بەدەندە پىروگېستىرون تۆۋەن بولسا، ئۇنداقتا ئاياللارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئالدىن كۆرەلىك بالا چۈشۈپ كىتىش ياكى ھامىيلە يىتىلىشتىن توختاپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. پىروگېستىرون تۆۋەنلىك، بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرىنى تېخىمۇ بوشىتىپ، بالىياتقۇنىڭ تارىيىپ كېڭىيىشىنى ئازلىتىپ، بالا چۈشۈپ كىتىش ياكى ھامىيلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىشىنىڭ توختاپ قېلىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
بالىياتقۇ ئېغىزى بوش بولسا، بالا ئاسان چۈشۈپ كىتىدۇ
    ھامىيلە ئانىنىڭ بالىياتقۇسىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئانىنىڭ بالىياتقۇسىنىڭ ئاستى تەرىپىدە بىر ئېغىز بار؛ ئەگەر بۇ ئېغىز بەك بوش بولۇپ كەتسە، بالا ئاسانلا پەسكە سىيرىلىپ چۈشۈپ چىقىپ كىتىش خەۋپى تۇغىلىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى بوشاپ كىتىشتە، بالىياتقۇ بوينىنىڭ يىتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق سەۋبىدىن، بالىياتقۇ بوينى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بالىياتقۇ ئىچكى بوشلۇقى بېسىمىنىڭ ئېشىشىغا بەردارشلىق بىرەلمەي، بالا چۈشۈپ كىتىش ياكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى كۆرىلىدۇ. ئادەتتە، كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرۈش بالىياتقۇ بوينىنىڭ زىيادە بوشاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇندىن باشقا يەنە بالىياتقۇ بوينىنىڭ يىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى بوشاپ كەتكەن بىمارلارنىڭ، بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرى، نورمال ئادەملەرنىڭكىدىن ئازراق پەرقلىنىدىغان بولۇپ، سىموۋوللاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئەتكى بولماي قالغان توسما ئىشىككە ئوخشىشىپ كىتىدۇ. ھامىلدار مەزگىلىدە، بالىياتقۇ ئۆزلۈكسىز چوڭىيىپ، بالىياتقۇ ئىچكى بوشلۇقىدىكى بېسىممۇ بارغانسىرى ئېشىپ بارىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا، بېسىم ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى ياخشى ئىتىلەلمەي، بالا ئاسانلا چۈشۈپ كىتىدۇ.
    بۇ ئۈچ خىلدىكى ھامىلدار ئاياللارنىڭ بالىسى چۈشۈپ كىتىش خەۋىپى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号