بۇ خىل ئائىلىلەردىن چىققان بالىلار ياراملىق ئادەم بولىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7221:قېتىم كورۇلدى
   ئائىلە، بالىلارنىڭ بىرىنچى ئۆسۈپ يىتىلىش مۇھىتى؛ ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلارنىڭ بىرىنچى مۇئەللىمى. بىر بالىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكلەرنى يىتىلدۈرۈپ چىقالىشى، كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇش ياكى بولالماسلىقىدا، ئائىلە ھەل قىلغۇچ ئامىللىق رول ئوينايدۇ.
    ئون يىلدىن كىيىن ياراملىق ئادەملەرگە ئايلىنىدىغان بالىلار، تۆۋەندىكىدەك ئائىلىلەردىن چىقىدۇ.
مۇھەببەت بار ئائىلىلەر
    بىر ئائىلە كىشىلىرى ئارىسىدا، بىر خىل تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان ماسلىشىشچانلىق بار بولۇپ، گەرچە بەزىدە ئىگىز-پەسلىكلەر بولۇپ قالسىمۇ، ئەمما ھەركۈندىكى ئايرىلماي ئۆتۈشلەر، مۇھەببەتنى ئاللىبۇرۇن سۆڭەككىچە سىڭدۈرۋەتكەن بولىدۇ. بۇ خىل تۇيغۇ مىھرى-مۇھەببەت دەپ ئاتىلىدۇ....
    مۇھەببەت، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇزۇق بولۇپ، مۇھەببەتلىك ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار، تەبىئىلا مۇھەببەتلىك بولۇشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئائىلىلەر
    نۇرغۇن ئائىلىلەردە، بالىلىق بولغاندىن كىيىن، بالا ئائىلىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىپ، بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا، قارشى تەرەپ، ھامان بىر كۈنى تاشلىنىپ قالىدىغان تەرەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، ئائىلىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتى بولسا، دادا ئانىنى ياخشى كۆرۈش، ئانا  دادىنى ياخشى كۆرۈش، ھەمدە ھەر ۋاقىتتا ۋە ھەر جايدا ئىپادىلەپ چىقىرىپ تۇرۇشتۇر.
   بىر جۈپ ئىجىل-ئىناق ھەم مۇھەببەتلىك كەلگەن ئاتا-ئانا، بىر جۈپ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلىشىدىغان ئاتا-ئانا، بۇلار بالىلارنىڭ كىيىنكى ئائىلە مۇناسىۋىتى قۇرۇش جەريانىدىكى پايدىلىنىش ئوبىكتى بولۇپ، ئاساسى جەھەتتىن بالىنىڭ يىڭى ئائىلە قۇرۇش جەريانىدىكى قىلىپى دىيىشكە بولىدۇ.
ياخشى ئۈگىنىش كەيپىياتىغا ئىگە ئائىلىلەر
    ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ئەڭ ياخشى مۇئەللىمى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىغا بولغان ئەڭ ياخشى تەربىيىسى، ئۆز ئىش-ھەرىكىتى ۋە گەپ-سۆزلىرى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇشتۇر. بالىنى ياخشى ئۆگەنسۇن، ئۆگىنىشكە ئامراق بولسۇن دىسەك، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن ياخشى بىر ئۆگىنىش كەيپىياتىغا ئىگە ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىشى كىرەك. بىكار ۋاقىتلىرىدا، ئاتا-ئانىلار قوللىرىدىكى يانفوننى قويۇپ قويۇپ، تېلىۋىزورنى ئىتىۋىتىپ، قولىغا كىتاپ ياكى گىزىت ئېلىشى، ياكى بىرەر تۈرلۈك ھۈنەر-ماھارەت ئۆگىنىشى كىرەك.
    بۇ خىلدىكى ئۆگىنىش كەيپىياتىغا تولغا ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلارغا نىسبەتەن، ئۆگىنىش ئۇلارغا نىسبەتەن مەجبۇرى ئىجرا قىلدۇرىدىغان يۈك ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئاكتىپ ئىنىرگىيە بار ئائىلىلەر
    ئۈمىدۋار مىجەزلىك بىر ھەمراھ، سىزنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىت دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بىر جۈپ ئۈمىدۋار مىجەزلىك ئاتا-ئانا، پۈتكۈل ئائىلىنىڭ بەخىت دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
   ئائىلىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ؛ ئائىلىدىكى كەيپىيات بولسا، بالىنىڭ كىيىنلىك مىجەزى-خۇلقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قاقشاپ ئاغرىنىشقا تولغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار، كۆپىنچە مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىشقا ماھىر ئەمەس، بەلكى قاقشاپ ئاغرىنىشقا ماھىر كىلىدۇ ھەمدە ئۇلار ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشايدىغان ئادەملەردىن بولۇپ، مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، ھەمىشە مەسىلىنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلىيالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
   پاسسىپ ئىنىرگىيەگە تولغان ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلار، ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىدە ئازدۇر-كۆپتۇر كەمتۈكلۈك بار بولىدۇ ھەمدە بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
   ئاتا-ئانلار ئاكتىپ ئىنرگىيەلىك بىر ئائىلە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بالىلارنىڭ ئالدىدا ئىتراپ قىلىپ جەزىملەشتۈرۈش سۆزلىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىشى، بالىلارغا گۈزەللىك نەزىرىدە دۇنياغا قاراش ۋە ئۈمىدۋارلىق روھ ئاستىدا ئۆسۈپ-يىتىلىشنى ئۆگىتىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号