بوۋاقلارغا قانداق ئاسراش قىلغاندا ئاسان كىسەل بولۇپ قالمايدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6754:قېتىم كورۇلدى
   سىزنىڭمۇ بالىڭىز بولۇپ باققان ۋاقىتتا، بولۇپمۇ بالىڭىز كىسەل بولۇپ قالغان ۋاقىتتا، سىز ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بالىسى ئۈچۈن قانچىلىك جىددىلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتەلەيسىز؛ ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ھەممىدىن بەك ئەنسىرەيدىغىنى، بالىنىڭ ساغلاملىقىدۇر.
    ئۇنداقتا، ئادەتتە بالىلارغا قارىتا زادى قانداق ئاسراشلارنى ئېلىپ بارغاندا، ئۇلار كىسەل بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؟
بالىلارغا ئۆزىمىز خالاپ رىتسىپ بۇيرىماسلىقىمىز كىرەك
   بالىلار ئاغرىپ قالغاندىن كىيى، بەزى ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ تەجىربىسىگە ئاساسەن بالىغا دورا ئىچكۈزىدۇ ياكى ئالدىنقى قېتىم كىسەل بولۇپ قالغان ۋاقىتتا ئىشلىتىپ ئېشىپ قالغان دورىنى ئىچكۈزىدۇ. دورىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەن ياكى كەتمىگەنلىكىنى دىمەيلا تۇرايلى، ئەڭ ئادەتتىكى زۇكاممۇ، ھەر قېتىمدا ۋە ھەر ئادەمدە ئوخشاش بولمىغان كىسەللىك سەۋەبىدىن شەكىللىنىدۇ. ئەگەر بالا تارقىلىشچان زۇكام بولۇپ قالغان بولسا، ئادەتتىكى زۇكام دورىسى ئۈنۈم كۆرسەتمەيدۇ، تېخى كىسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار ئاغرىپ قالغاندا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرسىتىپ، دوختۇر بۇيرىغان رىتسىپ بويىچە دورا ئىچكۈزۈشىمىز كىرەك.
ياخشى ئادەتلەر ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ
   بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بەزىبىر ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇللىرىغا ئادەتلىنىش ئىنتايىن زۈرۈدۇر. بىز ياخشى بولغان تۇرمۇش ئادەتلىرى يىتىلدۈرۈش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىشىمىز لازىم. يىڭى ئانا بولغۇچىلار، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك:
    بالىغا ئانا سۈتى ئىمىتىشنى ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ يېرىم يىل داۋاملاشتۇرۇش كىرەك؛
    بالا دەم ئالىدىغان مۇھىت تىمپىراتۇرسى ئەڭ ياخشىسى 25گىرادوس ئەتراپىدا، نەملىك دەرىجىسى %50ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؛
    بالىنى ھەركۈنى ئاز دىگەندىمۇ يېرىم سائەت ئەتراپىدا سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرۇپ كىرىش؛
    ھەركۈنى بالدۇر ئۇخلاپ ئەتىگىنى بالدۇر ئورنىدىن تۇرۇشقا ئادەتلىنىش.

سەۋرچانلىق
   بەزى كىسەللىكلەر، بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچى ناچار بولغانلىق سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا دورا يىيىش كەتمەيدۇ، كىسەللىك ئەھۋالى بالىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجى ياخشىلىنىپ كىتىدۇ. مەسىلەن يىمەكلىك رىئاكسىيە قىلىش، پۇتىنى ئىچىگە ئىگىلگەن بولۇپ قېلىش، گەپ-سۆزلىرىنى ئىنىق ئۇققىلى بولماسلىق دىگەنلەرگە ئوخشاش.
ۋاكسىنا ئەملەش
   يېقىندا، خەلقئارادا ۋاكسىنىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىلىپ، ئاتا-ئانىلارنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى. بىراق، ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، ئۆتمۈشتىكى نەچچە ئون يىل مابەينىدە، يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى(骨髓灰质炎)، قاتما كىسەللىكى(破伤风) قاتارلىق كىسەللىكلەر، نۇرغۇن بالىلارنىڭ ھاياتىنى تارتىپ ئېلىپ كەتتى. ھېچقانداق بىر دوختۇر بالىلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىشىگە قارشى چىقمايدۇ؛ شۇڭا، ئاتا-ئانىلار بالىسىغا يەنىلا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىش كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号