ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۆزى يالغۇز بېقىشتىكى 10تۈرلۈك دەرىجىسى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6495:قېتىم كورۇلدى
     جەمئىيەتتىكى ھەر تۈرلۈك روھى بېسىملارنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان دادىلار پۈتۈن زىھنىنى خىزمەتكە قارىتىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئائىلىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالماقتا.
    ئاياللار ئانا بولغاندىن كىيىن، ئۇلارغا يىل بويى دەم ئېلىش بولمايدۇ، ھەركۈنى 24سائەت ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرىدۇ؛ ئازراقلا بىخەستەلىك بولۇپ قالسا، شۇھامان يىغۇشتۇرۇشقا تىگىشلىك بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىقلار تۇغۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزى يالغۇز بالا بېقىش  جەريانىدا تارتقان جاپالىرىنى ئېيتقۇدەك يىرى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، دۇنيادىكى ئەڭ جاپالىق كەسىپ—ئانا بولۇش دەيمىز.
    ھازىر كىشىلەر، "خىسلەتلىك ئادەم" تىپىدىكى ئانىلارنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان بولۇپ، بۇ ئون دەرىجە ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئانىلار ئۆزى يالغۇز بالا بېقىش جەريانىدا ئورۇنلاپ تۈگىتەلەيدىغان ئىشلاردۇر. سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ، سىز نەچچىنچى دەرىجىگىچە قىلالايسىز؛ ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بەزىلەر 10دەرىجىنىڭ ھەممىنى قىلىپ تۈگەتكەندىن كىيىن، ئاخىرىدا ئىرى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن.... بۇ بەلكىم كۆپچىلىك مۇنداقچە تەييار قىلغان يۇمۇرىستىك بىر مەزمۇن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەيلى نىمە بولمىسۇن، يەنىلا بىر كۆرۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
     بىرىنچى دەرىجە: ئۆز يالغۇز بالىنى ئېلىپ تاللا بازىرىنى ئايلىنالايدۇ
    ئىككىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى ئېلىپ تىز تاماقخانىغا بېرىپ تاماق يىيەلەيدۇ
    ئۈچىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى ئېلىپ سۇ ئۈزۈشكە بارالايدۇ
    تۆتىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقالايدۇ
    بەشىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى ئېلىپ ساماۋەر شورپىسى يىيىشكە بارالايدۇ
    ئالتىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى ئېلىپ سودا-ساراي ئايلىنالايدۇ
    يەتتىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى ئېلىپ كۆڭۈل ئېچىش باغچىسىغا بارالايدۇ
    سەككىزىنچى دەرىجە: ئۆز يالغۇز بالىنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ كىلەلەيدۇ
    توققۇزىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى باققاچ ئۆي كۆچەلەيدۇ
   ئونىنچى دەرىجە: ئۆزى يالغۇز بالىنى بېقىپ ئولتۇرالايدۇ ھەمدە پۇل تاپالايدۇ
   ئويلاپ باقساق، ھەقىقەتەن شۇنداق! ئۆزىمۇ تېخى بىر بالا تۇرۇپ، قۇچاقتىن چۈشمىگەن يەنە بىر بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى لازىم بولىدۇ؛ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى تېخى ئەمدىلا باشلىنىشىغا، باشقا بىر كىچىك ھاياتلىق ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىدۇ.
    شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزى يالغۇز بىر بالىنى ياخشى بېقىپ كىتەلىگەن ئانا، ھەقىقەتەن "خىسلەتلىك ئادەم" تىپىدىكى ئانا ھىسابلىنىدۇ. بىر بالىنى بېقىپ ھالىدىن خەۋەر ئالماقنىڭ ئۆزى ئاسانغا توختىمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قىلماقنىڭ ئۆزى تېخىمۇ تەس.
    ئەمىلىيەتتە، باشقا ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت بالىغا بولغان مەسئۇلىيەت ۋە مۇھەببەت ئۈچۈن، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئانىلارنىڭ ئىرى ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئازراق ياردەم قولىنى سۇنالىسا، ئايالى ئۈچۈن بىرە قېتىم قاچا يۇيۇپ، ياكى بىرەر قېتىم بالىنى ئوينىتىپ بىرەلىسە، ئانا بولغۇچىغا نسىبەتەن، تارتقان جاپالىرىنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدىغان ھىسابلىنىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号