ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چېچىنى بۇيىسا بولامدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6429:قېتىم كورۇلدى
    ئاياللارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىكنى سۈيىدىغان كىلىدۇ؛ نۇرغۇن ئاياللار، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چېچىنى بوياشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىشىدۇ. ئۇنداقتا، ھامىلدار مەزگىلىدە چاچنى بوياشقا زادى بولامدۇ يوق؟
ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چېچىنى بويىسا بولامدۇ؟
   نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللارنىڭ چېچىنى بۇياشقا جۈرئەت قىلالماسلىقى، ئۇلار چاچ بۇياشنىڭ ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ياكى بالسىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىراق نۆۋەتتە، ھامىلدار ئاياللار چېچىنى بۇياش سەۋەپلىك بالىسى چۈشۈپ كەتكەنلىك ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات ماتىريالى يوق. چاچ بۇياشتا ئىشلىتىدىغان بۇياق، چاچ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرەلمەيدۇ؛ ئەمما، بۇياق باش تىرىسى بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، باش تىرىسى ياللۇغلىنىش، چاچ كىپەك بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. باش تىرىسى ئارقىلىق بەدەنگە ئۆتكەن خېمىيىلىك تەركىبلەرمۇ بار بىلەن يوقنىڭ ئارلىقىدا بولۇپ، قوساقتىكى ھامىيلىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.
ھامىلدارلىقنىڭ قايسى مەزگىلىدە چېچىنى بۇيىسا بولىدۇ؟
   ئەگەر سىز چېچىڭىزنى بۇياشنى ئويلىغان بولسىڭىز، ئەمما يەنە قوساقتىكى ھامىيلىگە تەسىر يىتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئەڭ ياخشىسى ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايغا توشقاندىن كىيىن ئاندىن چېچىڭىزنى بوياشنى تاللاڭ. ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيى، ھامىيلە بالىياتقۇغا ئورۇنلىشىپ، بەدىنىنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى ۋە ئىقتىدارلىرى شەكىللىنىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، بۇ ۋاقىتتىكى ھامىيلە نىسبەتەن سەزگۈر كىلىدۇ. ھامىلدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيى ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن، چېچىڭىزنى بويىسىڭىز ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
چاچ بۇياشنىڭ ھامىلدار ئايال ۋە ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىگە قارىتا قانداق تەسىرلىرى بار؟
    ھامىيلىگە بولغان تەسىرى: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چاچ بوياش ھەققىدە، چاچ بوياش بالىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بالىلاردا كۆرۈلىدىغان نىرۋا ئانا ھۈجەيرە ئۆسمە كىسەللىكى شەكىللىنىدۇ دىگەندەك قاراشلار مەۋجۇت؛ ئەمما، بۇ خىل قاراشلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ھېچقانداق ئىلمى ئاساسى يوق. يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، چاچ بوياش ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىكەن؛ ئەمما ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھامىلدار ئايال ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق چاچ بۇيىسا، ئاندىن ھامىيلىنىڭ غەلىتە شەكىللىنىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
    ھامىلدار ئايالغا بولغان تەسىرى: ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، باش تىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىرىلىرى ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كىتىدىغان بولۇپ،  چاچ بويىقى بەلكىم ھامىلدار ئايالنىڭ باش تىرىسىنىڭ ياللۇغلىنىپ قېلىشىنى ۋە چېچىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ شۇڭا چاچنى بۇياشنىڭ ئالدىدا، ئەڭ ياخشىسى چاچ ياساش ئۇستىسىدىن مەسلىھەت سوراش كىرەك. بۇندىن باشقا، ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ سىزىكى ئېغىرراق بولۇپ، كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، چاچ بويىقىنىڭ پۇرىقى، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇپ ياندۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
ھامىلدار ئاياللار چاچ بويىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
     چاچ بويىقى تاللاش جەھەتتە: ئەگەر سىز ھامىلدارلىق مەزگىلىڭىزدە چېچىڭىزنى بوياشنى ئويلاشسىڭىز، ئۇنداقتا ساپ ئۆسۈملۈكتىن ياسالغان بوياق ئىشلىتىشىڭىز كىرەك؛ بۇنىڭدا سىزگە ئېلىپ كىلىدىغان غىدىقلاش ئەڭ كىچىك بولىدۇ.
     بوياش ئۇسۇلى جەھەتتە: ھامىلدار ئاياللار چاچ بوياشتا، زىيىنى ئەڭ تۆۋەن ئۇسۇلنى تاللاپ ئىشلىتىش، رەڭ جەھەتتە ئاق، قىزىل، سېرىق قاتارلىق رەڭلەرنى تاللىماسلىق كىرەك؛ بۇنىڭدا چېچىڭىزغا بولىدىغان زىيىنى ئەڭ كىچىك بولىدۇ.
    بۇياش ۋاقتى جەھەتتە: ۋاقىت جەھەتتە ئىككى نوقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك؛ بىرىنچىسى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا چاچ بويىماسلىق. يەنە بىرسى بولسا، چاچ بوياش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىك. ئاياللارنىڭ چېچى ئۇزۇن بولغاچقا، چاچ بوياشقا نەچچە سائەت ۋاقىت كىتىپ قېلىشى مۇمكىن؛ بۇنداق ئەھۋال، ئېغىرقات بىر ئايالغا نىسبەتەن ئىنتايىن چارچاپ كىتىدىغان بىر خىل قىلمىش ھىسابلىنىدۇ.
    سالامەتلىك جەھەتتە:  ئەگەر ھامىلدار ئايالنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسا، مەسىلەن كۆڭلى ئاينىپ قۇسۇپ ياندۇرۇش، چاچ چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشىسى چاچ بۇيىماسلىق كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号