باقىدىغان بالىسى بار ئادەم، بۇ ئادەتلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5814:قېتىم كورۇلدى
   بالىغا قارىغۇچى مەيلى ئاتا-ئانىسى بولسۇن ياكى بوۋا-مومىسى بولسۇن، ۋە ياكى كەسپى بالا باققۇچى بولسۇن، تۆۋەندىكى ئادەتلىرى بولۇپ قالسا، چوقۇم ئۆزگەرتىشى كىرەك.
سەت گەپ قىلىش ياكى مەدەنىي بولمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش
    بەزى كىشىلەر ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، گەپ-سۆز قىلغاندا سەت گەپ قىلىپ سالىدىغان ھەمدە مەدىنىي بولمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىدىغان ئادەتلىنىپ قالغان. ئەمما بۇنداق مەدىنىي بولمىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ۋە سەت گەپلەرنى بالىنىڭ ئالدىدا قىلىشقا بولمايدۇ.
    ھەممىمىز  بالىمىزنىڭ مەدىنىيەتلىك، ئەدەپلىك چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئەمما ئىزدىنىش ۋە ئۆگىنىش مەزگىلىدە تۇرۋاتقان بالىلار، ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ گەپ قىلىش ئۇسۇلى ئاسانلا ئۆگىنىۋالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى دورايدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، ئۇلارمۇ سەت گەپ قىلىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۋىلىپ، كىيىنكى مەزگىلدىكى ئادىمىيلىك خارەكتىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىنتايىن يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ، باشقىنى ئەيىبلەش
    ئادەتتە تۇرمۇشتا مۇنداق بىر ئەھۋاللار ئۇچرايدۇ: ئەگەر بالا يېقىلىپ چۈشسە، بىز بالىنى پەپىلەش ئۈچۈن، پولغا "ئاچچىقلىنىپ"، پولنى "ئەيىبلەيمىز"؛ ئەگەر بالا ئورۇندۇقتا ئولتۇرالماي يېقىلىپ چۈشسە، ئورۇندۇقنى جىم تۇرمىدى دەپ، ئورۇندۇقنى " ئەيىبلەيمىز"...لىكىن، پول بىلەن ئورۇندۇق ئەسلىدىلا ھېچقانداق مىدىرلاشنى بىلمەيدىغان ئۆلۈك نەرسە تۇرسا، ئۇلاردا نىمە گۇناھ؟
    بالىنىڭ يېقىلىپ چۈشىشى چوقۇم پول ياكى ئورۇندۇقنىڭ سەۋەبىدىن بولمايدۇ؛ بىز بۇنداق مەسىلىلەردە ھەقىقى سەۋەپنى ئىزدەپ چىقماي، بىردەملىك ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ باشقا نەرسىلەرنى ئەيىبلەپ بەرسەك، بالىلارغا بىر خىل مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ قويىمىزدە، ئۇلارنىڭ كىيىنلىكىگە قارىتا يامان تەسىر كۆرسىتىپ قويىمىز. بالىلاردا ئەگەر بۇنداق مەسئۇلىيەتنى باشقىغا ئىتتىرىدىغان خاتا قاراش شەكىللىنىپ قالسا، ئۇلار ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تۇنىماي، باشقىغا ئىتتىرىپ قويۇشقا ئادەتلىنىپ، خاتالىقى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش كىرەكلىكىنى تۇنۇپ يىتەلمەيدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، بىرەر ئىشقا دۇچ كەلسە مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، تەقدىردىن، جەمئىيەتتىن ياكى باشقىدىن ئاغرىنىپ قاقشايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى كۆتۈرە ئېلىۋىلىپ، زىيادە ئامراقلىق قىلىش
    ئادەتتە بەزى چوڭلار، بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى كۆتۈرەگە ئېلىۋىلىپ، بالا ئۆزلىرى قىلىپ كىتەلەيدىغان ئىشلارنىمۇ بالىلارنى قىلىشقا قويماي ئۆزلىرى قىلىپ بىرىدۇ؛ بەزىدە ھەتتا 8-7ياشلارغا كىرىپ قالغان بالىلارغىمۇ تاماق يىگۈزۈپ، كىيىمىنى كېيگۈزۈپ قويىدۇ. بۇ خىل قىلمىش بالىلارنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىپ، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى ئازلىۋىتىپلا قالماستىن، يەنە تېخى بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشى ۋە ھەرىكەت ماسلىشىشچانلىق ئىقتىدارىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا، بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىمۇ زەربىگە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ، بالىلارنى باشقىلارغا تاينىۋالىدىغان قىلىپ قويىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇستەقىل ئادىمىيلىك خارەكتىرىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلارغا زىيادە ئامراقلىق كۆرسىتىش، بالىلارنىڭ مىجەز-خۇلقىنى ناچار قىلىپ قويىدىغان بولۇپ، بالىلارنى يولىسز، چوڭلارنى ھۆرمەت قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بالىلارنى ئازراق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىلا قوبۇل قىلالمايدىغان، قەستەن قارشى پىكىردە بولۇش پىسخىكىسى بار، ھارامزادە قىلىپ قويىدۇ.
ھەممە ئىشنى خەتەرلىك قاتارىغا چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئىزدىنىشىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىش
    بەزى چوڭلارنىڭ نەزىرىدە، ھەرقانداق ئىش خەتەرلىك ھىسابلىنىدۇ؛ ئۇلار ھەمىشە "بۇنى تۇتساڭ بولمايدۇ، ئۇنى قىلساڭ بولمايدۇ...." دەپ، بالىلارنىڭ قىلمىشىنى چەكلەيدۇ. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەقىقەتەن تەكىتلىنىشكە تىگىشلىك مەسىلە، ئەمما بىز تەكىتلەيمىز دەپ، ھەممىنى خەتەر ئامىلىغا چېتىۋىلىپ، بالىلارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى چەكلىمىگە ئۇچرىتىپ قويساق بولمايدۇ. چۈنكى، بالىلىق مەزگىل، ئادەمنىڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولغان، ئىجادى كۈچكە باي كىلىدىغان مەزگىلدۇر.
    بالىلارنىڭ ھەر قېتىملىق يىڭى بىر شەيئىگە بولغان بايقىشى ۋە تەتقىقى قىلىشى، قارىماققا خەتەرلىك ئامىلى باردەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ، بىر خىل يىڭىلىق يارىتىش تىپىتىدىكى ئىزدىنىش قىلمىشىدۇر؛ بۇنىڭ بالىنىڭ تېخىمۇ ئىجادچان بولۇشىۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشقا پايدىسى بار.
    بىراق، چوڭلارنىڭ چەكلىمە قويۇشى، بالىلارنىڭ قىزىقىش روھى ۋە يىڭىلىق يارىتىش روھىنى يوق قىلىپ، ئۇلاردا سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ئېڭى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号