ھامىلدار ئاياللار دىققەت | بالىڭىزنى بويى ئېگىز بولسۇن دىسىڭىز
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5790:ئادەم ئۆگەندى
   بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە نىسبەتەن، ئىرسىيەت ئامىلدىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىيىنلىك مۇھىتنىڭ تەسىرى بولۇپ، بۇ يەردە ئېيتىلغان كىيىنلىك مۇھىت تەسىرى، ئانا بالىغا ھامىلدار بولغان ۋاقىتتىلا باشلىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تۆۋەندىكى قىلمىشلار، ھامىيلىنىڭ كەلگۈسىدىكى بوي ئىگىزلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقىڭىز كىرەك.
كەيپىياتىدا داۋالغۇش كۆپ بولۇش
    نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ كەيپىياتى كونتىروللۇققا ئۇچرىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ ھەمىشە كىچىك بىر ئىشلار ئۈچۈن ئاچچىقلىنىپ، ئىرىنىڭ بىرەر ئېغىز گەپلىرى ياكى بىرەر يېرىم ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئاچچىق يۇتىۋالىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدۇ.
    بىراق تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھامىلدار ئايال ھەمىشە كەيپىياتى تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، كۆپ ئاچچىقلىنىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ بەدىنى بىر خىل زىيانلىق ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، تۇغۇلغاندىن كىيىن جۇغى ئادەتتىكى بالىلاردىن كىچىك بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھامىلدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ھامىيلىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىنىڭ كەلگۈسىدە تىرىككەك ھەم قوپال مىجەزلىك بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاماق تاللاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك
   ئاياللار ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئادىتى جەھەتتە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. بەزى ھامىلدار ئاياللار ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، ھېچنىمە يىگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ؛ بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى توغرا چۈشىنىشكە بولسىمۇ، ئەمما ھامىلدار ئاياللار يەنىلا خالىغانچە ئىش كۆرسە بولمايدۇ. چۈنكى، تاماق تاللىغاندا، ھامىلدار ئاياللاردا ئاسانلا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كۆرىلىدىغان بولۇپ، قوساقتىكى ھامىيلىگە ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    بۇ سەۋەپلىك، قوساقتىكى ھامىيلە يىتەرلىك مىقداردىكى ئۇزۇقلۇققا ئىرىشەلمەي، يىتىلىشى ئاستىلايدىغان، تۇغۇلغاندىن كىيىن جۇغى كىچىك بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
    ئاياللاردا ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ ئىككى خىل قىلمىش كۆرۈلسە، بۇ بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئادەتتىكى بالىلارغا قارىغاندا جۇغى كىچىك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىراق، 3-0ياش ئارلىقىدىكى مەزگىل، بالىلارنىڭ يىتىلىش ۋە بويى ئۆسۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، بالا جۇغى كىچىك تۇغۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، بالىنىڭ ياخشى بولغان يىمەك-ئىچمەك، ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۇخلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسە، بالىنىڭ بويى ئېگىز ئۆسۈشىدە يەنىلا ئۈمىد بار.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号