ئانىلىق مىھرىنىڭ كۈچىگە ھېچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
   ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، جىڭجۇ شەھىرى جىن يىن كەنتى ئاھالە ئولتۇراق رايونىغا ئوت كىتىپ، 2ئادەم ئۆلۈپ 3ئادەم يارىلاندى. بەخىتكە يارىشا بولغىنى، قورسىقىغا 7 ئايلىق بولغان خۇاڭ چىنچىن ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتۇلدى؛ بەخىتكە قارشى بولغىنى، 7ئايلىق بولغان ھامىيلىنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك ئىدى.
   لىيۇ جىڭچىياڭ ھاياتىدىكى ئەڭ تەس تاللاشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئېغىر كىسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىنىڭ ئالدىدا، ئۇ ئايالىنىڭ رەسىملىرىنى قايتا-قايتا كۆرۈپ، ئىككىسىنىڭ تويلۇق ئۈزۈكىنى توختىماستىن سىيلاپ ئولتۇراتتى. دوختۇرلار ئۇنىڭغا، بۇنداق ئەھۋالدا بالىنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلغان تەقدىردىمۇ، غەلىتە تۇغۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى، بار ئاماللار بىلەن ئانىسىنى ساقلاپ قېلىش كىرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
   بىر ئائىلە كىشىلىرى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا، 8-ئاينىڭ 30-كۈنى خۇاڭ چىنچىننىڭ تۇيۇقسىز تولغىقى تۇتۇشقا باشلىدى؛ بۇ، بالىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن دىرەك بىرەتتى. خۇاڭ چىنچىن قانداق تاللاش قىلىشى كىرەك؟
   ئاخىرىدا، ئەمدىلا ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتۇلغان خۇاڭ چىنچىن، قورسىقىدىكى بالىسى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم جاننى تىكىش قارارىغا كەلدى. خۇاڭ چىنچىن ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشنى رەت قىلىپ،  9-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىككى كىچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق قىز بوۋاقتىن بىرنى تۇغدى.
   بوۋاق ئەمدى تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئاران 2.5جىڭ كىلەتتى؛ ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئاران 30 ھەپتە تۇرغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۆپكىسىنىڭ ئىقتىدارى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئانىسىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى كۈيۈك يارا يۈزى بىرقەدەر چوڭ بولغانلىقتىن، بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدىلا ياللۇغلىنىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تۇغۇلۇشى بىلەنلا، كىسىلى ئېغىر يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئەكىرىلدى.
   دوختۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بالىنىڭ ئەھۋالى ھازىرچە مۇقىم بولۇپ، كىيىنكى قەدەمدە ئۇلار بالىنىڭ كونكىرتنى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىدىكەن.
   بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇاڭ چىنچىنمۇ تىرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇردى.
   بۇ شاكىچىكنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا "تۇخۇمدىن چىقىشىنى"، ئۇنىڭ ئانىسى خۇڭ چىنچىن ئۆزىنىڭ قان-يېشى، قەيسەرلىكى ۋە ئانىلىق مىھرى بىلەن جان تىكىپ قولغا كەلتۈرگەن. مۆجىزە يارىتىپ تۇغۇلغان بۇ بوۋاقنىڭ، ئانىسىغا ئۈمىد ئېلىپ كىلەلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号