ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرغان ۋە ئانىسى ئۆزى تۇغقان بالىنىڭ پەرقى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5809:قېتىم كورۇلدى
   ئادەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇتى ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ: ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ۋە ئۆزى تەبىئى تۇغۇش؛ بۇ ئىككى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىدا بەلگىلىك پەرق بار بولسىمۇ، ئەمما بالىنىڭ سالامەت تۇغۇلۇشى بىلەن، ھەممەيلەن خاتىرجەم بولۇپ قالىدۇ. بىراق ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلدىمۇ بىلمىدىم، ئەمىلىيەتتە، بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر ئوخشاشماسلىقلار بولىدۇ.
بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى جەھەتتە
    ئادەتتە، ئانا ئۆزى تۇغقان بوۋاققا نىسبەتەن، بەلگىلىك بىر جەريان بار بولىدۇ، بوۋاقمۇ تۇغۇت يولىدىن چىقىشقا "ئىدىيە جەھەتتىن" تەييارلىق كۆرگەن  بولىدۇ؛ گەرچە ئۇلار ھېچنىمىنى بىلەلمىسىمۇ، ئەمما بۇ بىر خىل فىزىلوگىيىلىك نورمال قانۇنىيەت بولۇپ، بوۋاقنىڭمۇ ئۆزىگە مۇناسىپ گېن خاتىرىسى بار بولىدۇ. لىكىن ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغدۇرۇلغان بوۋاقلار، ئانا ئۆزى تۇغقان ۋاقىتتىكى جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزمەيدىغان بولۇپ، ئۇلار بىراقلا بالىياتقۇدىن ئېلىپ چىقىلىدۇ؛ بۇنداق بوۋاقلارنىڭ كىيىنكى مەزگىلدىكى بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئانا ئۆزى تەبىئى تۇغقان بوۋاقلارغا قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار يەتتە ياشقا كىرگەندىن كىيىن، بۇ خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاندىن يوق بولىدىكەن.
بوۋاقنىڭ بەدىنىنىڭ، جۈملىدىن پۇت قولىنىڭ چەبدەسلىك دەرىجىسى جەھەتتە
    مەسىلەن، ئادەتتە بوۋاقلار ئۆمىلىگەندە، ئانىسى ئۆزى تەبىئى تۇغقان بوۋاق نىسبەتەن تىز ئۆمىلەيدۇ ھەمدە ھەرىكەتلىرىمۇ بىرقەدەر چەبدەس كىلىدۇ؛ ئوپراتسىيە قىلىش ئارقىلىق تۇغۇلغان بالىلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆمىلىشى ئىنتايىن ئاستا، ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەن كىلىدۇ.
مېڭىش جەھەتتە
    ئانىسى ئۆزى تەبىئى تۇغقان بوۋاقلارنىڭ سەزگۈ ئەزالىرى تۇغۇلما سەزگۈر كىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يول مېڭىشنى ئۆگىنىشى تىز بولىدۇ ھەم بالدۇرلا ماڭىدۇ.
   يۇقىردا ئېيتىلغانلار، ئىككى خىل ئۇسۇلدا تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئوخشاشماسلىقلار بولۇپ، بۇ ئوخشاشماسلىقلار گەرچە ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتقىلى بولمايدۇ ھەمدە بوۋاقنىڭ ئەقىللىق ئەمەس ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگىمۇ ۋەكىللىك قىلمايدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号