ئوقۇغۇچىلار كۈندە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بارىدىغان دۆلەت
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5808:قېتىم كورۇلدى
    ئوكنى تاقىم ئاراللىرى شوتلاندىيەنىڭ شىمالى قسىمدىكى دېڭىز بويىدىن 32كىلومىتىر يېراقلىقتىكى دېڭىز رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمى نوپۇسى 21مىڭ، ئومۇمى يەر كۆلىمى 975 كۋادىرات كىلومىتىر كىلىدۇ؛ ئوكنى تاقىم ئاراللىرى چوڭ-كىچىك بولۇپ 70نەچچە ئارالدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 ئارالدا ئاھالە ئولتۇراقلاشقان، بەزى ئاراللاردا ھەتتا ئۈچ-تۆتلا ئادەم ئولتۇراقلاشقان.
    تاقىم ئارالدىكى ئاھالە نىسبەتەن تارقاق جايلاشقان بولۇپ، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر ئارالدا ئۈچ-تۆت ئادەم، كۆپ بولغانلىرىدا ئونمىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار. بۇ سەۋەپلىك، ھۆكۈمەت تەرەپ دائىم ئولتۇرۇشلۇق نوپۇسى نەچچە يۈزگە يەتكەن ئارالدىلا ئاندىن مەكتەپ تەسسىس قىلغان بولۇپ، نەچچە ئون ئادەم ھەتتا نەچچىلا ئادىمى بار ئارالدىكى ئاھالىلەر ئەگەر مەكتەپكە بارماقچى بولسا، پاراخوتقا ئولتۇرۇپ يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپ بار ئارالغا بېرىشقا مەجبۇر ئىدى.
    ئوكنى تاقىم ئاراللىرىغا تەۋە پاپاۋىستىلى ئارىلىدا ئارانلا 70 ئادەم ياشايدۇ، شۇڭا بۇ ئارالدا ئوتتۇرا مەكتەپ يوق؛ يەنە بىر ئارال—ۋىستىلى ئارىلىدا بولسا 600دىن ئارتۇق ئاھالە بار بولۇپ، بۇ ئارلدىكى 70تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى، ئارالدا تەسسىق قىلىنغان تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بۇ ئىككى ئارالنىڭ ئارىلىقى 1.6 كىلومىتىر كىلىدىغان بولۇپ، كىيىنچە ئىككى ئارال ئوتتۇرسىدىكى پاراخوت قاتنىشى توختىتىلغاندىن كىيىن، پاپاۋىستىلى ئارىلىدىكى نەچچە ئوقۇغۇچى، ئامالسىز ھەر قېتىمدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىشقا مەجبۇر بولغان.
    ئوقۇغۇچىلار ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى، لوگىن ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ "ئارال ئادىمى" ناملىق ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىپ، ئىككى كۈن مەكتەپ ياتىقىدا يېتىپ ئوقۇيدۇ ھەمدە پەيشەنبە كۈنى ئوخشاش ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئۆزى تۇرۇشلۇق ئارالغا قايتىدۇ.
    لوگىن ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئاۋئاتسىيە لىنيىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇچۇش ۋاقتى ئاران 96 سىكونت بولۇپ، يەر شارى بويىچە ھاۋادا ئۇچۇش ۋاقتى ئەڭ قىسقا ئاۋئاتسىيە لىنيىسى ھىسابلىنىدىكەن. ئەگەر شامال يۆنىلىشى ئوڭدىن كەلگەن ۋاقىتقا توغرا كەلسە، ئۇچۇش ۋاقتى ھەتتا ئەڭ قىسقا بولغاندا 47 سىكونتقا قىسقىرايدىكەن. بەزىلەر دىيىشى مۇمكىن، بۇ ئاۋئاتسىيە لىنيەسىگە چىقىپ، ئورنىدا ئولتۇرۇپ بولغۇچە نىشانغا بېرىپ قالىدىكەن، نىمە ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۋەتمەيدۇ؟
    لوگىن ئاۋئاتسىيە شىركىتىنىڭ سودا ئالاقە باش نازارەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىرتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاۋئاتسىيە لىنيىسى بەلكىم كۈلكىلىك تۇيۇلىشى مۇمكىن؛ ئەمما ئارالدا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ قەتئى كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھاياتلىق لىنيەسىدۇر. ئۇ بالىلارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ئاۋئاتسىيە لىنيەسىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، ئارالدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى باشقىچە بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号