بالىڭىزنى ئەلاچى ئوقۇسۇن دىسىڭىز بۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلىڭ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
    ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەرۋاقىت بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كىرەك. ئادەتتە، بالىلار مەكتەپتە دەرس ئاڭلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەتتا تەتىل مەزگىللىرىدە ئۇلارنى ھەرخىل يىتەكلەش كۇرۇسلىرىغا قاتاناشتۇرىدۇ. بىراق بۇ خىل جىددى ھالەتتىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنىڭ راستىنلا ئۈنۈمى بولامدۇ؟ بەزىدە، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى نەچچە تۈرلۈك ئىشلاردا "قول قويۇۋەتسە"، بالىلىرى ئەكسىچە ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇشى مۇمكىن.
بالىلارغا نىمىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەنلكىنى ئېيتىپ بىرىپ، ئۇلارغا مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆگىتىش
    دەن دەننىڭ بالىسى شىياۋ چىياڭنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ بىز ئەسلىدە ئۇنى چوقۇم دەرستىن سىرت ۋاقىتلاردا باشقا يىتەكلەش كۇرۇسلىرىغا قاتناشقان دەپ قارايتتۇق؛ ئەمما، كىيىن بىر قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا، بىز دەن دەننىڭ بالىسىنى ئەزەلدىن ھېچقانداق يىتەكلەش كۇرۇسلىرىغا قاتناشتۇرمىغانلىقىنى بىلدۇق. دەدەن پەقەت، بالىسى كىچىك ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئۇنىڭغا نىمىنى قىلىش كىرەكلىكىنى، ھەمدە بىر ئىشلارغا قارىتا مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئۆگەتكەن ئىكەن. بۇ سەۋەپلىك، شىياۋ چىياڭ مەيلى قانداق ئىشلارغا دۇچ كەلمىسۇن، ئۇ ئانىسىنى ئىزدىمەي بەلكى ئۆزى ئامال قىلىپ ھەل قىلىدىكەن. ئەگەر بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئاتا-ئانىلىرى ئارىلىشىۋالسا، بالىلارنىڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىتەرەپ قىلىش ئىقتىدارى چېنىقىشقا ئىرىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر مۇۋاپىق تۈردە قول قويىۋىتىشنى بىلسەك، بالىلار تېخىمۇ كۆپ ئۆسۈپ-يىتىلىش بوشلۇقىغا ئىرىشەلەيدۇ.
بالىغا بەك كۆپ بېسىم ئارتىپ قويۇش، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسىز
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ باشلىنىش سىزىقىدىلا باشقىلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماي، ئۇلار يەنە ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالىنى بالىسىغا مەجبۇرى تاڭىدۇ؛ بۇ ئەھۋال بالىلارغا نىسبەتەن بىر خىل تەڭسىزلىك ھىسابلىنىدۇ. بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشى جەريانىدا يالغۇز ئۆگىنىشلا بار بولۇپ قالماسلىقى كىرەك؛ بالىلار، خۇشال كەيپىيات ۋە ئازادىلىككە تولغان ئۆسۈپ-يىتىلىش مۇھىتىغا تېخىمۇ مۇھتاج. ھازىر، بالىلار دۇچ كىلىۋاتقان ئۆگىنىش بېسىمى يىتەرلىك دەرىجىدە ئېغىر، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا يەنە قايتا بېسىم ئارتىپ قويماسلىق كىرەك. ئۆگىنىش بىلەن دەم ئېلىشنى ياخشى بىرلەشتۈرۈش، ئاندىن ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.
بالىلارغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىدىغان بوشلۇق بىرىش
    ئاتا-ئانىلارنى، دۇنيادىكى ئەڭ جاپاكەش توپ دىيىشكە بولىدۇ؛ كۈندۈزلىرى بالىسىنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن تىرىشىدۇ، كەچتە ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن بولسا، يەنە بالىسىنىڭ ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىپ ھېرىپ-چارچاپ كىتىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ھەر خىل يىتەكچىلىك سىنىپلىرىغا قاتناشتۇرىدۇ، لىكىن ئەمىلىيەتتە بالىسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئۈنۈمسىز ئۇسۇللارنى قوللانغاندىن كۆرە، بالىلارغا مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۆگەتكەن ئەۋزەلدۇر. مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئاتا-ئانىلار ئۇنىڭغا ئارىلىشىۋالماي، بالىلارنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشقا قويۇش. بۇنىڭدا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالىلار مەسىلىنى ھەل قىلغاندىن كىيىنكى مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىنى ھىس قىلىپ يىتىپ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号