بالىلارغا بۇ گەپلەرنى كۆپ قىلىپ بەرسە ماتىماتىكىغا ئۇستا بولىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5817:قېتىم كورۇلدى
    نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار، بالىسىنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسى ياخشى بولسا، بۇنى كۆز-كۆز قىلىشىپ كىتىدۇ؛ تەبىئى پەن ئاساسى ئاجىز بولغان بالىلارغا قارىتا بولسا، ئاتا-ئانىلىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇلارنى تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا بىرىپ، ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ كىتىشىدۇ.
    ئۇقۇشتىن بۇرۇنقى تەربىيە، بالىلارنىڭ ئونۋىرسال ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە قارىتىلغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ماتىماتىكا ئىقتىدارىغا ئاساس سېلىشقا قارىتامۇ ئېچىش ۋە يىتەكلەش رولىنى ئوينىيالايدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، ئەگەر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتىلىرى بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا، تۆۋەندىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرسە، بوۋاقنىڭ ماتىماتىكا ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە پايدىلىق بولىدۇ.
بوشلۇققا ئائىت سۆز-ئىبارىلەر
    مەيلى بالىنىڭ قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاتا-ئانىلار ئۇلار بىلەن پىكىرلىشىش جەريانىدا، بوشلۇققا ئائىت سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە چوقۇم دىققەت قىلىشى كىرەك. مەسىلەن، بوۋاقنىڭ كىيىم ئىشكابىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بوۋاقنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئىشكابنىڭ ئىچىگە قويۇلغان ئىكەنلىكىنى ئېيتىش؛ بوۋاقلارغا، ئۇلارنىڭ ئويۇنچۇقىنىڭ ئاياغ ئىشكابىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ قويۇلغانلىقىنى دىيىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە تېخى كۈندىلىك پاراڭلىشىش جەريانىدا جىسىملارنىڭ شەكلىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىشىمىز مۇمكىن.
    مەسىلەن، "قوزام، سىرتتىكى مۇرىغا قاراڭ، ئۇ مۇرا سىلىندىر شەكىللىك!"، "قارشى تەرەپتىكى ئۆينىڭ ئۆگزىسى تىراپىتسىيە شەكىللىك ئىكەن" دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ خىل سۆز-ئىبارىلەر، شەكىل، يۆنىلىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا ھەم ئەڭ چوڭ دەرىجىدە بالىغا يەتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ يېشى تېخى كىچىك ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ مىڭىسىدە بۇ سۆز-ئىبارىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىسى ھەققىدە تەسىرات ۋە چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا، بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ، ئۇلارغا رەسىم سىزىش ۋە قول-ھۈنىرى ئاساسى ئىقتىدارىنى ئۆگىتىش ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بالىلارنىڭ بوشلۇققا نىسبەتەن دەسلەپكى تۇنۇش شەكىللەندۈرۈشىگە ياردەملىشىش كىرەك.
ئۇقۇمغا ئائىت سۆز-ئىبارىلەر
   بالىلار بىلەن بولغان كۈندىلىك پىكىرلىشىش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار ئۇقۇمغا ئائىت سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك؛ مەسىلەن، تەرتىپى، باسقۇچ، پىلانلاش قاتارلىقلارغا ئوخشاش. بۇ خىل سۆز-ئىبارىلەرنى بالىلار ناھايىتى تىزلا ئۆگىنىۋالىدىغان بولۇپ، بالىلارنى كىيىنلىك ئىپادىلەش جەريانىدا، كەسپى سەۋيەگە ئىگە قىلىپلا قالماي، بالىلار يەنە تېخى تەرتىپ، تىزىش قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ.
    ئاتا-ئانىلار بۇ ئۇقۇملارنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئەمىلى ھەرىكىتى ئارقىلىق، بالىلارغا بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى بىلدۈرۈشى كىرەك؛ مەسىلەن، دادا بالىسىغا مۇنداق دىسە بولىدۇ: "بىز ئەتىگەن تۇرۇپ ئۈچ ئىش قىلىشىمىز كىرەك؛ ئالدى بىلەن ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كىيىمىمىزنى كىيىپ بولغاندىن كىيىن سۈت ئىچىمىز؛ ئاخىرىدا ئاناڭ سىنى كۆتۈرۈپ سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىسىلەر" دىگەنلەرگە ئوخشاش. بۇ خىلدىكى باغلاشما سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە، بالىلارنى چېنىقتۇرۇش قوشۇلۇپ، بالىلارنىڭ ياخشى تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
سوراق جۈملىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى
    ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن كۆپرەك سۇئال سورىسا بولىدۇ: "بالام، سىز ھازىر مىنىڭ قايسى تەرىپىمدە تۇرىۋاتىسىز؟"، "بالام، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ياتاق ئۆيى، سىزنىڭ ياتاق ئۆيىڭىزنىڭ قايسى تەرىپىدە؟" دىگەنلەرگە ئوخشاش.
    بۇلاردىن باشقا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا خەرىتە سىزدۇرۇش، تىزىپ ئوينايدىغان لېگاۋ ئويۇنچۇقلىرى ئوينىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت شەكىل، يۆنىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشىغا ياردەملەشسە بولىدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەسىلىلەرنى بالىلارنىڭ ئۆزى ھەل قىلىشقا قويۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ماتىماتىكا، گىئومىتىرىيە ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىپ  بىرىشى لازىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号