بوۋاقلار قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5810:قېتىم كورۇلدى
   ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم؛ چۈشتە بىز تاماق يەۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەمدى ئون ئايلىق بولغان بالىسى بىر تەرەپتە بىزنىڭ تاماق يىگىنىمىزگە قاراپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتتى. مەن دوستۇمدىن بالىغىمۇ ئازراق يىگۈزۈپ قويۇشنى ئېيتسام، ئۇ ھازىر بوۋاققا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىگۈزسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنداقتا، بوۋاقلار ئادەتتە قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدۇ؟ ئەگەر مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىگۈزسە، ئۇلارغا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟
بوۋاقلار ئادەتتە قانچىلىك بولغاندا چوڭلارنىڭ تامىقىنى يسىە بولىدۇ؟
    ئادەتتە چوڭلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، تەم سەزگۈ ئەزاسى ۋە ئاشقازان-ئۈچەيلىرى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تامىقى چوڭ پارچە ھەمدە تۇزى ۋە مېيى تېتىپراق كىلىدۇ؛ بىراق بۇ خىل تائاملارنى، تېخى تۇلۇق يىتىلىپ بولالمىغان بوۋاقلار  ھەزىم قىلالمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەجىربىلىك ئانىلارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، ئادەتتە بوۋاق ئىككى ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئاندىن چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىسە بولىدىكەن؛ بۇنىڭدىن بۇرۇن، بوۋاقنىڭ ئۇزۇقلۇق كىلىش مەنبەسى، يەنىلا سۈت پاراشوكىنى ئاساس قىلىپ، مۇۋاپىق تۈردە قوشۇمچە يىمەكلىك يىگۈزسەك بولىدىكەن. بىراق، ئانىلار بوۋاققا سۈت پاراشوكى تاللىغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئۇلارنىڭ ياش مەزگىلىگە ماس كىلىدىغان سۈت پاراشوكى تاللاش كىرەك؛ بولمىغاندا، ئەگەر ئون نەچچە ئايلىق بولۇپ قالغان بوۋاققا، نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاققا بىرىدىغان سۈت پاراشوكى ئىچكۈزسىڭىز، بوۋاقتا ئاسانلا ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ.
بوۋاقلارغا مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭلارنىڭ تامىقىنى يىگۈزسە، ئۇلارغا قانداق تەسىرى بولىدۇ؟
ئۇزۇقلۇق يىتىشمەيدۇ
    ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزگە ئوخشاش، چوڭلارنىڭ تامىقى بىر قەدەر يىرىك كىلىدۇ، ھەمدە ئىلمى ئۇسۇلدا ئۇزۇقلۇق تەركىبىنى ماسلاشتۇرۇپ تەييارلانمىغان؛ بوۋاقلار بۇ خىل تاماقنى يىسە، ئۇلاردا ئاسانلا ھەزىم قىلالماسلىق ياكى ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ۋاقىت ئۇزارغانسىرى، ئۇزۇقلۇق يىتىشمەي قېلىپ، بالىنىڭ نورمال يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئېغىز بوشلۇقى كىسەللىكى
    بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقىمۇ ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، چوڭلارنىڭ تامىقىنى تەييارلاش جەريانىدا، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان خۇرۇچ ماتىرياللىرى سېلىنىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ئىنتايىن ئاچچىق كىلىدۇ. بوۋاقلار بۇ خىل تاماقنى يىسە، ئاسانلا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋاقلار مەزگىلىدە، مايلىق ھەم تۇزلۇق تاماقنى كۆپ يىسە، ئۇلارنىڭ تەم سىزىم ئەزالىرىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ بولغاندا، تۇزلۇق ھەم مايلىق تاماقنى ياخشى كۆرىدىغان، تاماق تاللايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
نەپەسلىنەلمەي قېلىش خەتىرى كۆرۈلىدۇ
    بوۋاقلار ئادەتتە 2ياشقا توشقان ۋاقىتلاردا ئاندىن سۈت چىشى تۇلۇق چىقىپ بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇلاردا ناھايىتى ئون نەچچە تاللا كىچىك سۈت چىشى بار، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى چايناش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يىمەكلىك ئازراق قاتتىقراق بولۇپ قالسا، ئۇنى چايناپ ئەزمىكى تەسكە توختايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بوۋاقلار تاماقنى چاينىماي يۇتۇپ سالسا، ئۇلارنىڭ گېلىغا تۇرۇپ قېلىپ، نەپەسلىنەلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
    بوۋاقلار كىچىك ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ بەدىنى پۈتۈنلەي يىتىلىپ بولالمىغاچقا، ئاشقازان-ئۈچەيلىرى ناھايىتى يۇمران كىلىدۇ؛ شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار ئۇلارغا تاماق يىگۈزگەن ۋاقىتتا، چوقۇم ئىھتىيات قىلىشى، ئۇنىڭ ياش مەزگىلىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى لازىم.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号