قىز بالا تەربىيەلەشتىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەش ئىش
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6567:قېتىم كورۇلدى
   ياخشىمۇسىز! مۇشۇ ۋاقتىڭىز خەيرىلىك بولسۇن! تۈنۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ئوغۇل بالا تەربىيەلەشتە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بەزى نوقتىلارنى سۇنغان؛ بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە قىز بالا تەربىيەلەشتىكى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلار ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئاتا-ئانا بولسا، بالىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمىز؛ بالا تەربىيەلەش ، ئەمىلىيەتتە بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ئەمەس بولۇپ، پۈتكۈل جەرياندا نۇرغۇنلىغان ئۇسۇل چارىلەرنى قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇل بالىنى تەربىيەلەش ئۇسۇل بىلەن قىز بالىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، قىز بالا تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكىدەك بەش نوقتىغا دىققەت قىلماق لازىمدۇر.
قىز بالىنى نامرات بېقىشتىن ساقلىنىش
   ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئوغۇل بالا بىلەن قىز بالىنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوخشىمايدۇ. قىز بالىنى باي بېقىش لازىم، بۇنىڭدا ئۇ چوڭ بولغاندىن كىيىن، خالىغانچە ئوغۇل بالىنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالمايدۇ، ھەم ئۆزمەننى يوقىتىپمۇ قويمايدۇ.
مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
    بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن ھەممىسى جەمئىيەتكە يۈزلىنىدۇ؛ بولۇپمۇ قىز بالا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىشى، باشقىلارغا تايانماي ئۆزىگە تايانغان ۋاقىتتا ئەڭ ئىشەنچىلىك بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىشى كىرەك. بۇنىڭدا، چوڭ بولۇپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندىن كىيىن، ئىرىگە تايانمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئورنى ۋە مۇستەقىل ئىقتىسادى بار بولىدۇ، تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئاياللار ئادەتتە، تايانچىسى يوق بولۇپ قالسىلا، ئاسانلا مەۋجۇتلۇقنى داۋاملاشتۇرماق تەس بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالىدۇ؛ شۇڭا قىز بالا كىچىكىدىن باشلاپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىنىشى كىرەك.
مىجەزى چۇس بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش
    نۇرغۇن قىز بالىلار، ئۆيىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ مەلىكىسى ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار نىمە دىسە شۇ تەييار بولىدۇ، ئەگەر تەلىۋى ئورۇنلانمىسا قالايمىقان ئاچچىقلاپ كىتىدۇ. قىز بالا ئەگەر ھەمىشە ئاچچىقلانسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغىمۇ ئىرىشەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا قىز بالىلارنى ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بار، قورقۇنچاق ئەمەس ئەمما مىجەزى مۇلايىم خارەكتىرىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
تەتۈر مىجەز بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش
    مەيلى نىمە ئىش بولمىسۇن، ھەممىسى لايىقىدا بولغان ياخشى. ھەممە ئادەم، ئەركىلەشنى بىلىدىغان ئاياللار بىرقەدەر ئالقىشقا ئىرىشىدۇ دەپ ئېيتىشىدۇ؛ بىراق بۇ ئەركىلەيمەن دەپ يولسىزلىق قىلىڭ ياكى تەتۈر مىجەزلىك قىلىڭ دىگەن گەپ ئەمەس، بەلكى ئاياللار ئازراق ئەركىلەپ قويسا ئوماق كۈرنىدۇ دىگەن مەنىدە ئېيتىلغان. ئەگەر قىزبالا تەتۈر مىجەز، يولسىز چوڭ بولۇپ قالسا، چوڭ بولۇپ جەمئىيەتكە چىققاندىن كىيىن، ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىجەزىگە چىداپ ئۆتۈپ كەتكەن بىلەن، باشقىلار ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدۇ. قىسقىسى، بۇ خىل مىجەزدىكى ئاياللار جەمئىيەتتە ئالقىشقا ئىرىشەلمەيدۇ، باشقىلار ئۇلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
ئوغۇلنى ئەتىۋارلاپ قىزبالىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن ساقلىنىش
    بەزى چوڭلارنىڭ ئىدىيىسى بىرقەدەر قالاق كىلىدىغان بولۇپ، قىز بالا دىگەن تالانىڭ ئادىمى، شۇڭا ئۇلارنى بېقىپ چوڭ قىلىپ قويساقلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەگەر قىز بالىدا ئۇزۇن مەزگىل ئائىلە مۇھەببىتى كەمچىل بولسا، ئۇلار ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر، قىز بالا چوڭ بولسا ئەرگە بىرىمىز، شۇڭا ئۇنچە كۆپ ئوقىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدۇ؛ بىراق ھازىرقى جەمئىيەت ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، جەمئىيەتتە بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، بەلگىلىك مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە بولمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋيىسىگە ئىگە بولۇشى، ئۇلارنىڭ كىيىنلىك ھاياتى ۋە بەختىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئوغۇللارنى ئەتىۋارلاپ قىزبالىنى تۆۋەن كۆرىدىغان ئەھۋالدىن قەتئى ساقلانماق لازىمدۇر.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号