تۇغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىلدا بۇ ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلىڭ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5696:ئادەم ئۆگەندى
   ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىپ كىتىش مەسىلىسىگە قارىتا، خەلق ئارىسىدا مۇنداق بىر خىل قاراش بار: ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىپ كىتىشىدە ئۈچ قېتىملىق يۇقىرى باسقۇچ بار؛ يەنى، يىڭى توي قىلغان مەزگىل، تۇغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىلى ۋە يەتتە يىللىق داۋالغۇش.
    يىڭى توي قىلغان ئەرخوتۇنلارنىڭ تىزلا ئاجرىشىپ كىتىشى، كۆپىنچە ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا قارشى تەرەپنى تۇلۇق چۈشەنمەي تىزلا توي قىلىشقان، ئەمما توي قىلغاندىن كىيىن ئاشكارىلىنىپ چىققان مەسىلىلەرنى قوبۇل قىلالمىغانلىقتىن بولىدۇ.
   يەتتە يىللىق داۋالغۇشقا بولسا كۆپ چۈشەنچە بىرىش كەتمەيدۇ؛ گەرچە يەتتە يىلنىڭ ئەمىلىيەتتە مۇقىم ياكى ئىنىق بولغان ئۆلچىمى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەر-خوتۇنلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسىرى ئاددىلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنسىرى، ئاجرىشىش نىسبىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى ئۆرلەپ كىتىدۇ.
    تۇغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىلىغا كەلسەك، بۇنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. ئاياللاردا تۇغۇتتىن كىيىن، ئەسلىدىنلا روھى ھالەت جەھەتتىكى داۋالغۇش كۆرىلىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كۈيۈنىشى يىتەرلىك بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ بۇ توسالغۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئەكسىچە بولسا، ئەگەر ئەر-خوتۇنلار بۇ توسالغۇدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كىتەلىسە، ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت بارغانسىرى چوڭقۇرلىشىپ، كىشىلىك ھاياتتىكى بوران-چاپقۇنلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرالىغۇدەك ئىشەنچىسى پەيدا بولىدۇ.
    تۇغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىلى، ئەر-خوتۇنلار تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلىدىن ساقلىنىش كىرەك، بولمىسا ئوتتۇرلۇقتىكى مۇھەببەتكە تەسىر يىتىدۇ.
1. جىدەللىشىش
    بىرىنچى نوقتا، يەنە ئەڭ مۇھىم بولغان نوقتا، جىدەللىشىپ قالماسلىقتۇر.
   توغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىلدا، ئەسلىدىكى كىچىك ئەر-خوتۇنلار بىراقلا دادا ۋە ئانا بولۇپ ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، سالاھىيتىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە نىسبەتەن، ئەر-خوتۇن ھەر ئىككى تەرەپتە ماسلىشالماسلىق كۆرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئائىلىگە يىڭى بىر ئەزا قوشۇلغاندىن كىيىن، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنى تېخىمۇ سەزگۈر، تىرىككەك، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
   بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، ئەر-خوتۇنلار ئارىسىدا جىدەل تۈگىمەي، زىددىيەتنىڭ قايتا-قايتا تۇغۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا ئاغرىنىش كۆپىيىپ، مۇھەببەت سۇسلىشىپ كىتىدۇ.
2. ئۆي ئايرىپ ئۇخلاش
    بالا بولغاندىن كىيىن، بالىغا قاراش سەۋەبىدىن، نۇرغۇن ئانىلار يالغۇز ئۇخلاشنى تاللايدۇ؛ دادا بولسا، بىر كۈن جاپالىق ئىشلەپ كەلگەنلىكتىن، كىچىسى ياخشى ئارام ئالالماي قېلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارمۇ كۆپىنچە ئايالىنىڭ تەكلىۋىگە قوشۇلىدۇ.
    بىراق، بۇ خىل قىلمىش قارىماققا ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك، كۈيۈنۈشنىڭ ئىپادىسىدەك قىلغان بىلەن، ئەمىلىيەتتە ئەر-خوتۇنلار مۇھەببىتى ئوتتۇرسىغا يۇشۇرۇن خەۋپ ئۇرۇغى تېرىپ قويىدۇ.
   تۇغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىلى، بوۋاقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئەڭ لازىم بولىدىغان مەزگىل، يەنى ئانىنىڭ ئەڭ ئالدىراش بولدىغان مەزگىلى بولۇپ، پۈتۈن دىققەت ئىتىبارىنى بوۋىقىغا قاراتقان ئانا، ئىرى بىلەن ھىسيات ئالماشتۇرۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويىدۇ. دادا بولسا، كۈندە ئەتىگەن ئۆيدىن چىقىپ كەچ قايتىپ كىلىدىغان بولغاچقا، ئايالىنىڭ بالىغا قاراش جەريانىدىكى جاپاسىنى ئىنىق كۆرۈپ يىتەلمەي، ئايالىنى ماڭا سۇغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالدى دەپ خاتا چۈشىنىپ قالىدۇ.
    ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ياخشى چۈشىنىشمىگەننى ئازدەپ، يەنە تېخى ئۆي ئايرىپ ئۇخلىسا، بۇنداق ئەھۋالدا پىكىرلىشىش كەمچىل بولۇپ، ھەرقانچە چوڭقۇر مۇھەببەتمۇ سۇسلىشىپ كىتىدۇ.
3. "بويتاق ھالىتى" شەكلىدىكى بالا بېقىش
     ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىنىڭ يىتىلىشى، ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا كىيىنرەك بولىدۇ.
    نۇرغۇن ئائىلىلەردە مۇنداق بىر ئەھۋال كۆرىلىدۇ: بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن، ئانا ناھايىتى تىزلا ئانىلىق رولىغا كىرىشىپ كىتىدۇ؛ ئەمما دادا بولسا بۇنىڭغا بىراقلا ماسلىشىپ كىتەلمەيدۇ. نەتىجىدە، ئانا كىچە-كۈندۈز دىمەي بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، دادىنىڭ ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى يوق، خۇددى ئۆيدە بۇنداق بىر ئادەم مەۋجۇت ئەمەستەك ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ھالەت ئادەتتە "بويتاق ھالىتى"شەكلىدىكى بالا بېقىش دىيىلىدۇ.
    بۇ ئەھۋالنىڭ ئەر-خوتۇنلارنىڭ مۇھەببىتىگە بولغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەتتە بەلكىم كۆرنەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىل ئاغرىنىش ۋە دەرت-ئەلەم يېغىلىپ بىراقلا پارتلاپ چىقسا، ئانىنىڭ كەيپىياتى كونتىروللىقىنى يوقاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار كۆپىنچە ئاجرىشىش قارارىنى چىقرىپ قويىشى مۇمكىن.
    تۇغۇتتىن كىيىنكى تۇنجى يىل، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەنگە نىسبەتەن بىر رىقابەت بولۇپ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە، ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتكىمۇ كۆپرەك ئىتىبار بىرىش لازىم. بولۇپمۇ دادا، ئايالىغا قارىتا يىتەرلىك سەۋەرچانلىق ۋە چۈشىنىش بىرىشى، ئايالىغا ياردەملىشىپ بالىنىڭ ھالىدىن كۆپرەك خەۋەر ئېلىشىپ بىرىشى كىرەك.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号