بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە قانداق ئۇزۇقلىنىش كىرەك؟
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5728:ئادەم ئۆگەندى
    كۆپ قىسىم ئانىلار، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە ھەرقانداق يىگۈسى بار نەرسىلەرنى يىسە بولىۋىرىدىغانلىقىنى، ئالاھىدە پەرھىز تۇتۇشقا تىگىشلىك بىرەر نەرسىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان.
    شۇنداق، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاسىتدا، پەقەت سىزنىڭ مەلۇم بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل يىمەكلىك رىئاكسىيە قىلىدىغان تارىخىڭىز بار بولمىسىلا، ئادەتتە سىز يىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى يىمەكلىك ھىسابلىنىدۇ. بىراق، بالا ئىمىتىشتە، ئانىنىڭ بەدىنى ھەركۈنى تەخمىنەن 500كىلوكالورىيە ئەتراپىدا ئىنىرگىيە سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ؛ شۇڭا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ساغلاملىققا پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى يىيىش ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈن بىز كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى يىمەك-ئىچمەك ھەققىدە بىرىلگەن بەزىبىر تەكلىپلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

مۇۋاپىق تۈردە ئۇزۇقلۇق قۇبۇل قىلىش
    بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، سىزنىڭ ئىستىمال قىلغان يىمەكلىكلىرىڭىزنىڭ تەركىبىدە، كالتسىي، تۆمۈر، ئاقسىل قاتارلىقلارنىڭ مول بولۇشىغا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. ئادەتتە كالتسىينىڭ ئەڭ ياخشى بولغان كىلىش مەنبەسى سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە يىشىل كۆكتاتلاردۇر؛ بۇندىن باشقا يەنە، كالتسي تەركىبى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكەر، مەسىلەن مىۋە شەربىتى، دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق سۈتى، پۇرچاق قېتىقى ۋە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
    ساغلام يىمەك-ئىچمەك ئادىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
    1. ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 5خىل ئوخشاش بولمىغان مىۋە-كۆكتات ئىستىمال قىلىش؛
    2. كىراخمال تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، مەسىلەن ئۇن تامىقى، بوغداي ئۇنىدا سېلىنغان بولكا، گۈرۈچ تامىقى ۋە ياڭيۈ قاتارلىقلار
   3. تالالىق يىمەكلىك، مەسىلەن دانلىق زىرائەت، گۈرۈچ، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر، مىۋە-چىۋە ۋە كۆكتات قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىش.  بەزى ئاياللاردا تۇغۇتتىن  كىيىن بەزىبىر ئۈچەي يوللىرى مەسىلىلىرى ۋە قەۋزىيەت كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تالا ماددىسى بولسا بۇ ئىككى مەسىلىگە قارىتا پايدىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    4. ئاقسىل تۇلۇقلاش، يەنى ئاقسىل، ئۇرۇق گۆش، توخۇ گۆشى، بېلىق، تۇخۇم ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش. بۇندىن باشقا ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
   5. سۈت مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن كالا سۈتى، قېتىق قاتارلىقلار.
   6. كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق قوبۇل قىلىش. بالا ئىمىتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، يېنىڭىزدا ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۇ ياكى كالا سۈتى، ۋەياكى شىكەر قوشۇلمىغان مىۋە شەربىتى تەييارلاپ قويۇپ قويۇشىڭىز تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ۋىيتامىن D تولۇقلاشقا دىققەت قىلىش
    بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە، ھەر كۈنى تەركىبىدە 10مىكروگىرام ۋىيتامىن D بار بولغان تابلىتكا ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بۇنىڭدا سىزنىڭ ۋە بوۋاقنىڭ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. بۇندىن باشقا، ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئۇزۇقلۇقنىڭ تەكشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر خىل تۈردىكى ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلارنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
بالا ئىمىتىش مەزگىلىدىكى تەۋسىيىلىك ئۇششاق يىمەكلىكلەر
    تۆۋەندىكى پارچە يىمەكلىكلەر ھەم قولايلىق ھەم ساغلام بولۇپ، سىزگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلاش ئۈنۈمى كۆرسىتىدۇ.
     يىڭى مىۋە-چىۋە؛
     قېتىم ۋە پىشلاق(奶酪
     ئۈرۈك مېغىزى، ئەنجۈر؛
     كۆكتات ۋە پۇرچاق شورپىسى؛
     شىكەر قوشۇلمىغان ناشتىلىق دانلىق زىرائەتلەر ۋە قاتتىق پوستلىق مىۋىلەر؛
     شىكەر قوشۇلمىغان مىۋە شەربىتى ۋە سۈت ئىچىملىكلىرى؛

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号