بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە قانداق قىلىش كىرەك؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5808:قېتىم كورۇلدى
    ھازىرقى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يالغۇز پەرزەنت؛ شۇڭا ئاتا-ئانىلىرى كۆپىنچە ئۇلارنى زىيادە ئەركىلىتىپ، ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدرىدىمۇ، ئۇلارنىڭ غۇرورىغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەپ، نەچچە ئېغىز تەنبىھ بىرىپلا بولدى قىلىدۇ، بالىنى ئۇرىدىغان ئىشلار تېخىمۇ بولمايدۇ. بىراق، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئۇلارغا بەلگىلىك دەرىجىدە جازا بىرىش كىرەك؛ ئائىلە تەربىيىسىدىكى لايىقىدا بولغان مۇكاپات ۋە جازالاش، بالىلارغا بولغان كۈيۈنۈش ۋە مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇ يەنە بالىلارنىڭ سۆز-ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىدۇر.
   بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، ئۇلارنىڭ كىيىنچە يەنە داۋاملىق خاتالىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار بەلگىلىك دەرىجىدە جازالاشقا ئۇچرىشى كىرەك. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا، جازالاشنى، بالىلارنى ئۇرۇپ-تاللاش، ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويۇش، يۈكۈندۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇش دىگەندەك ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەمىلىيەتتە، بۇ توغرا ئەمەس. بالىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىشتە، نۇرغۇن چارە-ئاماللار بار بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتىكى بەزى ئۇسۇل ۋە قاراشلارنى كۆرۈپ باقايلى.
1. خاتالىق ئۆتكۈزسە جازالاش كىرەك
    بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا، مەيلى قەستەن بولسۇن ياكى بىخەستەلىك قىلىشتىن بولسۇن، مۇناسىپ تۈردە جازاغا ئۇچرىشى كىرەك. مەسىلەن، ئەگەر بالا ئىستاكاننى چېقىۋىتىپ قالسا، گەرچە ئۇ بۇنى قەستەن قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا بۇنىڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش كىرەك. ئۇ گەرچە ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئېلىپ كىلىدىغان ئاقىۋەتنى ئويلاپ يىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بۇنىڭ ئۈچۈن ئەپۇ سورىشى كىرەك.  ئەگەر ئۇ قەستەن قىلمىغان بولسا ھەم خاتالىقىنى تۇنۇشقا جۈرئەت قىلسا، ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.
2. جازا لايىقىدا بولۇش كىرەك
    بالىنى جازالاشتىكى مەقسەت، ئۇلارنى ياخشىلىققا قاراپ ئۆزگەرتىشتۇر، شۇڭا بالىغا بىرىلگەن جازا چوقۇم ئۇنىڭ قىلمىشىغا ماس كىلىشى كىرەك. ئەگەر جازا بەك ئېغىر بولۇپ كەتسە، ئاسانلا بالىلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ؛ ئەگەر بەك يىنىك بولۇپ قالسا، بالىلارغا ساۋاق بولۇشقا يىتەرلىك بولماي قالىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا جازا بىرىشتە، مەقسەتكە يىتىشنى ئاساسى ئۆلچەم قىلىش كىرەك. مۇنداقلا شەكىلگە ئۆتكۈزىۋىتىشكە بولمايدۇ ھەمدە كىچىك ئىشنى يوغىنىتىپ، قالايمىقان جازالاشقىمۇ بولمايدۇ.
3. جازا ئۇسۇلى ئىنىق ھەم مۇۋاپىق بولۇش كىرەك
    بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇشتا، بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۆزى قىلىۋاتقان قىلمىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىيالمىغانلىقىدىن بولىدۇ؛ شۇڭا، بالىلارغا جازا بىرىش، ئۇلارنىڭ توغرا-خاتانى ئىنىق ئايرىش، خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۆزگەرتىش پەزىلىتىنى يىتىلدۈرۈش ئۈنۈمىمۇ بار بولىدۇ. بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە، بىز ئۇلارغا شىئىر يادلاش، ئۆيگە پايدىلىق بىرەر ئىش قىلىش، بوۋىسى ۋە مومىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىش، ماقالە يېزىش قاتارلىق جازالارنى بىرىش ئارقىلىق، بالىلارنىڭ ئاق كۆڭۈللۈككە، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ۋە ئالغا ئىنتىلىش روھىنى قوزغىتىشىمىز لازىم؛ بۇنىڭدا بالىلار ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە بولغان ئىلگىرى سۈرۈش رولى تېخىمۇ زور بولىدۇ.
4. بالىلارغا نىمە ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى تۇنۇتۇش كىرەك
    بالىلارغا جازا بىرىشتە، بىز ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنىڭ خارەكتىرى ياكى خاتالىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن، جازا تۈرىنى بىكىتىشىمىز لازىم. ھازىرقى زامان مائارىپ نەزىرىيىسىنىڭ قارىشىچە، جازالاش، پەقەت بىر خىل ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەرتلىك غىدىقلاپ رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىدىغان ۋاقتى نىسبەتەن قىسقا كىلىدۇ ھەمدە ئۈنۈمى ئۇزۇنغا بارالمايدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا، جازاغا ئۇچرىغان بالىلار، خاتالىقىنى ئۆزگەرتكەن بىلەنمۇ، بۇ جەرياندىكى نىمە ئۈچۈن جازالانغانلىقىنى، قەيەرنى قانداق خاتا قىلىپ سالغانلىقى دىگەنگە ئۇخشاش داۋالىلارنى تۇلۇق چۈشىنىپ يىتەلمەيدۇ، شۇڭا كىيىنچە يەنە ئوخشاش خاتالىق ئۆتكۈزۈپ سېلىش ئىھتىماللىقى بار بولۇپ قالىدۇ.
    شۇڭا، بالىلارغا ئۆزىنىڭ جازاغا ئۇچرىشىدىكى سەۋەپنى ئىنىق تۇنۇتۇش، ئۇلارنىڭ خاتالىق قىلمىشىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشتىكى ھالقىلىق نوقتىدۇر. جازالاشتىن ئىلگىرى، ئۇلارنى نىمە ئۈچۈن جازالىماقچى بولغانلىقىمىزنى، ئۇلارغا ئىنىق دەپ بىرىشىمىز كىرەك. جازالاپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلارغا يەنە بىر قېتىم سەۋەپنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ قەيەرنى خاتا قىلغانلىقىنى چۈشەندىمۇ يوق ياكى ئىسىدە ساقلىدىمۇ يوق، يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقماق لازىمدۇر.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号