ئىككى ئايلىق بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ كىتىش سەۋەبى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7978:قېتىم كورۇلدى
    بالىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئانىغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەڭ ئېغىر زەربە ھىسابلىنىدۇ. ئىگىلەشكە ئاساسلانغاندا، ئاۋىستىرالىيەلىك 21 ياشلىق ئانا كارلىي.ۋوۋك، ئادەتتىكىگە ئوخشاش بىر چۈشتىن كىيىنلىكتە، ئەمدىلا ئىككى ئايلىق بولغان قىزى زارانى بوۋاقلار كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ چۈشلۈك ئۇخلاتقاندىن كىيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئازراق چارچاش ھىس قىلىپ ئۇخلاپ قالغان؛ ئەمما ئۇ ئويغانغاندىن كىيىن، بوۋىقى زارانىڭ  نەپىسى بوغۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن بەخىتكە قارشى جان ئۈزگەنلىكىنى بايقىغان.
    كارلىي تېخى ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغان ۋاقىتتا، ئىرىنىڭ چىقىراپ توۋلىغىنىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان ھەمدە دەرھال بوۋاقلار كارۋىتىنىڭ قېشىغا كىلىپ، بىچارە زارانىڭ بەدىنىنىڭ قېتىپ قالغانلىقىنى كۆرگەن؛ بۇ ۋاقىتتا بوۋاقنىڭ بەدىنى ئازراق ئىسسىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نەپەسلىنىشى توختاپ قالغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا كارلىينىڭ ئىرى بوۋاقنىڭ يۈرەك ئۆپكە ھەرىكىتىنى ئەسلىگە ئەكىلىش ئۈچۈن جىددى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان، ئارىدىن 4مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن، دوختۇرخانىنىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىمۇ يىتىپ كەلگەن.
    كارلىينىڭ دىيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ھاياتىدا ئەڭ تەس ھەم ئەڭ ئۇزۇندا ئۆتكۈزگەن تۆت مىنۇت بولۇپ،  ئۇنىڭ ئىسىدە قېلىشىچە، جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى كەلگەندىن كىيىن، كارلىيغا، ئۇ ئاڭلاشنى ئەڭ خالىمايدىغان گەپنى قىلغان، يەنى ئەڭ يامان ئەھۋال يۈز بىرىشكە ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىشنى ئېيتقان. جىددى قۇتقۇزۇش خادىملىرى زارانى قۇتقۇزۇۋاتقان ۋاقىتتا، كارلىي بىلەن ئىرى بىر-بىرىنى يۆلىشىپ، ئاندىن ئاران دىگۈدەك ئۆرە تۇرالىغان.
    بىراق ئاخىرقى نەتىجىدە، دوختۇرلارمۇ زارانىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالمىغان. كارلىي ئىزچىل تۈردە زارانىڭ ئۆلۈپ كىتىش سەۋەبىنى ئىزدىگەن بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زارانىڭ ئەھۋالى بوۋاقلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۈلۈپ كىتىش كىسەللىكىگە (SIDS) تەۋە بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال، قارىماققا پۈتۈنلەي ساغلام كۆرىنىدىغان بوۋاقلارنىڭ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كىتىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدىكەن. بوۋاقلار ئۇخلىغان ۋاقىتتا دۈم يېتىش ياكى يان تەرىپىنى بېسىپ يېتىش، بوۋاقلاردا ئاسانلا SIDS يۈز بىرىدىغان يېتىش ھالىتى ئىكەن.
    زارانىڭ نەپىسى بوغۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەپ بولسا، ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقاندا بەدىنىنى ئۆرۈگەنلىكى بولۇپ، بۇۋاقىتتا كارلىي بىلەن ئىرى زارانىڭ ئۆز ئۆرۈلىلەيدىغان بولغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن؛ بۇ قېتىمدا، زارا ئۆزى ئۆرۈلۈپ بوۋاقلار كارۋىتىنىڭ بۇرجىكىگە بېرىپ قالغانلىقتىن، نەپىسى بوغۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى كىلىپ چىققان ئىكەن.
    كارلىي گەرچە زور ئازاپ ئىچىدە تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇ كەچمىشى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئەسكەرتىش بىرەلىشىنى ۋە بۇنداق تىراگىدىيەنىڭ باشقىلارنىڭ ئۈستىدە قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلغان. ئۇ بارلىق ماركىدىكى بوۋاقلار كارۋىتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى چاپلاپ قويۇلۇشى ھەمدە ئۈستىگە "قارايدىغان ئادەم يوق ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاقنى بۇ كارۋاتقا سېلىپ ئۇخلاتماڭ، چۈنكى بۇنىڭدا بوۋاقنىڭ نەپىسى بوغۇلۇپ قېلىش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرۇش سۆزلىرى يېزىلىپ قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号