ئىمىتىش مەزگىلىدە قانداق قىلىپ ئانا سۈتىنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6670:قېتىم كورۇلدى
    ئىمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار سۈتىنىڭ يىتىشمەيۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋاقىتتا، بۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇشتىن باشقا، كۆپىنچە ئانىلار بىر خىل خاتا رايونغا كىلىپ قالىدۇ—يەنى، نىمە يىسەم سۈتۈم كۆپىيىدىغاندۇ دەپ ئويلىنىشقا باشلايدۇ.
   ئەمىلىيەتتە، ھازىرقى تۇرمۇش سەۋيىسى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئانىلاردا بەدىنىگە ئۇزۇقلۇق يىتىشمىگەنلىك سەۋەبىدىن ئانا سۈتى يىتىشمەيدىغان ئەھۋال ئاساسى جەھەتتىن كۆرۈلمەيدۇ؛ شۇڭا ئانىلار دىققىتىنى بۇ تەرەپكە قاراتمىسىمۇ بولىدۇ، زىيادە ئۇزۇقلىنىش ئەكسىچە ئۇزۇقلۇقنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئانا سۈتى تەركىبىدىكى ياغ ماددىسىنىڭ ئېشىپ كىتىشىنى پەيدا قىلىپ، سۈت بېزى نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك سۈت چىقىش راۋان بولماسلىق، بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    ئانا سۈتى يىتىشمەيۋاتقانلىقىنى بايقىغىنىمىزدا، بىز ئالدى بىلەن روھى ھالىتىمىزنى تەڭشەپ، ئۆزىمىزنى ئازادە قويۇۋىتىشىمىز، "بالىغا يۈز كىلەلمىگەندەك" ئۆزىنى ئەيىبلەش پىسخىكىسىدا بولماسلىقىمىز لازىم ھەمدە ئاكتىپ روھى ھالەت بىلەن ئانا سۈتىنى كۆپەيتىش ھەققىدە ئويلىنىشمىز لازىم.
    ئىككىنچىدىن، بوۋاقنى كۆپرەك شوراتقۇزىشىمىز كىرەك. بوۋاقنىڭ شورىشى، ئەمچەكنى غىدىقلاپ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئىمىتىش مەزگىلىدە، سۈتنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،  ئانىلار ھەركۈنى 12-10 قېتىم ئىمىتىش ئۆلچىمى بويىچە بوۋاقنى ئىمىتسە بولىدۇ، يەنى ھەر ئىككى ئۈچ سائەتتە بىر قېتىم ئىمىتسە بولىدۇ.
    بوۋاق ئۇزۇنراق ۋاقىت ئۇخلىغاندا، ئانىلار سۈت شوراش ئەسۋابى ئىشلىتىش ياكى قولىدا سىقىپ چىقىرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئەمچەككە يېغىلغان ئانا سۈتىنى بىر قېتىم چىقىرۋىتىپ بەرسە، بۇنىڭدا ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号