بۇ ئۈچ خىل بالىنى باقماق تەس، ئەمما ئۇلار كەلگۈسىدە...
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6522:قېتىم كورۇلدى
    ھازىرقى بالىلارنى باقماق بارغانسىرى تەسلىشىپ كەتتى، ھە دىسىلا دومىلاپ يىغلاپ خاپا سېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋىتىدۇ.
    ئەمما بالا بېقىش ئەسلىدىنلا جاپاسى بار ئىشى؛ مەسىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل بالىلارنى باقماق تەس، ئەمما چوڭ بولغاندىن كىيىن ياراملىق ئادەم بولالايدىغان بالىلارمۇ، كۆپىنچە دەل مۇشۇ خىلدىكى بالىلاردۇر.
جىم تۇرالمايدىغان بالىلار
   ئولتۇرۇشى ئولتۇرغاندەك ئەمەس، تۇرىشى تۇرغاندەك ئەمەس، مەيلى ئۆي ئىچى ۋە تېشىدا بولسۇن، يۈگرەپ-سەكرەپ بىر مىنۇتمۇ جىم تۇرالماسلىق، دەل مۇشۇ تۈردىكى بالىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇنداق بالىلار بەزىدە سىزنى بەك زىرىكتۈرۋىتىدۇ، ئەمما يەنە بەزىدە، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
   چۈنكى ئۇلار ھەمىشە بالىلار ئارىسىدىكى خۇشاللىق كەيپىياتى تارقاتقۇچى بولالايدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىجەزى شوخ ھەم ئۇچۇق كىلىدۇ، ئاداۋەت ساقلىمايدۇ، قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىردەمدىلا ئۇنتۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاسانلىقچە باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىدۇ. بۇنداق بالىلار كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن، ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە كىلىدىغان بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك ئۇلار ھەر خىل پايدىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائى بايلىققا ئىرىشەلەيدۇ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىمۇ نىسبەتەن تىز بولىدۇ.
گەپ ياندۇرۇشقا ئامراق بالىلار
    سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىز، ئۇلار بىر ئېغىز گەپ ياندۇرىدۇ؛ ئاتا-ئانىلار نىمە دىيىشىدىن قەتئىنەزەر، بۇنداق بالىلارنىڭ ھەمىشە ئۆزىنىڭ داۋلىسى بار بولىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق يوللۇق.
    ئەمىلىيەتتە، بۇ تۈردىكى بالىلار قەستەن گەپ ياندۇرىدىغان ئەمەس؛ ئۇلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئوي-خىيالىنى قورقماي ئىپادىلىيەلەيدىغان بولۇپ، بۇمۇ شىجائەتنىڭ بىر تۈرى.
   بۇ خىل بالىلار كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتا، كۆپىنچە رەھبەر سالاھىتىگە ئىرىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى سىرتقا ئىپادىلەپ چىقىرىش ۋە باشقىلارغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈمىد ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.
كەپسىز بالىلار
    ناھايىتى يۇۋاش ھەم ئوماق كەلگەن بالىلار بولغانىكەن، كەپسىز ھەم چاتاق تېپىپلا يۈرىدىغان بالىلارمۇ ئەلۋەتتە بار بولىدۇ.
    بۇنداق بالىلار ھەر دائىم ئەتراپىدىكى باشقا كىچىك دوستلىرىنى ئەخمەق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ مەسىلەن، ئويۇنچۇقلىرىنى ئېلىپ باشقىلارنى قورقۇتۇش، ئەخمەق قىلىش دىگەنلەرگە ئوخشاش. بىراق، ئاتا-ئانىلار ئەگەر بۇ خىلدىكى كەپسىز بالىلارنى ھەقىقى تۈردە چۈشىنىدىغان بولسا، ئۇلار بۇنداق بالىلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ھېچقانداق يامان نىيىتى يوق ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئويۇن ئوينىغان قاتاردا شۇنداق قىلغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەرخىل غەلىتە پىكىر-قاراشلىرى ۋە ئىجادچانلىقى بارلىقىنى بايقىيالايدۇ.
    بۇنداق ئىجادچانلىق كۈچى يۇقىرى بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن، باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان غەلىتە، يىڭىچە نەرسىلەرنى ۋە ئوي-پىكىرلەرنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ ھەمدە باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号