ئۆزى تۇغۇش بىلەن ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشنىڭ پەرقى
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5821:قېتىم كورۇلدى
    نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، ئۆزى تۇغۇش ۋە ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش توغرىسىدا ئىككىلىنىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا تۇغۇشنىڭ زادى قانداق پەرقى بار؟
ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشقا قارىغاندا ئۆزى تۇغسا ئەسلىگە كىلىشى تىزراق بولىدۇ
    ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ھامىلدار ئاياللار ئۆزى تۇغسا، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقانغا قارىغاندا تىزراق ئەسلىگە كىلىدۇ؛ ئۆزى تۇغقان ئاياللار ئاساسى جەھەتتىن بىرىنچى كۈنىلا كارۋاتتىن چۈشۈپ، مۇۋاپىق تۈردە سۇيۇق تاماق يىسە بولىدۇ. ئەمما ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغقان ئاياللار ئاز دىگەندىمۇ بىرەر ھەپتە كارۋاتتىن چۈشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت "يەل يۈرۈشكەن"دىن كىيىن ئاندىن سۇ ئىچىپ نەرسە-كىرەك يىسە بولىدۇ.
ئۆزى تۇغقاندا، تۇغۇلغان بوۋاقلار تېخىمۇ بەكرەك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بار بولىدۇ
    ئىلگىرى ئېلىپ بېرىلغان مەلۇم بىر تىببى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ئۆزى تۇغقاندا، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ بەكرەك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە كىلىدىكەن. چۈنكى، ھامىلدار ئايال ئۆزى تۇغقان ئەھۋالدا، بوۋاق ئۆزىنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققىلىۋاتقانلىقىنى تەخمىنەن ھىس قىلالايدىكەن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئازدۇر-كۆپتۇر "ئىدىيىۋى تەييارلىقى" بار بولىدىكەن؛ ئەمما ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلار بولسا، ھېچقانداق ئىدىيىۋى تەييارلىق يوق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئىللىق "ئۇۋىسى" ئىچىدىن ئېلىپ چىقىلىدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا، بوۋاق ئوخشاش بولمىغان تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى نىسبەتەن كەمچىل بولۇپ، بىرقەدەر كۆپرەك يىغلاپ خاپا قىلىدىغان بولۇشى مۇمكىن؛ ئانىسى ئۆزى تەبىئى تۇغقان بوۋاق ئەكسىچە، بىر قەدەر خاپا قىلمايدىغان، مۇلايىم كىلىشى مۇمكىن.
ئۆزى تۇغۇشقا چىقىم ئازراق كىتىدۇ
   ئادەتتىكى دوختۇرخانىلاردا، ئۆزى تۇغۇشقا ئادەتتە بىر-ئىككى مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىتىشى مۇمكىن؛ بىراق، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشقا بولسا، ئۈچ-تۆت مىڭ يۈەن ئەتراپىدا چىقىم كىتىشى ھەمدە ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ قالسا، بۇ ئاساستا يەنە ئۆلچەمدىن ئارتۇق چىقىم قوشۇلۇشى مۇمكىن.
ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇشتا، ھامىلدار ئايال ئۆزى تەبىئى تۇغقاندىكىدەك قىينالمايدۇ
    ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ھامىلدار ئايال ئۆزى تەبىئى تۇغۇشتا، كىتەرلىك ۋاقىتقا ئىنىق بىرنەرسە دىگىلى بولمايدۇ؛ بەزىدە نەچچە سائەتتىلا ئوڭۇشلۇق تۇغۇۋىتىشى مۇمكىن، بەزىدە بولسا بىرەر ئىككى كۈنگە سوزۇلۇپ كىتىشى مۇمكىن؛ ئىنىقكى، بۇ جەرياندا، ھامىلدار ئايال چوقۇم قىينىلىپ جاپا تارتىپ كىتىدۇ. ئەمما ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشتا، پۈتكۈل جەرياندا ناركوز قىلىنىدۇ، شۇڭا ھامىلدار ئايال ئاغرىق ھىس قىلمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇرلار كونتىرول قىلىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ۋاقىت نىسبەتەن قىسقا بولىدۇ. ئۆزى تۇغقانغا قارىغاندا، ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇشتا تاساددىبى ھادىسە كۆرۈلۈش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولۇپ، ھامىلدار ئايال ۋە بوۋاق تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.
    ئەمىلىيەتتە، مەيلى ئۆزى تۇغۇش بولسۇن ياكى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش بولسۇن، مەقسەت پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ بالىنى سالامەت تۇغۇشتۇر؛ شۇڭا ھامىلدار ئاياللار بۇ جەرياننىڭ ئۆزىدىن كۆپ ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号