53 ياشلىق ئايال ئوڭۇشلۇق تۇغدى، سەۋەبى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5811:قېتىم كورۇلدى
    53ياشلىق ئاياللارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن نەۋرىسىمۇ تۇغۇلۇپ بولغان بولىدۇ؛ ئەمما 53ياشلىق سىچۈەنلىك لى خانىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھامىلدار بولۇپ ، يېقىندا 7جىڭ كىلىدىغان قىز بوۋاقتىن بىرنى ئوڭۇشلۇق تۇغدى.
    1986-يىلى، ئەينى ۋاقىتتا 22ياش بولغان لى خانىم ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنى تۇغقان بولۇپ، ئەگەر 2008-يىلىدىكى ئاشۇ چوڭ يەر تەۋرەش بولمىغان بولسا ئىدى، لى خانىمنىڭ تۇرمۇشى باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلىلەرگە ئوخشاش بولاتتى. ئەمما تازا قورامىغا يىتىۋاتقان ئوغلى، ئاشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەينى ۋاقىتتىكى قايغۇ-ھەسرەت، ئۈمىدسىزلىنىش، قايمۇقۇشلاردىن باشلاپ، كىيىنكى مەزگىلدىكى رىئاللىققا يۈزلىنىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قايتا تۇرغۇزۇش جەريانىدا، لى خانىم ئادەتتىكى ئادەملەر ئاسانلىقچە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان كۆڭۈل مۇساپىلىرىنى باشتىن ئۆتكۈزدى. لى خانىم جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن پۇختا تەييارلىق كۆرگەندىن كىيىن، ئۆتكەن يىلى، 52 ياشلىق لى خانىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ھامىلدار بولدى.
    53ياشلىق ھامىلدار ئايالنىڭ ھامىلدارلىق كەچمىشى، ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىدى. ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى قەنت سىيىش كىسىلى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقى جىگەردە يېغىلىپ قېلىش كىسەللىكى قاتارلىقلار ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدى. لى خانىم تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش، كىسەللىكنىڭ ئالدىن ئېلىپ تەسىر كۆرستىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى خېيىم-خەتەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ تۆۋەن نوقتىغا چۈشۈردى.
    ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، دوختۇر-سېستىرالارنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يىڭىپ، لى خانىم ئوپراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئۇسۇلىدا 7جىڭ ئېغىرلىقتىكى قىز بوۋاقتىن بىرنى تۇغدى. بوۋاق ئىنتايىن ساغلام تۇغۇلغان بولۇپ، لى خانىمنىڭ كۆڭلىمۇ ئارامغا چۈشتى. ئۇ بۇ كىچىك بوۋاققا قارىغىنىچە، كۆڭلىدىكى قايغۇ-ھەسرەتلەر قايتا قوزغىلىپ، ياشلا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوغلىنى ئەسلەپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولدى ھەمدە يىڭىدىن تۇغۇلغان قىزىنى ساق-سالامەت بېقىپ چوڭ قىلىشقا بەل باغلىدى.
   ئاخىرىدا، لى خانىم بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بۇندىن كىيىن ساق-سالامەت تۇرمۇش كەچۈرىشىنى تىلەيمىز؛ چۈنكى ئۇلار ئەمدى ھېچقانداق بىر زەربىگە بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ. ئەگەر سىز لى خانىمنىڭ ئورنىدا بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ سۆز قالدۇرۇش رايونىدا سۆز قالدۇرۇپ، پىكىر قاتناشتۇرۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号