بۇ خىل دادىلارنىڭ بالىلىرى كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر ئادەم بولىدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6227:ئادەم ئۆگەندى
    ئىشىنىمەنكى، ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە مۇنداق بىر قاراش بار: ئەر كىشى پۇل تېپىپ خوتۇن-بالىلىرىنى بېقىشى كىرەك؛ ئايال كىشى بولسا، ئۆيدە بالىسىنى بېقىپ، ئىرىنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ھەمدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ئولتۇرۇشى كىرەك. بىراق، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېيتماقچى بولغىنىمىز، ئىلىم-پەن تەتقىقاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، دادىلىق سالاھىيەت، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى جەريانىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن؛ چۈنكى دادا ۋە ئانا ھەر ئىككەيلەن بالىلارنىڭ ئۈلگىسى بولغاچقا، بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆپ قىسىم سۆز-ھەرىكەت ۋە قىلمىشلىرىنى ئەينەن دورايدۇ.
     ئەگەر ئىرىڭىزدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بار بولسا، ئۇنداقتا بالىڭىزمۇ كەلگۈسىدە مۇنەۋۋەر ئادەم بولىدۇ.
ھەممە ئىشتا ئەمەلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەمدە باشقىلارنىڭ نام-ئاتاق ۋە بايلىقىغا ھەۋەس قىلمايدىغان ياكى كۆز قىزارتمايدىغان بولۇش
     ھەممە ئادەمدە ئازدۇر-كۆپتۇر شۆھرەتپەرەسلىق پىسخىكىسى بار، بۇنىڭدا چوڭ مەسىلە يوق؛ ئەمما بەزىبىر سىرتقى ئامىللارغا، يەنى نام-ئاتاق، پۇل دۇنيا دىگەنلەرگە زىيادە ئىتىبار بىرىپ كەتسەك، ئۇنداقتا ئۆزىمىزنى بۇنداق قىزىقتۇرۇشلار ئىچىدە يوقىتىپ قويىشىمىز مۇمكىن. ئەگەر بالىنىڭ دادىسى، ساختىلىق قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان، ئەمىلى تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئادەم بولسا، ئۇنداقتا دادىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بالىمۇ تەدرىجى ھالدا بۇ خىل پەزىلەتنى يىتىلدۈرپ، ھەرقانداق ئىشتا، ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ تىرىشىدىغان بولىدۇ.
بالىسىنى بىللە ئېلىپ سىرتلارغا چىقىپ ئويناپ كىلىشنى ياخشى كۆرۈش
   دۇنيا ئىنتايىن چوڭ، ئەمما بىزنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان جايىمىز ئىنتايىن كىچىك؛ بۇنداق ۋاقىتتا، بىز سىرتلارغا چىقىپ كۆرۈپ بېقىشىمىز كىرەك؛ بۇنىڭدا ئاندىن دۇنيانىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز ھەمدە تەبىئەتتىن بەزىبىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايمىز. شۇڭا بالىسىنى بىللە ئېلىپ سىرتلارغا چىقىپ كۆرۈپ كىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دادا تەربىيىلىگەن بالىنىڭ كۆكسى قارنى كەڭ بولىدۇ شۇنداقلا ياخشى بولغان ئەخلاق-پەزىلەت ۋە مىجەز-خۇلق يىتىلدۈرەلەيدۇ.
بالىسىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئايالىغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرى قىلىشىپ بىرىش
    دادىنىڭ بۇنداق قىلمىشى، بالىلاردا كىچىكىدىنلا بىر خىل مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش ۋە ياردەملىشىش ئۇقۇمى شەكىللەندۈرىدۇ، ھەمدە ئانىسىنىڭ بۇ ئائىلىدىكى ئەڭ جاپاكەش ھەم ئەڭ قەدىرلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىشىگە پايدىلىق بولىدۇ؛ ھەتتا ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىن ياخشى بولغان ئادىمىيلىك ئەخلاق ۋە خارەكتىر يىتىلدۈرىشىگىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ئۆزىنىڭ شەخسى تازىلىقى ۋە ئوبرازىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش
    دادىلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى، بالىسىغا كىچىكىدىن باشلاپلا پاكىزلىقنى ساقلاش، رەتلىك ھەم تەرتىپلىك بولۇش، سۆرەلمىلىك قىلماسلىق ھەمدە تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئاكتىپ روھى ھالەتنى ساقلاش قاتارلىقلارنى تۇنىتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بۇنداق ئادەتلىنىش، تەدرىجى ھالدا بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگىمۇ سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدۇ

بىر بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل كىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ تورغا چىقىپ بۇ بىر جۈملە سۆزنى كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسىڭىز، شۇھام

ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا بۇ ئامىللارنى ئويلاشتىڭىزمۇ

دۆلىتىمىز ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن، 70،80،90-يىللىرى تۇغۇلغان كىشىلەر توپىنىڭ ھەرخىل ئىنكاس

ئاتا-ئانىلار بۇ جەھەتلەردىكى تەربىيەسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ

ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنى تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئوخشاشمايدىغان بولۇپ، بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغىنى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ب

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بوۋاق تۇغۇلۇپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئۈچ ئىشنى تۈگىتىش كىرەك

ئائىلىگە يىڭى بىر ھاياتلىق كۆز ئېچىشى، ئاتا-ئانسىنى خۇشال قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. نۇرغۇن ئانىلار گەرچە بۇ پەيتتە چارچاپ ھال

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号