بالىنىڭ كىم بىلەن ئۇخلىشى ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7189:قېتىم كورۇلدى
   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بالا كىچىكىدە كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىسا، پىسخىكا جەھەتتە شۇنىڭغا يېقىن تۇرىدىغان بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كىيىن مىجەزى-خارەكتىرى شۇنىڭغا تېخىمۇ بەك يېقىنلىشىدۇ. ئۇنداقتا بالا كىم بىلەن ئۇخلىسا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ؟
بالا ئانىسى بىلەن ئۇخلىسا مىجەز-خارەكتىرى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر بولىدۇ
   بالا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا، ئانىسىنىڭ جىسمىدىن كەلگەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيدۇ. تۇغۇلغاندىن كىيىن بولسا، ئۇلار ئانىسى بىلەن بولغان بىۋاستە تىگىشىش ئارقىلىق، مەسىلەن قۇچاقلاش، سىيلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق قايتىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشىشكە تېخىمۇ ئىھتىياجلىق بولىدۇ.
    شۇڭلاشقا، ئانا بالىسغا ھەمرا بولۇپ ئۇخلاش، ئانا-بالا ئوتتۇرسىدىكى ھىسيات ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، بالىدا خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، غېرىپلىق قاتارلىق ناچار كەيپىياتلارنى يوقىتالايدۇ ھەمدە يىتەرلىك بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدۇ. بۇ خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يىتەرلىك ھالدا چوڭ بولغان بالىلار بارغانسىرى ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائى ئالاقە ئىقتىدارىمى زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.
    ئەگەر بالىلار كىچىكىدىن ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلىمىسا، ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ. نۇرغۇن بالىلار كىچىكىدىنلا بوۋىسى ۋە مومىسى بىلەن ئۇخلايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا نىسبەتەن ئۇنچە بەك چوڭقۇر مىھرى بولمايدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋىسى ۋە مومىسىنىڭ ئىتىبار بىرىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا، بالىلار جىمغۇر ۋە كەمسۆز بولۇپ قالىدۇ؛ كۆڭلىدىكى نۇرغۇن ھال-دەرتلىرىنى سىرتقا ئىپادىلەپ چىقىرالماي، ئىچكى دۇنياسى بارغانسىرى غېرىپلىققا تولۇپ قالىدۇ.
    بۇنداق بالىلارنىڭ ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلىرى بولىدۇ:
    ئۆزى ئەڭ يېقىن بىلىدىغان ئادەمگە چاپلىشىۋىلىپ، قارشى تەرەپ قەيەرگە بارسا، بىرگە ئەگىشىپ بارىدۇ، قارشى تەرەپنى كۆرەلمىسە يىغلاپ خاپا قىلىدۇ.
   ئۇخلىغان ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ كىيىمىنى چىڭ تۇتىۋالىدۇ ھەمدە پات-پات يان تەرىپىنى سىيلاپ، ئادەم بار يوقلۇقىنى تەكشۈرەيدۇ.
   ناتۇنۇش ئادەملەرگە ئۇچرىغاندا، چوڭلارنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالىدۇ.
    توپقا قېتىلمايدۇ؛ بىر توپ كىچىك بالىلار ئويناۋاتقان بولسا، ئۇلار بىر چەتتە يالغۇز قاراپ تۇرۇپ، توپقا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ.
بالىلار بوۋىسى ياكى مومىسى بىلەن ئۇخلاپ ئادەتلەنسە، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ
    ياشانغان مەزگىلىدە، ئادەمنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسى ۋە بەدەن ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىقتىدارىدا چىكىنىش كۆرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەپەس ئېلىشى نىسبەتەن تىز بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگىنغا ئىرىشپ، بەدەندىكى "كىرەكسىز گازنى" تېخىمۇ كۆپ چىقىرىش ئۈنۈمىگە ئىرىشىدۇ. شۇڭا ئەگەر بالىلار ھەمىشە بوۋىسى ياكى مومىسى بىلەن بىرگە ئۇخلىسا، نۇرغۇن "كىرەكسىز گاز" سۈمۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، بالا ئانىسى بىلەن ئۇخلىغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئانا-بالا ئىككەيلەننىڭ بېشىنى بەك يېقىن ئەكىلىپ يېتىۋالماسلىقى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
بالىلار ھامان يالغۇز ئۇخلىشى كىرەك، ئەمما بەك بالدۇر بولۇپ كەتسە ياخشى ئەمەس
    بەزىلەر بالىسغا كۆپرەك ھەمرا بولۇپ بىرگە ئۇخلاشنى ئويلايدۇ، ئەمما تۇرمۇش شارائىتى سەۋەپلىك ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ؛ يەنە بەزىلەرنىڭ بالىسغا ھەمرا بولۇپ بىرگە ئۇخلايدىغان يىتەرلىك ۋاقتى بار، ئەمما ھەمىشە بالىسى بىلەن ئايرىلىپ ئۇخلاشنى ئويلايدۇ. بالا بىلەن ئۆي ئايرىپ ئۇخلاش، نۇرغۇن ئانىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان مەسىلە.
    بىراق كۆپچىلىك شۇنى چۈشىنىپ يىتىشى كىرەككى، بالا بىلەن ئوران ئايرىپ ۋە ئۆي ئايرىپ ئۇخلاش بىر مەزگىلدە ئورۇنلاشقا تىگىشلىك ئىش ئەمەس؛ بەلكى بالىلارنىڭ 10-3ياش ئارلىقىدىكى مەزگىلىدە، بۇ جەرياننى ئورۇنلاپ تۈگەتسەك بولىدۇ.
   ئەگەر بالىلار ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۇلارنىڭ ئۆي ئايرىپ ئۇخلاشقا چىقىرۋەتسەك، بالىدا ئاسانلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولۇش كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئاسانلا ناچار بولغان ئۇخلاش ئادىتى، مەسىلەن يوتقان چىشلەپ ئۇخلايدىغان، يوتقاننى تېپىپ ئېچىۋىتىدىغان دىگەنگە ئوخشاش ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۋىلىپ، بالىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号