ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە زىيانلىق يىمەكلىكلەر
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6545:قېتىم كورۇلدى

    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە پەرھىز تۇتماق لازىم بولىدۇ؛ گەرچە كۆپ قىسىم پەرھىز تۇتۇشقا تىگىشلىك بولغان يىمەكلىكلەرنى ناگاندا بىرەر يەپ قويسا ھامىيلىنىڭ ساغلاملىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يىمەكلىكنى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى قەتئى يىمەسلىك كىرەك؛ بولمىغاندا، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن.
1. تېتىتقۇ
   تېتىتقۇنى كۆپ داۋاملىق ئىستىمال قىلغاندا، ئادەمدە باش ئاغرىش، يۈرەك ئېغىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ؛ بۇندىن باشقا يەنە ئادەمنىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىغىمۇ زىيانلىق تەسىرى بار.
2. سېغىز
    ئادەتتە سېغىزدىن بىرەر پارچە چايناپ بەرسەك، ئېغىزدىكى غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتالايدۇ؛ ئەمما سېغىز تەركىبىدە بەزىبىر قوشۇندى ماددىلار بار بولۇپ، كۆپ ئىستىمال قىلغاندا بەدەنگە زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىپ، ۋاستىلىك ھالدا قوساقتىكى ھامىيلىگە زىيانلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. قەھۋە
    قەھۋەنىڭ تەكىبىدىكى كوفىئىن ئادەم بەدىنىگە سۈمۈرۈلگەندىن كىيىن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا تارقايدۇ؛ كوفىئىن بولسا ھامىيلىنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىشىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. تۇزلانغان كۆكتات
   تۇزلانغان كۆكتاتنىڭ تەركىبىدە نىترىت كىسلاتا تۇزلىرى بار بولۇپ، بۇ ماددىلار راك كىسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۆڭلى ئاينىپ قالغاندا تۇزلانغان كۆكتات يىگۈسى كىلىدۇ، بىراق قوساقتىكى بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تۇزلانغان كۆكتات يىمەسلىك كىرەك.
5. كۆممىقوناق ئېتىلدۇرمىسى
    كۆممىقوناق ئېتىلدۇرمىسى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، قوغۇشۇن مىقدارى ئېشىپ كىتىش ھامىلدار ئايالنىڭ قان ئىشلەش سېستىمىسى، نىرۋا سېستىىسى ۋە ھەزىم قىلىش سېستىمىسغا زىيانلىق. بۇندىن باشقا يەنە ھامىلدار ئايالدا قان ئازلىق، ئۇيقۇسى قېچىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، كىندىك ئارقىلىق ھامىيلىگە ئۆتۈپ، ھامىيلىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا زىيانلىق تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ.
6. پىلتە قۇيماق
    پىلتە قۇيماققا زەمچە قوشۇلىدىغان بولۇپ، زەمچە تەركىبىدە ئاليومىن ماددىسى بار. ئاليومىن ماددىسى ئادەمنىڭ چوڭ مىڭىسىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پىلتە قۇيماق مايدا داغلانغان يىمەكلىككە تەۋە، ھەمدە سىرتتا سېتىلىدىغان پىلتە قۇيماققا قانداق ماي ئىشلىتىشى بىزگە نامەلۇم، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئىستىمال قىلماسلىق كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号