بەزى ئاياللار نىمىشقا تۇغۇتتىن كىيىن ئىشلەشنى خالىمايدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6628:قېتىم كورۇلدى
    تۈنۈگۈن بالامنى ئېلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۋىتىپ، ئىككى موماينىڭ كىلىنىدىن قاقشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ پارىڭىزنىڭ تېمىسى كىلىنىنىڭ خىزمەت قىلىشنى خالىماسلىقى بولۇپ، بىرسى ئاچچىقلىنىپ، "پۇت قولى ساق تۇرۇپ، بالا مەكتەپكە بارغاندىن كىيىنمۇ خىزمەت قىلىشقا ئۇنىمايۋاتىدۇ، بەك ئاچچىقىمنى كەلتۈرۋەتتى" دەۋاتاتتى؛ يەنە بىر موماي بولسا، ئۆزىنىڭ كىلىنىنىڭ كۈن بويى ئۆيدە ھېچ ئىش قىلمايدىغانلىقى، ئىشلىگىلىمۇ بارمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە بالىنى ئالغىلىمۇ كەلمەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ قاقشاپ برىۋاتاتتى.
     ئۇنداقتا، بەزى ئاياللار زادى نىمە ئۈچۈن بالىسى مەكتەپكە بېرىپ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئۆيدە ئولتۇرۋىلىپ، خىزمەت قىلىشنى خالىمايدۇ؟
1. ئۇزۇن مەزگىل ئىشقا بارماي ئائىلىدە بولغانلىق سەۋەبىدىن، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان.
    بەزى ئاياللار بەلكىم ئىلگىرى ئىنتايىن قالتىس ھەم ئىقتىدارلىق بولۇشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇلار ئىشلىمەي ئۆيدە بالىغا قاراۋاتقىلى تۆت-بەش يىل بولغان بولغاچقا، ئۇلار جەمئىيەتتىكى خىزمەتلەرگە قارىتا چۈشەنچىسى يوق ياكى ئاجىز بولغان، جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش ھالىتىگە كىلىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، ئۇ قايتا ئىشقا بارغان بىلەنمۇ، بەزىبىر ئادەتتىكى كاتىباتلىق خىزمەتلىرىنى قىلغاندىن باشقا ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىشى ناتايىن بولىدۇ.
   تۆت-بەش يىل ۋاقىت، بىر ئادەمدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا يىتەرلىك بولۇپ، ئىشقا بارماي ئۆيدە بولغان ئادەمنى دىمەي تۇرايلى، خىزمەتتىن قېپقالمىغان كىشىلەرمۇ ئەگەر ھەرۋاقىت تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرمىسا، ھازىرقى خىزمەت رېتىمىغا يىتىشەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆي ئىشلىرى، بالىغا قاراش دىگەندەك ئىشلار تۈپەيلىدىن، ئۇلار كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىشقىمۇ ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى ئۇلارنى باھانە سەۋەپ كۆرسەتتى دەيلى ياكى ھۇرۇنلۇق قىلىدى دەيلى، ئەمىلىيەتتە ئۇلارنىڭ ياخشىراق بىر خىزمەتكە ئىرىشىشى ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمايدۇ؛ ئۇلار بەلكىم باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلىشى مۇمكىن.
2. بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قولايسىز بولۇپ قالىدۇ.
    سىز بەلكىم بالىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىن، ئانىسى ئازادىلىككە چىقىپ قالىدۇ، ھەتتا قىلغىلى ئىش قالمايدۇ، شۇڭا خىزمەت تېپىپ ئىشلىشى كىرەك دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن. بىراق بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتى بىلەن چوڭلارنىڭ ئىش ۋاقتى قەتئى ماسلاشمايدىغان بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭ قاراشقا ئامال يوق بولۇپ قالىدۇ. بالىلارنى ئادەتتە چۈشتىن بۇرۇن 11:30دە، چۈشتىن كىيىن 4:30دە مەكتەپتىن قويۇۋىتىدۇ، سىزنىڭچە بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ مەكتەپكە بالىنى ئېلىشقا بارىدىغان ۋاقتىڭىز چىقارمۇ؟ ئەگەر سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ۋاقىت ئەركىنلىكى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان خىزمەت بولمىسىلا، ئادەتتىكى خىزمەت جەريانىدا، بۇ ۋاقىت مەزگىلىدە بالىنى ئېلىپ كىلىدىغان ۋاقتىڭىز بولمايدۇ.
3. ئەنئەنىۋى كۆز قاراشنىڭ چەكلىمىسى
    يەنە بەزى ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى نىسبەتەن ئەنئەنىۋى، قالاق كىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ياخشى بىر ئايال كىشى ئۆيىدە بالىسىنى بېقىپ ئىرىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇشى كىرەك دەپ قارايدۇ؛ ئۇلار ئىرىمنى ياخشى كۈتۈپ، بالامغا ياخشى قاراش، ئاندىن مەن قىلىشقا تىگىشلىك خىزمەت دەپ بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار قېيىنائانىسىنىڭ ھۇرۇن دىگەن ئەيىبلەشلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، يەنىلا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ؛ ئۇلار جاپادىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ قارىشىنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号