ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بۇ ئۈچ "سەتچىلىكتىن" ئەنسىرەش كەتمەيدۇ
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6580:قېتىم كورۇلدى
   ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايالىڭ بەدىنىدىكى ھورمۇن سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتى ئوخشاش بولمىغاچقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ئوخشىمىغان ئادەمدە ئوخشاش بولمىغان ھامىلدارلىق ئىنكاسلىرى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا، تۆۋەندىكىدەك ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئەھۋاللار ئەمىلىيەتتە ياخشى بىشارەت بولۇپ، قورساقتىكى بالىنىڭ ساغلام ھالەتتە يىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
1. كىچىك تەرەت تېمىپ بىرىش
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە ھەر ۋاقىت دىگۈدەك ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا تۇرۋاتقان بولغاچقا، ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقى، جۈملىدىن ھامىلدار ئايالنىڭ بالىياتقۇسى تەدرىجى ھالدا يوغىناپ، ھامىلدار ئايالنىڭ دوۋسىقىنى باسىدۇ ھەم دەل بۇ سەۋەپلىك، ھامىلدار ئاياللاردا سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپ بولىدىغان، سۈيدۈك تۇتالماي تېمىپ بىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار گەرچە ھامىلدار ئاياللارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويسىمۇ، بىراق بۇ ھامىيلىنىڭ كىيىنچە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئانىنىڭ داس سۆڭىكىگە كىرىشى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىق، يەنى بالىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان تەييارلىقتۇر. بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ھەم قوساقتىكى بالىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
2. قەۋزىيەت
    ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، بەدەندىكى ھورمۇنلار سەۋيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، بۇ سەۋەبلىك ھامىلدار ئايالنىڭ ئاشقازان-ئۈچەيلىرى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللاردا قەۋزىيەت كۆرىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ئاممىۋى سورۇنلاردا ھاجەتخانىنى ئۇزۇن مەزگىل ئىگەللىۋالغاندا، باشقىلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ ئوسال ئەھۋالغا قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىراق ھامىلدار ئاياللار بۇنىڭدىن قايغۇرۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى، بۇ ئەھۋال قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ-يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئالامىتى.
3. ئېغىزى پۇراش
    ھامىلدار ئاياللاردا، قورسىقىغا تۆت ئايلىق بولغان مەزگىللەردە ئېغىزى پۇراش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە ئەتىگىنى بىر قەدەر ئېغىرراق بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال، ھامىلدار ئايالدا قەۋزىيەت كۆرۈلگەنلىكتىن، بەدەندىكى زور مىقداردىكى زەھەرلىك ماددىلار ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرۋىتىلەلمەي، ئېغىزىمىزدىكى سېسىق پۇراقلار ئارقىلىق تارقىلىپ چىقىدۇ.
   ئەگەر ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقارقىدەك ئوڭايسىز ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھامىلدار ئاياللار ئەنىسىرەپ ياكى قايغۇرۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئەھۋاللار، قوساقتىكى ھامىيلىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يىتىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، نورمال ئەھۋال ھىسابلىنىدۇ. ئادەتتە، مۇۋاپىق تۈردە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىپ بەرسەك، قەۋزىيەت ۋە ئېغىز پۇراش ھادىسىسىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولىدۇ.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号