بوۋاقلارنىڭ زاكا ئىشتىنىنى ئالماشتۇرغاندىكى خاتا قىلمىشلار
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 7019:قېتىم كورۇلدى

    بالىلىق بولغان ئىكەنسىز، بالا تەربىيەلەش يولىدا بارغانسىرى "كەسىپى ماھارىتى" يۇقىرى بولغان نىشانغا قاراپ تەرەققى قىلىشقا تىرىشىشىڭىز ھەمدە مەسىلىلەر بايقالغاندا، ۋاقتىدا تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشىڭىز كىرەك. بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلارنىڭ زاكا ئىشتىنىنى ئالماشتۇرغان ۋاقىتتىكى خاتا ئۇسۇللارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1. بوۋاقنىڭ پۇتلىرىنى بەك ئېگىز كۆتۈرۋىلىش
    بەزى ئاتا-ئانىلار زاكا ئالماشتۇرغاندا، بوۋاقنىڭ پۇتلىرىنى بەك ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ، بوۋاقنىڭ دۈمبە قىسمىمى كۆتۈرلۈپ كىتىدۇ؛ ئەگەر بۇنداق ھالەت داۋاملىشىۋەرسە، بوۋاقنىڭ ئۇمۇرتقىسى زەخمىگە ئۇچرايدۇ.
2. قولىدا بوۋاقنىڭ تاپىنىنى تۇتۇش
     بالىڭىزغا زاكا ئالماشتۇرغاندا، ئۇ بۇنداق قىلىشنى خالىمىغاندەك پۇتلىرىنى تېپىپ، جىم تۇرمايدىغان ھالەتكە يولۇقۇپ باققانمۇ؟ ئەمىلىيەتتە بۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تاپىنى دىگەندەك سەزگۈر قىسىملىرىغا تىگىپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇغۇلما رىفلىكىسى—قەدەم تېپىش رىفلىكىسىنى قوزغاپ قويغانلىق سەۋەبىدىن بولۇپ، بالىلاردا پۇتلىرىنى تېپىپ جىم تۇرمايدىغان ئەھۋاللار كىلىپ چىقىدۇ.
3. زاكا ھۆل بولۇپ قالغان بولسا، بوۋاقنىڭ پەللىكىنى ھۆل قەغەزدە سۈرتۈش
    ئەگەر بوۋاقنىڭ پەللىكى قىزىرىپ قالغان بولسا، يەنە ھۆل قەزغەز ياكى تازىلىق قەغىزىدە سۈرتسەك بولمايدۇ. ئەگەر بالىلارنىڭ پەللەك قىسمىنى يۇيۇشقا توغرا كەلسە، بىۋاستە سۇدا يۇيۇپ پاكىزلىغاندىن كىيىن يۇمشاق پاختىلىق لاتىدا سۈرتۈپ، بوۋاقنىڭ پەللەك قىسمىنى قۇرۇقداش لازىم.
4. ھەرىكىتى يىنىك بولماي بالىنى قورقۇتۇپ يىغلىتىش
    مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا زاكىنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، بەزى ئاتا-ئانىلار مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى ئاستىدا ھاياجانلىنىپ كىتىپ، بوۋىقىنى يەرگە قاتتىقاراق قويۇپ سالىدۇ؛ بۇنىڭدا بالىلاردا قورقۇش رىفلىكىسى قوزغىلىپ، قورقۇپ يىغلاپ تاشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشسا، بوۋاقلاردا زاكا ئالماشتۇرۇشقا قارشىلىق كۆرسىتىش تۇنۇشى پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
5. زاكىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىغا يەنە تەرەت قىلىش
    ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئاۋال، ئۇلارنىڭ ماس ئەزالىرىنى غىدىقلاپ، چالا قالغان سۈيدۈكنى سىيىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەملىشىشى كىرەك. بۇنىڭدا، زاكىنى ئەمدى ئالماشتۇرۇپ بولۇشىڭىزغا، بالا يەنە تەرەت قىلىپ، ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈشتىن ساقلىنالايسىز.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشتىكى پىرىنسىپلار

بوۋاقلار تۇغۇلغان ۋاقىتتا بەدىنىدە ساقلانغان تۆمۈر ماددىسى، پەقەت ئۇلارنىڭ 6-4ئايلىق ئىھتىياجىنى قامداشقىلا يىتىدۇ، ئۇندىن كىيىن يىمەك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号