ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئىقتىسادى ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلىنىپ كىتىپ بارىدۇ؛ بۇ ئەھۋالدا، ئائىلىدىكى ئەڭ كىچىك ئەزا بولغان بالىلار تېخىمۇ كۆپ ئامراقلىققا ئۇچرايدۇ. بالىغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىپ ئەركە قىلىپ قويۇشنىڭ زىيانلىق تەرپى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىسىنىڭ ئادەتتىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئادەتلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىلا ئۆزگەرتىشكە تىرىشماق لازىمدۇر. بولۇپمۇ 6-3ياش مەزگىلىدىكى بالىلاردا تۆۋەندىكىدەك يامان ئادەتلەر كۆرۈلسە، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇلارنى ئۇرۇپ تىللىسىمۇ، بار ئاماللارنى ئىشلىتىپ بۇنداق ئادىتىنى ۋاقتىدا تاشلاتقۇزۇش كىرەك.

1. يالغان سۆزلەش
ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن بالىلارنىڭ يالغان سۆزلىشى، دەسلىۋىدە ئاڭسىز ھالەتتە شەكىللىنىدۇ؛ ئۇلار ئۆتكۈزگەن خاتالىقى سەۋەپلىك جازالاشقا ئۇچراشتىن قورقۇپ، يالغان سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى يۇشۇرماقچى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تىل جەھەتتىكى ياكى ماددى جەھەتتىكى مۇكاپاتلاشقا ئىرىشمەكچى بولۇش دىگەنگە ئوخشاش يەنە باشقا ئەھۋاللارمۇ بار. بىراق، مەيلى نىمە سەۋەپتىن بولمىسۇن، ئەگەر بالىلار يالغان سۆزلەش ئارقىلىق مەقسىتىگە يىتىپ قالسىلا، كىيىنكى قېتىم، ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا يەنە يالغان سۆزلەشنى تاللايدۇ ھەمدە ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئۇلاردا بىر خىل ئادەتلىنىش بولۇپ شەكىللنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنى يىتەكلەپ، بۇ خىل يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشى لازىم بولىدۇ.

2. ئاچچىق كەلگەندە نەرسە-كىرەكلەرنى ئېتىپ چېقىش
بۇ خىل ناچار ئادەتنىڭ يىتىلىشپ قېلىشىدا، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ بەلگىلىك مەسئۇلىيىتى بار بولۇشى مۇمكىن. بالا يۈزى كۆرگەندىن كىيىن، ئاتا-ئانىلار يەنىلا ئۆز قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلماي، ئەر-خوتۇنلار زىددىيەتلىشىپ قالغاندا زوراۋان ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۆيدىكى نەرسە-كىرەكلەرنى ئېتىپ چېقىپ قىلسا، بالىلار بۇنداق ئەھۋالنى كۆرگەندىن كىيىن تەبىئىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ ھەمدە كۈنلەرنىڭ بىرىدە خاپا بولۇپ ئاچچىقى كىلىپ قالغاندا، ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش نەرسە-كىرەكلەرنى ئېتىپ چىقىپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان بولىۋالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئوخشاشلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنى يىتەكلەپ، بۇ ناچار ئادىتىنى تۈزىتىشى لازىم بولىدۇ.

3. تەلەپ قىلغان نەرسىسىگە ئىرىشەلمىسە، باشقىلاردىن ئاچچىقىنى چىقىرىش
بۇنداق ئەھۋال ماگزىن-دوكانلاردا، بولۇپمۇ ئويۇنچۇق ماگزىنلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ. بەزى بالىلار ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ ماددى ئىھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈپ بەرمىسە، دەرھال يىغلاپ جار سېلىپ خاپا قىلىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئاتا-ئانىسىنى تىللاپ ئۇرىدۇ. بۇ خىل قىلمىش ئىنتايىن ناچار بىر خىل ئادەت بولۇپ، ئائىلىدە بالىلار بەلكىم بوۋىسى ياكى مومىسىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا خالىغىنىنى قىلىشى مۇمكىن؛ بىراق ئۇلار مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن، نۇرغۇن بالىلار بىرگە بولىدۇ؛ بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئۇلارنىڭ بۇ خىل ناچار ئادىتى كۆرۈلسە، مۇئەللىم قانداق باشقۇرۇپ بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەھەتتە، مۇئەللىمنىڭ تەربىيىسى ئاتا-ئانىلارنىڭكىدەك ئۈنۈملۈك بولمايدۇ.

4. شەخسىيەتچى
شەخسىيەتچىلىك ھەممىدىن قورقۇنچلۇق؛ بالىلارنىڭ شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى بايقىغان ھامان، ئۇلارغا ۋاقتىدا تەڭ بەھىرلىنىش ھەققىدە تەربىيە ئىشلىمەك لازىم. بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىش-ھەرىكىتىدە ئۈلگىلىك رول ئويناش ئارقىلىق بالىلارغا تەسىر كۆرسەتسە بولىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە ئۇلارغا ئاكتىپ ئىنىرگىيەگە تولغان مەزمۇنلاردىكى ياكى بالىلارغا نىسبەتەن تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كارتون فىلىملەرنى كۆرسىتىش لازىم. ئەگەر بالىلار بۇنداق كارتون فىلىملەرنى ياقتۇرۇپ كۆرسە، تەبىئىلا كارتون فىلىمدىكى تىل-ھەرىكەت ۋە ھالەت قىلمىشلارنى دوراپ، شەخسىيەتچىلىك ئادىتىنى تاشلاشقا بەلگىلىك دەرىجىدە پايدىلىق رول ئوينايدۇ.
مۇھەببەت، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى؛ ئاتا-ئانىلار بالىلرىغا يىتەرلىك مىھرى-مۇھەببەت بەرسىلا بولىدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتكىنى بولسا، بالىلارغا قارىتا سەلبى تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئاخىرىدا، كۆپچىلىكنىڭ تەربىيلەپ يىتۈشتۈرگەن بالىسىنىڭ ئاق كۆڭۈل ھەم ئوماق بالا بولۇشىغا تىلەكداشمەن.