ھامىلدار ئاياللارغا تۆۋەندىكى تۆت خىل گەپلەرنى قىلماڭ؛ چۈنكى بۇ گەپلەر ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى ھامىيلىنى ياخشى ئاسرىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ھامىلدار ئايالنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدۇ.
1. قورسىقىڭىز نىمانداق كىچىك، ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇپ قالمىغاندۇ؟
ھامىلدار مەزگىلىدىكى ئاياللار قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، ھەر كۈنى پۈتۈن ئەس-يادى ھامىيلىنى قانداق ئاسراشتا بولىدۇ ھەمدە بىر ئاماللار بىلەن ياخشى ئۇزۇقلىنىپ، ھامىيلىگە كىتەرلىك بولغان ئۇزۇقلۇقنىڭ يىتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلايدۇ. ھامىلدار ئاياللار ئەسلىدىنلا قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ساغلام يىتىلىشى توغرىسىدا ئەنسىرەپ تۇرغان ۋاقىتتا، ئەگەر بۇنداق گەپنى ئاڭلىسا، ئۇ بەلكىم ئېغىزىدا بىرنەرسە دىمىسىمۇ، ئەمما كۆڭلىدە قالايمىقان ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇزۇقلۇق كەمچىل بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەر گەپ قىلىش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلمىقى لازىمدۇر؛ يەنى ئىمكان قەدەر، ھامىلدار ئايال قوبۇل قىلالايدىغان سۆز-ئىبارىلەر بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشى كىرەك؛ بۇنىڭدا ھېچكىم ئوسال ئەھۋالغا قالمايدۇ.

2. قورسىقىڭىزدىكى بالا ئوغۇلمىكەن ياكى قىزمىكەن؟
بەزىدە ئۇرۇغ-تۇققان ياكى دوست-يارەنلەرنىڭكىگە مىھمانغا بارغاندا، ئەگەر قورساق كۆتۈگەن ھامىلدار ئايال بارلىقىنى كۆرسەك، بىز ئۆزىمىزچە كۆڭۈل بۆلگەن كىشى بولۇپ سورايمىز: "تەكشۈرش قىلدۇردىڭىزمۇ؟ ئوغۇلمىكەن قىزمىكەن؟ ئەگەر قىز بولۇپ قالسا، يەنە بىر قېتىم قورساق كۆتۈرۈپ جاپا تارتىسىزدە!!". بۇنداق گەپنى ئاڭلىسا، ھامىلدار ئايال ئېغىر بېسىم ھىس قىلىۋالىدۇ ھەمدە ئاسانلا قالايمىقان ئويلارغا كىتىشى مۇمكىن. قورساقتىكى بالىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا بىز ئۆزىمىز تاللىغىلىمۇ بولمايدۇ. ھامىلدار ئايالنىڭ تۇققىنى ياكى دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئادەملەر بۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز قىلماسلىقى كىرەك. چۈنكى پەقەت بالا سالامەت تۇغۇلسىلا، مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ئانا ئوخشاشلا خۇشال بولىدۇ.

3. نىمانداق بۇنداق سەمىرىپ كەتتىڭىز؟
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۇغۇتتىن كىيىن نۇرغۇن ئانىلارنىڭ خامۇشلۇق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ تۇغۇتتىن كىيىن بەدەن شەكلىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال قورسىقىدىكى بالىسىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، بەلكىم ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلىنى ئويلىشىپ ئولتۇرماي، يىمەك-ئىچمەك مىقدارىنى ئىلگىرىكىدىن ئاشۇرۇشى مۇمكىن ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ بەدەن شەكلىدە، ھامىلدار بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئوخشىماسلىق كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئەتراپىدىكى دوستلىرى ياكى تۇققانلىرى، ئېچىشقان يەرگە تۇز سەپكەنگە ئوخشاش، يەنە بۇ خىل گەپنى قىلسا، ھامىلدار ئاياللار روھى جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرايدۇ. شۇڭا ھامىلدار ئاياللارغا بۇنداق گەپلەرنىمۇ ئاز قىلماق لازىم.

4. ھامىلدار بولۇپ نازۇكلىشىپ قالدىڭىزمۇ نىمە؟
ھامىلدار بولغاندىن كىيىن، نۇرغۇن ئاياللار قورسىقىدىكى بالىنى ياخشى ئاسراپ يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن، بەلكىم خىزمەتتىن توختىشى ياكى ھەممە ئىشلاردا زىيادە ئىھتىيات قىلىدىغان بولۇپ قېلىشى مۇمكىن؛ ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى، پۈتۈنلەي قورسىقىدىكى بالىنى ياخشى ئاسراپ، ساق-سالامەت تۇغۇش ئۈچۈن بولىدۇ. بىراق ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەگەر ھامىلدار ئاياللارنىڭ بۇ خىيالىنى چۈشەنمەي، بەزىبىر قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان گەپلەرنى قىلسا، ھامىلدار ئايالنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قويىدۇ.
ھامىلدار بولۇش ئەسلىدىنلا ئىنتايىن جاپالىق بىر ئىش؛ بەزى ئاياللار ھامىلدار بولغاندا، تېخى بەزىبىر بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەگەر ئەتراپىدىكى تۇققانلىرى ۋە ياكى دوست-يارەنلىرى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلمەي، يۇقارقىدەك گەپلەرنى قىلسا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ كۆڭلى ئازار يەپ قېلىپ، بۇ سەۋەپلىك قورسىقىدىكى بالىغا تەسىر يىتىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆپچىلىك ھامىلدار ئاياللار كۆپرەك يول قويۇشى ۋە ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىنىۋىلىشى كىرەك.