بوۋاقلارنىڭ كاللىسى چوڭ تۇغۇلسا، ئەقىللىق چوڭ بولامدۇ؟
7 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 6816:قېتىم كورۇلدى
    بەزىدە ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن كاللىسى چوڭ بالىلار ئەقىللىق كىلىدۇ دىگەن قاراشلارنى ئاڭلايمىز؛ ئۇنداقتا بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمى ئاساسى بارمۇ؟
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەرلەرنىڭ بېشى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا چوڭراق كىلىدۇ، لىكىن ئەر ۋە ئاياللارغا قارىتا يەرشارى مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەقلى قابىلىيىتى ھەققىدىكى سىناقتا، ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتتۇرسىدا جىنىس ئايرىمىسى سەۋەپلىك شەكىللەنگەن پەرق كۆرۈلمىگەن. ھايۋاناتلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىتنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان مەركىزى نىرىپ سېستىمىسى بار، بىراق بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچىنى كونتىرول قىلىش جەھەتتە، بېشى ئىنتايىن كىچىك بولغان چاشقان بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جانلىقلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، چوڭ مىڭىنىڭ ئىچكى قىسىم تۈزۈلۈشى، ئاندىن ئۇنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقىدۇر.
    بۇندىن باشقا، جەنۇپ تىببى پەنلەر داشۆسى ئۈچىنچى قوشۇمچە دوختۇرخانىسى بالىلار كىسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچ دوختۇرى تېڭ جىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، "كاللىسى يوغان بوۋاقلار كەلگۈسىدە ئەقىللىق ئادەم بولىدۇ" دىگەن قاراش، بىر خىل خاتا قاراش بولۇپ، ئەقىللىق بولۇش ياكى بولماسلىقنىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. ئادەتتە باش ئايلانمىسىنىڭ چوڭ-كىچىك بولۇشى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرىسىيىتىگە باغلىق؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە باش ئايلانمىسىنىڭ كونكىرتىنى چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتە، بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا ئوخشاشلا بىر نورمال دائىرىسى بار بولۇپ، كاللىسى يوغان بولۇش چوڭ مىڭىنىڭ تەرەققى قىلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، كاللىسى كىچىك بولۇشمۇ چوڭ مىڭىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
    ئەكسىچە، بوۋاقلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئايلانمىسى نورمال دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ھەر ئىككى خىل ئەھۋال بوۋاقلاردىكى كىسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بوۋاقلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئايلانمىسى، ئوخشاش ياشتىكى ھەم ئوخشاش جىنىستىكى باشقا بالىلارنىڭكىدىن 3-2ئۆلچەم بىرلىكى چوڭ بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ ئەھۋال بالىلارنىڭ مىڭىگە سۇ چۈشۈش، كالتسىي كەمچىل بولۇش ياكى يىگىلەش كىسىلى قاتارلىق كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئايلانمىسى زىيادە كىچىك بولۇپ، پىشانىسى تار، كاللىسى كىچىك ھەم ئۇچلۇق بولسا ھەمدە باشقا بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا 3-2ئۆلچەم بىرلىكىدىن يۇقىرى پەرق بار بولسا، ئۇنداقتا بۇنداق بالىلارنىڭ مىڭىسىنىڭ تەرەققى قىلىشى مەلۇم بىر تەسىرلەرگە ئۇچراپ، مىڭە تەرەققىياتى ئاستا بولىدىغان ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ كاللىسىنىڭ ئايلانمىسىدا، نورمال ئۆلچەم دائىرىسىگە قارىغاندا ئىككى ئۆلچەم بىرلىكى پەرق كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بۇنىڭغا قارىتا ئىتىبار بىلەن قاراپ، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتىشى كىرەك.

قوساقتىكى ھامىيلە قىز بولسا، بۇ يەتتە خىل ئالامەت كۆرىلىدۇ

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر

بوۋاقلارنىڭ قوشۇمچە يىمەكلىكىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش كىرەك

قوشۇمچە يىمەكلىك قوشۇشقا باشلىغان دەسلەپكى ئىككى ئايغا(ئالتە يەتتە ئايلىق بولغان ۋاقىت) سېلىشتۇرغاندا، سەككىز ئايلىق بولغاندىن باشلاپ

بوۋاققا بېلىق گۆشى يىگۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، بېلىق گۆشى تەركىبىدە ۋىيتامىنلار ۋە مىنرالنى ماددىلار مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمران ھەم تەملىك؛ شۇڭا بېلىق گۆشى، بوۋا

ئاياللار تۇنجى ھامىيلىنى ئالدۇرۋەتسە، زىيىنى ئىنتايىن چوڭ

دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيىسىگە ئاساسلانغاندا، بىرىنچى ھامىيلىنى ئالدۇرۋىتىش ئاقىلانىلىق ئەمەس ئىكەن، بولمىغاندا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئاقىۋەت

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە بولامدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ قاتتىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشى چەكلىنىدۇ، ئەمما دوختۇرلارنى ئۇلارغا، شارائىتى يار بەرگە

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىلىرى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

ھامىلدارلىق مەزگىلى قورۇقچىسى، ئاياللارغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بىر نەرسە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئازراقلا پەيدا بولسا، شۇ ھامان بىردىن بىردىن ك

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号