كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈز نەچچە خىلغا يىتىدىغان قۇشلار تۈرىنىڭ ئورتاق قوللىنىشى. بىز ئادەتتە دەۋاتقان كەپتەر پەقەت كەپتەر ئۇرۇقدىشى ئىچىدىكى بىر خىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي كەپتىرى، ئۆي كەپتىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بولسا، پوچتا كەپتىرى، ئاساسلىقى ئالاقە بىلەن رىقابەتلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ. كەپتەر ۋە ئىنسانلار ھەمراھلىقى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بىر خىل ماھىرلىق بىلەن ئۇچىدىغان قۇش، نازۇك، تۈرى ناھايىتى كۆپ، پەيلىرنىڭ رەڭگى كۆپ خىل، ئاساسلىقى دانلىق يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، كەپتەر ئەڭ ئاسان ئېزىپ قالمايدىغان قۇش، مەيلى سىز ئۇنى قەيەرگە ئاپىرىپ قويۇپ بېرىڭ، ھەتتا ئۆيىڭىزدىن نەچچە مىڭ مېتىر جايغا ئاپىرىپ قويۇپ بەرسىڭىزمۇ بوران-يامغۇرغا قارىماي ماكانىغا قايتىپ كېلەلەيدۇ. كەپتەرلەر ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپقاندىن باشقا، يەنە قۇياش نۇرى ئارقىلىقمۇ يول تاپالايدۇ. كەپتەرنىڭ بەدىنىدىكى «بىئوسائەت» قۇياشنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ توغرىلىنىپ يۆنىلىشنى تاللىيالايدۇ، ئاسمان بوشلۇقىنى قېلىن قارا بۇلۇت قاپلاپ كەتمىسىلا، كەپتەر قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنالايدۇ.
كەپتەرنىڭ ئاسان ئېزىپ قالماسلىقىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ نىشاننى پەرق ئېتىش جەھەتتە كۆپ ئىقتىدارغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر. ھاۋا بۇلۇتلىنىپ يامغۇر ياغقان كۈنلىرى كەپتەر قۇياشنىڭ ئورنىنى بىلىشكە ئامالسىز قالغاندا، يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ يول تاپالايدۇ. ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى قۇياشتىن كومپاس ئورنىدا پايدىلىنىدۇ. بەزى ئالىملار يېقىندا كەپتەرنىڭ پۇراقتىن پايدىلىنىپ، قايتىپ كېلىش يولىنى تاپالايدىغانلىقىنى بايقىغان.
ياۋا كەپتەر، ئۆي كەپتىرى، جىنس كەپتىرى، قار كەپتەر، ياۋرۇپا كەپتەر، چىپار كەپتەر، پاختەك، كەپتەر قۇشقىچى، پوچتا كەپتىرى،
ھەربىي كەپتەر، مۇسابىقە كەپتەر، ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك كەپتەر، ئۇزۇن مۇساپىلىق كەپتەر، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن مۇساپىلىك كەپتەر، توخۇ تىپىدىكى كەپتەر، مەيدان كەپتىرى قاتارلىقلار.
كەپتەرنىڭ يول تونۇيالىشىدىكى سىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مونەكتە. بۇ مونەكتە خاسىيەتلىك بىر «تەكشۈرۈش قۇرۇلمىسى» بار. ئۇ يەر شارنىڭ ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرەلەيدۇ، بۇ «قۇرۇلما» نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئالىملار كەپتەرنىڭ ماگنىت مەيدانىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇشىغا كاشىلا قىلماقچى بولۇپ، بەش كەپتەرنىڭ قانىتىغا كىچىككىنە ماگنىت ئورنىتىپ قويغان، نەتىجىدە بۇ بەش كەپتەرنىڭ پەقەت بىرىلا ماكانىغا قايتىپ كېلەلىگەن.[0]

سىياھبېلىق گۈل شېخى، سىياھ بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىياھبېلىق باش پۇتلۇق يۇمشاق تەنلىك ھايۋان.
يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىد
ئۇيغۇرچە نامىتوشقان خەنزۇچە ئاتىلىشى兔 ئىنگلىزچە نامىrabbit,bunny،Rabbit تارقالغان رايونلار تەۋەلىكىھايۋاناتلار
كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈ
كالا گۆشى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يىمەكلىك گۆش تۈرى. ئۇنداقتا سىز كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى قانچىلىك بىلەمسىز؟
بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر د
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号