ئىرىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى سۈرۈشتە قىلمىسا ئەھۋال چاتاق
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5813:قېتىم كورۇلدى
   كىچىك ۋاقتىمىزدا، بىز ھەممىمىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى باشقۇرۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتۇق؛ بىراق چوڭ بولۇپ مۇھەببەتلەشكەندىن كىيىن، يېنىمىزدا بىزنى باشقۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ بار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ قالدۇق؛ ھەتتا بۇ خىل باشقۇرۇلۇشقا ئۇچرايدىغان كۈنلەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ باشقۇرۇشى مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايدىغان بولدۇق.
    ئەمىلىيەتتىمۇ ھەقىقەتەن شۇنداق. ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنىڭ سىز بىلەن چوقۇم چاتىغى بولمايدۇ؛ پەقەت سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشىلا، ئاندىن سىزگە ئىتىبار بىلەن قاراشنى سىزنى باشقۇرۇشنى خالايدۇ. ئادەتتە، ئەگەر ئەركىشىنىڭ بۇ ئۈچ جەھەتتە سىز بىلەن چاتىغى بولمىسا، قارىماققا سىزگە ئىشەنگەندەك كۆرىنىدۇ؛ بىراق ئەمىلىيەتتە بولسا، سىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدۇ.
سىز باشقا ئەرلەر بىلەن كۆپرەك ئالاقە قىلسىڭىزمۇ، بۇنىڭ بىلەن چاتىغى بولمايدۇ
   ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، مۇھەببەت قاينىمىغا چۆككەن ئەركىشىنىڭ ئىگەللىۋىلىش ئىستىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ؛ بولۇپمۇ باشقا يات جىنىسلىقلار ئۇلار ياخشى كۆرگەن ئايال كىشىگە يېقىنلىشىپ قالسا، ئۇلار بۇنىڭغا قارىتا ناھايىتى بەك سەزگۈر بولۇپ كىتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ جىددىلىشپ كەتكەنلىكىدۇر.
   ئەگەر بىر ئەر كىشى سىزنىڭ باشقا ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىڭىزغا قىلچىلىك پىسەنت قىلىپ قويمىسا، قارىماققا سىزگە زىيادە ئىشەنگىنىدەك بىلىنگىنى بىلەن، ئەمىلىيەتتە سىزنى ئەسلا ياخشى كۆرمەيدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بۇنداق تەمكىن ھالەتنى ساقلىيالايدۇ.
ۋاقتىدا ئۆيگە قايتمىسىڭىز، ئۇ سىزگە تېلفونمۇ قىلمايدۇ، سىز قايتىپ كەلگەندىن كىيىن قەيەرگە بارغىنىڭىزنىمۇ سورىمايدۇ
   بىلىشىڭىز كىرەككى، ئەگەر بىر ئەركىشى سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرۈپ قالسا، ئۇنداقتا سىز ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىپ كەلمىسىڭىز، ئۇ چوقۇم سىزدىن ئەنسىرەپ كىتىدۇ؛ شۇڭا ئۇ بۇۋاقىتتا سىزگە تېلفون قىلىپ، سىزنىڭ كەچ قالغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بىلمەكچى بولىدۇ.
   بىراق، سىز ياخشى كۆرگەن ئۇ ئەركىشى، سىز ئۆيگە ۋاقتىدا قايتىپ كىلەلمىگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزدىن ئەنسىرەپ جىددىلىشىپ كەتمىسە ھەمدە سىزگە تېلفون قىلىپ ئەھۋالنى سوراپمۇ قويمىسا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە كۆپىنچە سىزگە ئورۇن يوق. بۇ سەۋەپلىك ئۇ ئاندىن تەمكىن ھالەتنى ساقلىيالايدۇ ھەمدە سىز ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىنمۇ، نىمىشقا كىيىن قالغىنىڭىزنى سوراپمۇ قويمايدۇ. بۇ قارىماققا سىزگە ئىشەنگىنى، ئەمىلىيەتتە بولسا كۆڭلىدە سىزگە قىلچىلىك ئىتىبار بىلەن قارىمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىزگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ھەم سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزنى سوراپ قويمايدۇ
   ئاياللار مۇھەببەت جەريانىدا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئەركىشىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلىشىنى ۋە كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا يېنىدا ئۆزىگە تايانچ بولۇپ تۇرالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرىدىغان ئەر كىشى بۇ نوقتىنى ئەلۋەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.
   بىراق ئەگەر ئەركىشى سىزنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ سىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلمەيدۇ؛ سىزنىڭ روھى ھالىتىڭىزنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، سىزدىن نىمە ئىشلار بولغانلىقىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوراپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇ، سىزنىڭ خۇشال بولۇش بولماسلىقىڭىز بىلەن ئەسلا كارى بولمايدۇ.

مۇھەببىتى ساختا ئەرلەر سىزنى بۇ ئۈچ يەرگە باشلايدۇ

ئەر-ئاياللار مۇناسىۋىتىدە، ئۇچرىشىشقا چىقىش ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بولۇپ، ئەگەر سورۇن ياخشى تاللانغان، مۇھىت كەيپىياتىمۇ توغرا بولغان

چۈمۈچ تۇتقانلار دىققەت: ياغ تەركىبى راستىنلا قورقۇنچلۇقمۇ؟

ئاز بولمىغان گۈزەللىكنى سۆيگۈچى كىشىلەر، گۆش تۈرىدىن تېخىمۇ قاچىدىغان بولۇپ، ھەرقېتىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار يىمەكلىكنى

ئالاقىنى ۋاقىتلىق ئۈزۈشنى ئۆگىنىش، ئاياللارنىڭ پاراسىتى

پىسخىلوگلارنىڭ بايقىشىچە، سىز بىر ئادەمنى قانچە ئىزدەپ يېقىنلاشقانسىرى، ئۇ شۇنچە ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن.

ئوغۇل دوستىڭىز بولسىمۇ قالايمىقان چاقچاق قىلماڭ، تۈرمىگە كىرىسىز

لى موۋنىڭ قىزدوستى چاقچاقنى چېكىدىن ئاشۇرۋەتكەن بولۇپ، لى موۋغا ئۆمۈرلۈك زىيان ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئاخىرىدا، لى موۋ قىز دوستىنى سوتقا ئ

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئون خىل ئىچىملىك

بۇ خىل پىۋا، ئادەتتە ياۋرۇ-ئامىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خۇسۇسى كۇلۇبلاردىلا كۆرىلىدىغان بولۇپ، باھاسى ئۈچ بوتولكا ماۋتەي ھارىقى

ئاچچىق يەپ ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ قالغاندا، بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号