كالا گۆشى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يىمەكلىك گۆش تۈرى. ئۇنداقتا سىز كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى قانچىلىك بىلەمسىز؟
ھازىرقى زامان تىبابەتچىلىك تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يۈز گىرام كالا گۆشى تەركىبىدە 72.8گىرام سۇ، 19.9گىرام ئاقسىل، 4.2گىرام ياغ، 2گىرام كاربون سۇ بىرىكمە ماددىلىرى بار بولۇپ، بۇندىن باشقا يەنە نىسبەتەن مول مىقداردا كالىي، ناترى، كالتسىي، ماگنى، تۆمۈر، مانگان، سىنىك، مىس، فوسفور قاتارلىقلار بار.

كالا گۆشىنىڭ ساغلاملىققا پايدىلىق ئامىللىرى:
1. مول مىقداردىكى تۆمۈر ماددىسى، تۆمۈر ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئىشلەپچىقىرىشىدا زۆرۈر بولغان مىنرالنى ماددا؛
2. زور مىقداردىكى سىنىك ۋە ماگنى، ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىگە ياردەملىشىپ، بالىلار كۆپ مىدىرلاش كىسىلى ۋە ياشانغانلار دىۋەڭلىك كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىنسۇلىن بىرىكىش مىتابولىزىمىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. زور مىقداردىكى كالىي ئىلمىنىتى؛ ئەگەر كالىي كەمچىل بولسا، ئاقسىل بىلەن ئۆسۈش ھورمۇنىنىڭ بىرىكىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، مۇسكۇللارنىڭ يىتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
4. ساركوزىن مىقدارى ھەرقانداق يىمەكلىكتىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىل ماددا مۇسكۇللارنىڭ يىتىلىشىگە بىۋاستە ياردەملىشىدىغان ۋە كۈچنى ئاشۇرىدىغان ئامىنو كىسلاتاسىدۇر. ساركوزىننىڭ ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈنۈمى بار بولۇپ، ئۇقۇغۇچىلار ئىمتاھان بەرگەنگە ئوخشاش، جىددى ئەقلى ئىقتىدارىنى كۆتۈرۈش كىرەك بولغان سورۇنلارغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.
5. مول مىقداردىكى ئالانىن؛ ئالانىن يىمەكلىكتىكى ئاقسىللاردىن قەنت ئايرىپ چىقىرالايدىغان بولۇپ، جىگەر ئارقىلىق شىكەر تەركىبلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كەتمەيدۇ؛ جىسمانى كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جىگەرنى قوغدايدۇ، سالامەتلىكنى ياخشىلايدۇ.
6. يۇقىرى مىقداردىكى گۆش زەھىرى ئىشقارى، بەدەندىكى ياغلارنىڭ مىتابولىزىمىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ياغنىڭ نورمىدىن ئارتۇق ساقلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ.
7. يىتەرلىك مىقداردىكى ۋىتامىن B6، ئىممونت كۈچىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئاقسىللارنىڭ ئالمىشىشى ۋە بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
8. تەركىبىدىكى ۋىتامىن B12 بولسا، تەبىئى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى بولۇپ، تارماق زەنجىرلىك ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىتابولىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەننىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئىھتىياجلىق بولغان ئىنىرگىيىنى تەمىنلەيدۇ.
9. زور مىقداردىكى ئادەم بەدىنى بىرىكتۈرەلمەيدىغان لىنولېنىك كىسلاتالىق ئېتىل ئېستىرى، ھايۋانات مەنبەلىك يىمەكلىلەرنىڭ ئىچىدىكى تەبىئى ھەم قىممەتلىك بولغان، راكقا قارشى تۇرغۇچى ياغ كىسلاتاسىنىڭ كىلىش مەنبەسىدۇر.

سىياھبېلىق گۈل شېخى، سىياھ بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىياھبېلىق باش پۇتلۇق يۇمشاق تەنلىك ھايۋان.
يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىد
ئۇيغۇرچە نامىتوشقان خەنزۇچە ئاتىلىشى兔 ئىنگلىزچە نامىrabbit,bunny،Rabbit تارقالغان رايونلار تەۋەلىكىھايۋاناتلار
كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈ
كالا گۆشى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يىمەكلىك گۆش تۈرى. ئۇنداقتا سىز كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى قانچىلىك بىلەمسىز؟
بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر د
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号