بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ
6 يىل ئىلگىرى تەمزاتبەگ 5689:ئادەم ئۆگەندى
    بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكىنى تارتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلارنىڭ كىم بىلەن ئۇخلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ. بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت، ئۇلاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يىتىلىشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. بىراق ھازىر، نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار ناھايىتى ئالدىراش بولغاچقا، بالا بېقىش ۋەزىپىسى چوڭلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ قالىدۇ. بىراق، بۇنداق قىلىش راستىنلا ياخشى بولامدۇ؟
كىچىكىدىن ئانىسى بىلەن بىللە ئۇخلايدىغان بالىنىڭ خارەكتىرى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر كىلىدۇ
   مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن، ئانىسىغا كۆڭلى ئەڭ يېقىن كىلىدىغان بولۇپ، بالىلار ئەڭ ياردەمسىز قالغان ئەھۋالدا، ھەمىشە ئانىسىنى ئىزدەيدۇ. بالا بىلەن ئانا ئوتتۇرسىدا، جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى تەبىئى باغلىنىش بار بولىدۇ. چۈنكى، بالىنىڭ ئانىسىغا بولغان تايىنىش تۇيغۇسى قوساقتىكى ۋاقتىدىنلا باشلىنىدىغان بولۇپ، بالا تېخى قوسىقىدىكى ۋاقتىدىلا، ئۇلار بىر تەن ھىسابلىنىدۇ؛ بالىياتقۇدىكى باش سۈيى ئىچىدە تۇرغان قاراڭغۇ مۇھىتتا، بالا ئۆزىنى شۇنداق بىخەتەر ھىس قىلىدۇ. شۇڭا، بالا تۇغۇلۇپ بالىياتقۇ مۇھىتىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئانىسىنىڭ پەپىلىشىگە مۇھتاج بولىدىغان بولۇپ، ئانىسى بىلەن بىۋاستە تىگىشىش ئارقىلىق ئاندىن قايتىدىن بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشەلەيدۇ.
   ئانا بالىسىغا ھەمرا بولۇپ ئۇخلىغان ۋاقىتتا، ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ۋاقىتا ئۇلارنىڭ ھىسيات ئالماشتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، گەرچە بۇ ۋاقىتتا بالا تېخى گەپ قىلىشنى بىلمىسىمۇ، ئەمما ئانىسىغا ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولۇپ، بالىنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھەرىكەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ قانداق خارەكتىر شەكىللەندۈرۈشكە يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ؛ ئانىلارمۇ بالىسىنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكىنىڭ يۈزلىنىشىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا قاراپ، ئۇنىڭغا قارىتا توغرا تەرەپكە قاراپ يىتەكلەش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار ئانىسى بىلەن ئۇخلىسا ناھايىتى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىرىشەلەيدۇ، ئانىسى بىلەن پاراڭلاشقاندا خۇشاللىق ھىس قىلىدۇ. كىچىكىدىن بۇنداق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىچىدە چوڭ بولغان بالىلار، كەلگۈسىدە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان چوڭ بولىدۇ.
ئانا بالا مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى غېرىپلىققا تولغان ھەم سۇغۇق مىجەز كىلىدۇ
   كىچىكىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس چوڭ بولغان بالىلار، ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى چوقۇم ئىنتايىن غېرىپ كىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار كىچىك ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈيۈنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار پەقەت ئاتا-ئانىسى بىلەنلا پاراڭلىشالايدۇ. بىراق، ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئالدىراش بولغاچقا، ئارام ئېلىشقا ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن، بالىسىنى كارتون فىلىم كۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانلىق تەرىپى، بالا تېلىۋىزور كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالىدۇ ھەم ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېراقلاپ كىتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان ئالاھىدىلىكى، ھازىرقى بەزىبىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاش، بىرەر ئىككى ئايدىمۇ ئۆيىگە بىرەر قېتىم تېلفون قىلىپ قويمايدۇ، ھەتتا ئۆيىگە قايتىش ۋاقتى كەلسە ئازراقمۇ ھاياجانلىنىپ سالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنى كىچىكىدىن ئانىسى يېنىدا تۇرغۇزۇپ بېقىپ چوڭ قىلمىغانلىقتىن بولىدۇ.
بالىلار بوۋىسى ياكى مومىسى بىلەن بىرگە ئۇخلىسا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ
   ھەر بىر ئادەمدە ماغدۇر بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياشتىكىلەرنىڭ ماغدۇرىنىڭ سۈپىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بالىلار كىچىكىدىنلا ماغدۇرى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىلىدۇ، خۇددى بىر قۇياشقا ئوخشايدۇ. بىراق بوۋىسى بىلەن مومسى ياشقا چوڭۇپ قالغان بولغاچقا، پۇت-قولىدا ماغدۇرى قالمىغان كىلىدۇ. بالىلار ئەگەر بوۋىسى ياكى مومىسى بىلەن بىرگە ئۇخلىسا، ئۇلارنىڭ ماغدۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بوۋىسى بىلەن مومىسى ياشقا چوڭۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن، ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىش سېستىمىسى ۋە بەدەن ئورگانىزىملىرىنىڭ ئىقتىدارىدا چىكىنىش كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەپەسلىنىشى جىددى كىلىدۇ ھەمدە بۇ سەۋەپلىك ئۇخلىغان ۋاقىتتا تېخىمۇ كۆپ كىرەكسىز گاز چىقىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىللە ئۇخلىغان بالا سۈمۈرۋالىدىغان كىرەكسىز گازمۇ بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىڭ يىتىلىشى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنى يىتىلىشىگە نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بالىلارنىڭ كىم بىلەن بىرگە ئۇخلىشى ئۇلارنىڭ خۇلقىنى بەلگىلەيدۇ

بالىلار ئۈچ ياشقا كىرىشتىن بۇرۇن كىم بىلەن ئۇخلىسا شۇنىڭغا بەكرەك ئامراق كىلىدۇ ھەمدە شۇنىڭ ھەرىكەت ئادەتلىرى ۋە خارەكتىر ئالاھىدىلىكى

بالىلارنىڭ ئىممونت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار

بەزى بوۋاقلارنىڭ تىنى ئاجىز بولۇپ، ھاۋا ئازراق سۇۋۇپلا قالسا قىزىپ زۇكامداپ قالىدۇ؛ ئەمما دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتسە، بالىدا چ

ئانىنىڭ ياسىنىشنى ياخشى كۆرۈش كۆرمەسلىكى بالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئانىنىڭ ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرۈشى ياكى كۆرمەسلىكى، بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەسىر بالا قورامىغا يەتكەندىن كىيىن

بوۋاقلارنىڭ "تەسلىم بولۇش" شەكلىدىكى ئۇخلاش ھالىتى

يېقىندا بەزى ئانىلار سۆز قالدۇرۇپ، بوۋىقىنىڭ تەسلىم بولغانغا ئوخشاش قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۋىلىپ ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇنداق ئەھۋ

تۇغۇتتا ياخشى كۈتۈنمىسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشتىن قۇتۇلالمايسىز

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن ك

بالىلارنىڭ گېلىغا نەرسە تۈرۈپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك

كىچىك بالىلاردا، ئادەتتە تاماق يىگەن ۋاقىتتا گېلىغا سۆڭەك ياكى باشقا يىمەكلىك تۈرۈپ قالىدىغان، ياكى بولمىسا بىرەر نەرسە ئويناپ يۈتۈپ س

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号