يېشىل قۇيرۇق راك(青虾)
9 يىل ئىلگىرى ئاشپەز 46542:ئادەم ئۆگەندى

 

يېشىل قۇيرۇق راك

 
 

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى يېشىل قۇيرۇق راك
خەنزۇچە ئىسمى 青虾
تىپى بوغۇم ئاياغلىقلار تىپى
تۈركۈمى ئون ئاياغلىقلار تۈركىمى
ئېنگىلىزچە ئىسمى squilla
تەۋەلىكى ھايۋاناتلار دۇنياسى
سىنىپى قاسراقلىقلار سىنىپى
ئائىلىسى ئۇزۇن پۇتلۇق راك ئائىلىسى
 

يېشىل قۇيرۇق راكيېشىل قۇيرۇق راك ئىقتىسادىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان تاتلىق سۇ راكلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز، جۇغى چوڭ، كۆپىيىشى تېز، ھاياتىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئېلىمىزدىكى تاتلىق سۇ دەريا-كۆللىرىگە كەڭ تارقالغان. يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ گۆشى يۇمشاق، مەززىلىك، ئوزۇقلۇقى مول، ھەر 100 گرام يېگىلى بولىدىغان قىسمىدىكى ئاقسىل 40.16 گرام بولۇپ، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنىڭ مېڭىنى بەلگىلىك قۇۋۋەتلەش رولى بار، دەپ قارايدۇ.

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بىراق، چۆچۈپ كەتكەندە ياكى رەقىبلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا قورساق قىسمىنى جىددىي تارايتىپ، قۇيرۇقى بىلەن سۇنى پالاقشىتىپ كەينىگە چېكىنىدۇ، ئاندىن بەدىنىنى توساتتىنلا تۈزلەپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، 5-، 6-ئايلاردا تۇخۇمدىن چىققان بالىسى ئادەتتە 40 كۈن ئىچىدىلا 3 سانتېمېتىر ئۆپچۆرىسىگە يېتىدۇ، 11-ئايدا ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 3 −5 گرامغا يېتىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك ئۆمرىدە 13 −15 قېتىم قاسىراق تاشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ، ئۆمرى ئادەتتە 14 −18 ئاي غىچە بولىدۇ.

يېشىل قۇيرۇق راك(2)يېشىل قۇيرۇق راكنى سۈنئىي بېقىشتا ھازىر تور ساندۇقتا بېقىش، كۆلچەكتە بېقىش ۋە بېلىق بىلەن راكنى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىشتەك بىرقانچە خىل ئۇسۇل بار. تور ساندۇقتا باققاندىكى مەھسۇلات مىقتارى بىرقەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭدىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. يېشىل قۇيرۇق راك سۇ تېگىدە ياشايدىغان قاسىراقلىق جانلىق، ئۇنى بېلىق بىلەن بىر كۆلدە باققاندا، سۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.[0]

 

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

خەتكۈچلەر:

سىياھبېلىق(乌贼)

سىياھبېلىق گۈل شېخى، سىياھ بېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىياھبېلىق باش پۇتلۇق يۇمشاق تەنلىك ھايۋان.

يېشىل قۇيرۇق راك(青虾)

يېشىل قۇيرۇق راكنىڭ سۇ ئۈزۈش ئىقتىدارى ناچار، قىسقا ئارىلىققىلا ئۈزەلەيدۇ، ئادەتتە سۇ ئاستىدىكى چۆپلەر ئارىسىدا ئۆمىلەپ ھەرىكەت قىلىد

توشقان(兔子)

ئۇيغۇرچە نامىتوشقان خەنزۇچە ئاتىلىشى兔 ئىنگلىزچە نامىrabbit,bunny،Rabbit تارقالغان رايونلار تەۋەلىكىھايۋاناتلار

كەپتەر(鸽子)

كەپتەر، بىر خىل ئىنتايىن كۆپ كۆرۈلىدىغان قۇش، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كەڭ كۆلەمدە بېقىپ، كەپتەر بولسا كەپتەر ئائىلىسىدىكى تۈرى يۈ

كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى

كالا گۆشى ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان يىمەكلىك گۆش تۈرى. ئۇنداقتا سىز كالا گۆشىنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى قانچىلىك بىلەمسىز؟

توخۇ گۆشى(鸡肉)

بۇ قىرغاۋۇل ئائىلىسىدىكى ئۆي توخۇسىنىڭ گۆشىدىن ئىبارەت. كەم قانلىق، قان ئازلىق، بەدەن ئاجىزلىق، مەنىي ئازلىق، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئېغىر د

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号