چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغان ھازىرقى زاماندا، چىرايلىقلىق دەرىجىسىمۇ چوقۇم باشلىنىش نوقتىسىدىن باشلاپلا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەللىشى كىرەك. شۇڭلاشقا، ئەگەر بالىڭىز ئاپئاق پاكىزە تۇغۇلسا، نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەسلىنىپ كىتىدۇ. بىراق، بەزى بوۋاقلار تۇغۇلۇشىدىنلا، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە قىزىل تەمرەتكە بار تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ئادەمنى قارىغانسىرى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. بۇ قىزىل تەمرەتكىلەر، دەل ھامىيلە زەھىرىدۇر.

ھامىيلە زەھىرى دىگەن نىمە؟
"زەھىرى" دىگەن بۇ سۆزنى ئويلىساقلا، ئەمىلىيەتتە بىز ھامىيلە زەھىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تەخمىنەن بىلىپ يىتەلەيمىز؛ ھامىيلە زەھىرى ئاساسلىقى بىر خىل رىئاكسىيە خارەكتىرلىك ئالامەت بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا زەھەرلىك ماددىلار بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ھامىيلە زەھىرى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدار ئايالنىڭ دىققەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن شەكىللىنىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا، ھامىيلە ئەمدى تۇغۇلغان ۋاقىتتا، ياكى ئايلىق بولغاندا، ھەتتا بىر ياش ئەتراپىدا ئاندىن بەزىبىر تىرىسىگە رىئاكسىيە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىرراق بولسا، يىرىڭداپ، غەلىتە پۇراق تارقىتىشى مۇمكىن.

ھامىيلە زەھىرىنىڭ شەكىللىنىشى
خۇددى ئادەتتە بىزدە كۆرۈلۈپ باققان رىئاكسيە ئالامەتلىرىگە ئوخشاش، كۆپ قىسىم ھامىيلە زەھىرى يىمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھامىلدار ئايال ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىمەك-ئىچمىكىگە دىققەت قىلمىسا، ھامىيلە زەھىرى شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئادەتتە بىر قەدەر خەتەرلىك بولغىنى ئاچچىق يىمەكلىكلەر بولۇپ، ئادەتتىكى نورمال كىشىلەر ئاچچىق يىمەكلىكلەرنى يەپ سالسىمۇ، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، ھامىلدار ئاياللاردا بولسا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، ئاچچىق يىمەكلىكلەر ئىچكى ئىسسىقنى پەيدا قىلىپ، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە پايدىسىز بولىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە تاماق تاللاش ناچار ئادىتى. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يىمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭ بولۇش كىرەك؛ بولمىغاندا، ئەگەر بىر خىللا يىمەكلىك ئىستىمال قىلسا، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قىمىرلىشىنى ئازايتىدىغان بولۇپ، ئىچكى ئىسسىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە يۇقىرى ئىنىرگىيەلىك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشمۇ، ھامىيلە زەھىرى شەكىللىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ھامىيلە زەھىرى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش
يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە: ئەڭ مۇھىم بولغىنى يىمەك ئىچمەككە دىققەت قىلىش بولۇپ، ھامىلدار ئايال يىمەكلىك ئىستىمالىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، "ئىچكى ئىسسىقلىقتىن" ساقلىنىشى كىرەك. كۈندىلىك تاماق ئىستىمالىدىمۇ، ئېغىر تەمگە بەك بىرىلىپ كەتمەي، ئادەتتە پۇرچاق تۈرىدىكى ۋە شۇ پەسىللىك مىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بىرىش ھەمدە بۇ ئارقىلىق بەدەندىكى سۇمىقدارىنىڭ يىتەرلىك بولۇپ قەۋزىيەت كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. ئەگەر ئىسسىغى ئېشىپ كەتكەن ئالامەتلەر كۆرۈلسە، يىشىل پۇرچاق شورپىسى دىگەنگە ئوخشاش ئىسسىق ھەيدەيدىغان يىمەكلىكلەرنى ئسىتىمال قىلىش لازىم. ئەلۋەتتە، نىمىلا يىمەيلى ياكى ئىچمەيلى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىرىنچى ئاساسى ئورۇنغا قويۇش لازىم.

تىرىنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش: ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىيلە بىلەن ھامىلدار ئايال بىر-بىرىگە تۇتاش كىلىدۇ؛ بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر ھامىلدار ئايالدا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، ھامىيلىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كىتىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ، تىرىگە رىئاكسىيە قىلىش مەسىلىسى، ھامىيلىنىڭ تىرىسىگە تېخىمۇ ئاسان تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئەگەر ھامىلدار ئايال ئەسلىدىنلا رىئاكسىيە قىلىدىغان تارىخى بار بولسا، تىرىسىنىڭ غىدىقلىنىشقا ئۇچرىماسلىقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. ئەگەر، رىئاكسىيە قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، چوقۇم دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، رىئاكسىيە مەنبەسىنى شاللاپ بىكىتىپ، ھامىيلىگە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ساقلىنىش لازىم. بۇندىن باشقا، تۇغۇتتىن كىيىنمۇ، بالىنى ئىمىتىش مەسىلىسىدە دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش كىرەك.