دولانا (山楂)
5 يىل ئىلگىرى تەمزات 239118:ئادەم ئۆگەندى

   دولانا، ئادەتتە تاغ مىۋىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى دولانا ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈكنىڭ مىۋىسى. دولانا ئۈكچىلىك مىۋە بولۇپ، ئۈكچىسى قاتتىق، ئېتى نېپىز ھەم ئازراق چۈچۈمەل قىرتام تەملىك كىلىدۇ.
   خەنزۇچە ئاتىلىشى: 山楂
   چەتئەلچە ئاتىلىشى: may tree
   لاتىنچە ئاتىلىشى: Crataegus pinnatifida Bunge
   تەۋەلىكى: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى—يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى—قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى—ئەتىرگۈل ئەترىتى—ئەتىرگۈل ئائىلىسى—دولانا ئۇرۇقدىشى
   دولانانى خام ياكى قاق سېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن دورىغا قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. دولانانىڭ قان بېسىمى ۋە قاننىڭ ماي تەركىبىنى تۆۋەنلىتىش، يۈرەكنى كۈچلەندۈرۈش، يۈرەك رېتىمى قالايمىقان بولۇشقا قارشى تۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈملىرى بار؛ يۇقارقىلاردىن باشقا، دولانانىڭ يەنە ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇپ بەلغەمنى بوشىتىش قاتارلىق ئۈنۈملىرىمۇ بار.

ئانار(石榴)

ئانار تەركىبىدە مىنرالنى ماددىلار، سىئانىن ۋە ئانار پولىفونىلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا ۋە ۋىتامىن C فول

ياڭاق ۋە سالامەتلىك

ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە،بىر ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ دانە ياڭاق يەپ بەرسە،يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىت

بانان(香蕉)

بانان—بانان ئائىلىسى بانان ئۇرۇقدىشىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە ئۇنىڭ مىۋىسىمۇ بانان دەپ ئاتىلىدۇ. بانان ئۆزى تەملىك ئۇزۇقلۇق تەركىب

بۆلجۈرگەن(草莓)

بۆلجۈرگەن ئەڭ دەسلەپ جەنۇبى ئامرىكا قىتئەسىدىن تارالغان، ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدە كۆپ ئۆستۈرىلىدۇ.

ئاپلىسىن(橘子)

ئاپلىسىن، تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان مىۋىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئەڭ دەسلەپ دۆلىتىمىزدىن تارقىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىرگە كەلگەندە ئاندى

مايمۇن شاپتۇلى(猕猴桃)

مايمۇن شاپتۇلى ئادەتتە يەنە قوي شاپتۇلى، تۈكلۈك شاپتۇل دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى ئىللىپىس شەكىلدە، رەڭگى يىشىل قوڭۇر رەڭدە

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1   新公网安备 65010202000516号